باش بەت قىلىش يىغىپ ساقلاش  بۈگۈن: 
ئىش بىجىرىش
办事指南
政民互动
مەمۇرىيەتنى ئاشكارىلاش
政务公开
خوتەننىڭ ئومۇمى ئەھۋالى
和田概况
رەھبەرلەر
领导专栏
باش بەت
首页
سىزنىڭ ئورنىڭىز: ھۆكۈمەت ھۆججىتى > مەمۇرى مەھكىمە ھۆججىتى

خوتەن  ۋىلايەتلىك  مەمۇرىي  مەھكىمىنىڭ  بىخەتەر  ئىشلەپچىقىرىش  مەسئۇلىيىتى  توغرىسىدىكى  بەلگۈلىمىسىنى  تارقاتقانلىق  توغرىسىدا  ئۇقتۇرۇش  

:ۋاقىت:2011-10-14   ماقالىنىڭ كىلىش مەنبەسى


 خ م م [2011] 16- نومۇرلۇق
  خوتەن ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيىتى توغرىسىدىكى بەلگۈلىمىسىنى تارقاتقانلىق توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش

  ناھىيە (شەھەر)لىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى،مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ تارماقلىرى،بىۋاستە قاراشلىق ئاپپاراتلار،كەسپىي،كارخانا ئورۇنلار،خوتەندە تۇرۇشلۇق ئورۇن،قىسىم،ئاممىۋىي تەشكىلاتلار:
  «خوتەن ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيىتى توغرىسىدىكى بەلگۈلىمىسى» 2011- يىلى 1- قېتىملىق دائىمىي ئىشلار يىغىنىدا مۇزاكىرە قىلىپ ماقۇللاندى،ئۇنى سىلەرگە تارقاتتۇق،ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇشۇڭلارنى سورايمىز.

  2011- يىلى 3- ئاينىڭ 7- كۈنى

  خوتەن ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيىتى ھەققىدىكى بەلگىلىمىسى

