1. مەسلىھەت بەرگەندە ھەرۋاقىت چوقوم ئەستايىدىل، سەمىمىي ، ئىرىنمەستىن ، مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن مەسلىھەت بىرىشىڭىز كىرەك .
2. مەسلىھەت بىرىش جەريانىدا ئەگەر ئوزىڭىز بىلمەيدىغان كىسەللىك ياكى دوختۇرخانىمىزغا مۇناسىۋەتلىك سوئاللار سورىلىپ قالغاندا سىز چوقوم شۇ ئىشقا مەسئۇل خادىمدىن ياكى بىلىدىغانلاردىن سوراپ ۋە ياكى ئوپچى دىئاگىنۇز قويوپ بولغاندىن كىيىن ئاندىن جاۋاپ قايتۇرشىڭىز كىرەك . چۇنكى سىزنىڭ قايتۇرغان ھەربىر ئىغىز سوزىڭىز دوختۇرخانىمىزنىڭ ۋە بارلىق دوختۇرلىرىمىزنىڭ بىۋاستەئىززەت ئابرۇيىغا ۋە سەۋيسىگە مۇناسىۋەتلىك .
3. مەسلىھەت بەرگەندە ھەرقانداق ئۇسۇل ۋە ھەرقانداق شەكىل ئارقىلىق تورداشلارغا ‹‹ سىزگە دورا ئەۋەتىپ بىرەي ماۋۇ كارتىغا ياكى ماۋۇ ئادىرىسقا پۇل ئەۋەتىڭ ›› دىگەندەك ئۇچۇرلارنى ، جاۋاپلارنى يوللىشىڭىزغا توردىن پايدىلىنىپ ئوز نەپسىڭىزگە چوغ تارتىشىڭىغا قەتئى رۇخسەت قىلىنمايدۇ .ئەگەر شۇ تورداشنىڭ دوختۇرخانىمىزغا كىلىش شارائىتى يوق ، ياكى ئوزى تۇرىۋاتقان شەھەردە سىز ئىستىمال قىلىڭ دىگەن دورا تىپىلمىغان بولسا بىۋاستە دوختۇرخانىمىز ئوزى مۇۋاپىق ئورونلاشتۇرىدۇ .
4. سىزنىڭ قايتۇرغان جاۋابىڭىز ياكى مەسلىھەتىڭىز چوقوم ئەتراپلىق ،
توغرا بولىشى ، خاتا دىئاگىنۇز، خاتا جاۋاپ بولوپ قالماسلىقى ئۇچۇن
ئەستايىدىللىق بىلەن تورداشلىرىمىزنىڭ سورىغان سۇئاللىرىنى كوروپ
،سىزگە دىگەن ئالامەتلىرى تولوق بولمىغان ياكى چۇشىنىكسىز بولوپ قالغان
بولسا ئىرىنمەستىن قايتا- قايتا سوراپ ئاندىن جاۋاپ قايتۇرشىڭىز كىرەك.
ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىزدە ۋە مۇنبىرىمىزدە دولەتنىڭ تۇرلۇك قانۇن –
سىياسەت پەرمانلىرىغا خىلاپ بولغان ، دولەتنىڭ ئىززەت ئابرۇيى ۋە
بىرلىكىگە تەسىر يەتكۇزىدىغان ، مىللى بولگۇنچىلىك ۋە سىياسى
تمىلاردىكى ھەرقانداق شەكىلدىكى يوللانمىلارنى ، ئۇچۇرلارنى يوللاشقا
قەتئىي بولمايدۇ . بولگۇنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خاراكتىردىكى ئۇچۇرلارنى
يوللىغان تورداشلار ئاقىۋىتىگە ئوزى مەسئۇل بولىدۇ . تور پونكىتىمىز ۋە
دوختۇرخانىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۇستىگە ئالمايدۇ