تورداشلار بىلىشكە تىگىشلىك ئىشلار

1. دوختۇرخانىمىز كەڭ تورداشلارنىڭ ئۇيغۇر تىبابەتچىلىككە بولغان تونوشىنى ئوستۇرۇش .دوختۇرخانىمىزنىڭ داۋالاش ، ئالدىنى ئىلىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئەۋزەللىكىنى چۇشەندۇرۇش ئەۋزەل بولغان داۋالىنىشتىن بەھرىمان قىلدۇرۇش، شۇنداقلا ھەرخىل كىسەللىكلەر ئۇستىدە مەسلىھەت بىرىش ، ئوز – ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇش ئۇچۇن بۇ تور بىكىتىنى ياسىدۇق ھەمدە مەخسۇس كىسەللىك بولوملىرى بويچە مەخسۇس دوختۇر سىز ئۇچۇن ئەلا مۇلازىمەت قىلىدۇ . تورداشلارنىڭ ئۇنۇملۇك پايدىلىنىشنى ھەمدە توۋەندىكى ئىشلارغا دىققەت قىلىپ بىرىىشنى سورايمىز.

2. سىز مەسلىھەت بىرىش سەھىپىسىدىن پايدىلىنىپ ئوزىڭىزنىڭ كىسەلىك ئەھۋالى ياكى سورىماقچى بولغان مەسلىھەتىڭىز قايسى بولوم كىسەللىكىگە تەۋە بولسا شۇ بولوم سەھىپىسىگە كىرىپ تەپسىلى بولغان كىسەللىك ئالامىتىنى ئىيتىپ بەرسىڭىز شۇ بولومگە مەسئۇل دوختۇر سىزنىڭ كىسەللىكىڭىزگە توغرا دىئاگىنۇز قويوپ كىسەللىكىڭىزنى دوختۇرخانىمىزدا قانداق ئۇسۇللار بىلەن داۋالاش ئىلىپ بارىدىغانلىقىنى تەخمىنەن داۋالىنىشقا كىتەرلىك بولغان ۋاقىت ۋە ئختىسادنى دەپ بىرىشى بىلەن بىرگە ، كىسەللىكىڭىز بالنىستا يىتىپ داۋالىنىش دەرىجىسىدە بولمىسا تور يۇزىدە سىزگە ئىستىمال قىلىشقا تىگىشلىك دورىلارنىڭ ئىسىملىكىنى ۋە تۇرمۇشتا دىققەت قىلىشىقا تىگشلىك ئىشلارنى تەپسىلى چۇشەندۇرۇپ قويىدۇ .

3. ئەگەر سىز سورىغان سۇئاللارغا مەسئۇل دوختۇر ئوز ۋاختىدا ياكى سىز رازى بولغۇدەك جاۋاپ قايتۇرالمىسا بىۋاستە تورباشقۇرغۇچىغا ياكى دوختۇرخانا رەھپەرلىكىگە ئىنكاس قىلىپ قويىشىڭىزنى سورايمىز .

4. دوختۇرخانىمىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان سۇئاللارنى سوراپ ئۇيغۇر تىبابىتىمىزنى ۋە دوختۇرخانىمىزنى تەرەققى قىلدۇرۇش ئۇچۇن پايدىلىق بولغان ھەرقانداق پىكىر تەكلىپلەرنى بىرىشىڭىزنى ئۇمۇد قىلىمىز

5. ئوزىڭىزنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ۋاختىنى ئىسراپ قىلىشتىن ساقلىنىش ئۇچۇن دوختۇرخانىمىز ياكى كىسەللىككە مۇناسىۋىتى بولمىغان سۇئاللارنى سوراشتىن ساقلىنىشىڭىزنى، ھەمدە ئەدەپ بىلەن خەت يىزىشىڭىزنى ئۇمۇد قىلىمىز . باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلىگەنلىك ئوزىڭىزنى قەدىرلىگەنلىك. ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىزدە ۋە مۇنبىرىمىزدە دولەتنىڭ تۇرلۇك قانۇن – سىياسەت پەرمانلىرىغا خىلاپ بولغان ، دولەتنىڭ ئىززەت ئابرۇيى ۋە بىرلىكىگە تەسىر يەتكۇزىدىغان ، مىللى بولگۇنچىلىك ۋە سىياسى تمىلاردىكى ھەرقانداق شەكىلدىكى يوللانمىلارنى ، ئۇچۇرلارنى يوللاشقا قەتئىي بولمايدۇ . بولگۇنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خاراكتىردىكى ئۇچۇرلارنى يوللىغان تورداشلار ئاقىۋىتىگە ئوزى مەسئۇل بولىدۇ . تور پونكىتىمىز ۋە دوختۇرخانىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۇستىگە ئالمايدۇ .