  گوۋۇيۈەن ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدىكى تەلىپىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ،بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيىتىنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنىڭ ھايات ۋە مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش ئۈچۈن،«ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيىتى ھەققىدىكى بەلگىلىمىسى» (ش ھ [2011] 14- نومۇرلۇق)گە ئاساسەن،ۋىلايىتىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ،خوتەن ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمە ۋە ئۇنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيىتى ھەققىدە تۆۋەندىكى بەلگىلىمىنى چىقاردۇق:
  1. خوتەن ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيىتى
  خوتەن ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمە خوتەن ۋىلايىتىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمىتىگە بىر تۇتاش رەھبەرلىك قىلىدۇ:
  1) دۆلەتنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشقا ئالاقىدار فاڭجېن،سىياسەت ۋە قانۇن-نىزاملىرىنى تەشكىللەپ يولغا قويىدۇ؛
  2) ۋىلايىتىمىز بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنىڭ تەرەققىيات يىرىك پىلانىنى تۈزىدۇ ھەمدە ۋىلايىتىمىزنىڭ خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئومۇمىي پىلانىغا كىرگۈزىدۇ؛
  3) قانۇن-نىزام ۋە ۋىلايىتىمىز بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن،بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشقا ئالاقىدار قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتلەرنى تۈزۈشكە تەشكىللەيدۇ ۋە ئېلان قىلىدۇ؛
  4) بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نىشانلىق باشقۇرۇش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئورنىتىدۇ ۋە مۇكەممەللەشتۈرىدۇ ھەمدە تەكشۈرۈش،مۇكاپاتلاش-جازالاشقا تەشكىللەيدۇ. تەكشۈرۈشتە لاياقەتسىز بولغانلارغا بىر چاتاق بىلەن ئىنكار قىلىشنى يولغا قويىدۇ؛
  5) مەسئۇلىيىتى ئېنىق بولغان،بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى ھەر تەرەپلىمە نازارەت قىلىپ باشقۇرىدىغان ئاپپارات قۇرۇپ،خادىملار ئىشتاتىنى ئلمىي تەقسىملەپ،بىخەتەرلىكنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ۋاستىسىنى مۇكەممەللەشتۈرىدۇ ھەمدە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەخسۇس مەبلىغىنى مالىيە خامچوتىغا كىرگۈزىدۇ؛
  6) بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش بويىچە قەرەللىك يىغىنى ئېچىش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ،بىخەتەر ئىشلەپىچقىرىش ۋەزىيىتىنى قەرەللىك تەھلىل قىلىپ ۋە مۇھاكىمە قىلىپ،بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىدىكى چوڭ-چوڭ مەسىلىلەرنى ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلىدۇ؛
  7) ئالاقىدار تارماقلارنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشىغا مەدەت بېرىپ ۋە ھەيدەكچىلىك قىلىپ،بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش جەريانىدا ساقلانغان چوڭ-چوڭ مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلىدۇ؛
  8) تۆۋەن دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ئالاقىدار تارماقلارنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش بويىچە مەخسۇس تۈزەش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشنى ئورۇنلاشتۇرۇپ ۋە ئۇنىڭغا ھەيدەكچىلىك قىلىپ،قانۇنسىز ئىشلەپچىقىرىش ئورۇنلىرى ۋە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش شەرتىنى ھازىرلىمىغان تىجارەت ئورۇنلىرىنى قانۇن بويىچە ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ ۋە تاقىۋېتىدۇ؛
  9) ئالاقىدار تارماقلارنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش تەشۋىق-تەربىيەسى ۋە تەربىيەلەش خىزمىتىنى ئەستايىدىل قانات يايدۇرۇپ،بىخەتەرلىك ساۋاتلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇپ،بىخەتەرلىك ئېڭىنى كۈچەيتىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىدۇ؛
  10) ۋىلايىتىمىزنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش بويىچە جىددىي قۇتقۇزۇش سىستېمىسىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ،پەۋقۇلئاددە زور ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىكى ھادىسىسى جىددىي قۇتقۇزۇش لايىھەسىنى تۈزىدۇ ھەمدە مانېۋىرغا تەشكىللەيدۇ؛
  11)  زور،پەۋقۇلئاددە زور ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىكى ھادىسىسى ھەققىدىكى دوكلاتنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن،جىددىي قۇتقۇزۇش ۋە ئاخىرەتلىك ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىشقا دەرھال تەشكىللەپ،ھادىسە كېڭىيىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ؛
  12) زور ھادىسىنى تەكشۈرۈشنى ۋاقتىدا تەشكىللەيدۇ،تۆۋەن دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ياكى ئالاقىدار تارماقلاردىكى زور،پەۋقۇلئاددە زور ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىكى ھادىسىسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان جاۋابكارلارغا مەمۇرىي جازا بېرىش قارارىنى چىقىرىدۇ ھەمدە قارارنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىدۇ؛
  13) قانۇن-نىزامدا بەلگىلەنگەن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشقا ئالاقىدار باشقا مەسئۇلىيەتلەرنى ئادا قىلىدۇ.
  2. مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ ۋالىيسى،مۇئاۋىن ۋالىيلىرىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيىتى
  «بىخەتەرلىكنى 1- ئورۇنغا قويۇش،ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس قىلىش،ھەر تەرەپلىمە تۈزەش» فاڭجېنىنى ئومۇمىيۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ،بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشتا «بىر ئىش ئورنىدا 2 مەسئۇلىيەت بولۇش» تۈزۈمىنى قاتتىق يولغا قويۇپ،«كىم باشقۇرسا،شۇ مەسئۇل بولۇش» پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ،بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى كەسپىي خىزمەت بىلەن بىرلىكتە مۇھاكىمە قىلىش،بىرلىكتە ئورۇنلاشتۇرۇش،بىرلىكتە ئەمەلىيلەشتۈرۈش،بىرلىكتە تەكشۈرۈش،بىرلىكتە باھالاش كېرەك.
  1) مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ ۋالىيسى ۋىلايىتىمىز بويىچە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنىڭ 1- مەسئۇل كىشى بولۇپ،ۋىلايىتىمىزنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىگە ئومۇمىيۈزلۈك رەھبەرلىك قىلىدۇ. ئاساسلىق مەسئۇلىيىتى:
  (1) بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ مۇھىم ئىشلار كۈنتەرتىپىگە كىرگۈزۈپ،ئاپتونوم رايونلۇق بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش كومىتېتىنىڭ يىغىنى ۋە زور،پەۋقۇلئاددە زور ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىكى ھادىسىسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتى يىغىنىنى قەرەللىك رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ،بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىدىكى چوڭ-چوڭ مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا مۇھاكىمە قىلىش ۋە ھەل قىلىش؛
  (2) بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشتىكى نىشانلىق باشقۇرۇش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ،بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيىتىنى تەقسىملەپ،بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشقا مەسئۇل مۇئاۋىن ۋالىينىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىش ۋە ئۇنى قوللاش،باشقا مۇئاۋىن ۋالىيلارنىڭ مەسئۇلىيەت دائىرىسىدىكى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇشىنى تەكشۈرۈش ۋە ھەيدەكچىلىك قىلىش ھەمدە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىش ۋە تەكشۈرۈش؛
  (3) ئالاقىدار ئورۇنلار ۋە ناھىيە (شەھەر)لىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ گوۋۇيۈەن ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ زور،پەۋقۇلئاددە زور ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىكى ھادىسىلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش ھەققىدىكى تەستىقىي پىكرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىش.
  2) دائىمىي مۇئاۋىن ۋالىي،ۋالىيغا ياردەملىشىپ،ۋىلايىتىمىزنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەيدۇ. ئاساسلىق مەسئۇلىيىتى:
  (1) ۋالىيغا ياردەملىشىپ،ۋىلايىتىمىزنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىدىكى چوڭ-چوڭ مەسىلىلەرنى مۇھاكىمە قىلىش،ماسلاشتۇرۇش ۋە ھەل قىلىش؛
  (2) مۇئاۋىن ۋالىيلارنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش توغرىسىدىكى خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ماسلاشتۇرۇش ۋە ھەيدەكچىلىك قىلىش؛
  (3) پەۋقۇلئاددە زور ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىك ھادىسىسى يۈز بەرگەندە،نەق مەيدانغا ۋاقتىدا بېرىپ،قۇتقۇزۇش ۋە ئاخىرەتلىك ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىگە قوماندانلىق قىلىش ھەمدە ئالاقىدار خادىملارنى بەلگىلەنگەن تەرتىپ ۋە ۋاقىت بويىچە ئالاقىدار ئەھۋالنى يۇقۇرىغا يوللاشقا ھەيدەكچىلىك قىلىش؛
  (4) مەسئۇل بولغان تارماق ۋە ساھەلەرنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇشقا مەسئۇل بولۇش.
  3) بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىگە مەسئۇل مۇئاۋىن ۋالىينىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى ھەر تەرەپلىمە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمىتىگە بىۋاستە رەھبەرلىك قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. ئاساسلىق مەسئۇلىيىتى:
  (1) دۆلەت،ئاپتونوم رايون ۋە ۋىلايەتنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشقا ئائىت قانۇن-نىزام،فاڭجېن-سىياسەتلىرى ۋە مۇھىم يىغىننىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە مەسئۇل بولۇش،ئاپتونوم رايوننىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمەت نىشانى،پىلانى ۋە تەدبىرىنى تۈزۈش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە رىياسەتچىلىك قىلىپ،بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىدىكى چوڭ-چوڭ مەسىلىلەرنى مۇھاكىمە قىلىپ ھەل قىلىش ھەمدە ئالاقىدار ئەھۋاللارنى ۋالىي،دائىمىي مۇئاۋىن ۋالىيغا ۋاقتىدا دوكلات قىلىش؛
  (2) ۋىلايەتنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى ھەر تەرەپلىمە ماسلاشتۇرۇپ،پۈتۈن ۋىلايەتنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىش؛تارماقلار ۋە ناھىيە (شەھەر)لىك خەلق ھۆكۈمەتلەرنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋە تىزگىنلەش كۆرسەتكۈچىنى ئورۇنلاشقا ھەيدەكچىلىك قىلىش ۋە ئۇنى تەكشۈرۈش،ئالاقىدار تارماقلارنى ماسلاشتۇرۇپ،بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىدىكى ئالاقىدار مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش؛
  (3) ۋىلايەتلىك بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش كومىتېتىنىڭ كۈندىلىك رەھبەرلىك خىزمىتىگە مەسئۇل بولۇش؛ۋالىي،دائىمىي مۇئاۋىن ۋالىيغا ياردەملىشىپ،بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش كومىتېتى يىغىنىنى ئېچىش ياكى ۋالىينىڭ ھاۋالىسىگە بىنائەن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش كومىتېتىنىڭ يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلىپ،ناھىيە (شەھەر)لىك ھۆكۈمەتلەر ۋە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش نازارەتچىلىكى تارماقلىرى،ئالاقىدار ساھە مەسئۇل تارماقلىرىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلاپ،بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىيىتىنى تەھلىل قىلىپ ئىگىلەپ، زور،پەۋقۇلئاددە زور ھادىسە خەۋپىنى تۈگىتىش خىزمىتىگە ھەيدەكچىلىك قىلىش ۋە ئۇنى تەكشۈرۈش؛
  (4) ۋىلايەتتە زور،پەۋقۇلئاددە زور ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىك ھادىسىسى يۈز بەرگەندە،نەق مەيدانغا ۋاقتىدا بېرىپ،جىددىي قۇتقۇزۇش ۋە ئاخىرەتلىك ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىشقا كونكرېت يېتەكچىلىك قىلىپ ۋە ئۇنى ماسلاشتۇرۇپ،ھادىسىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش ھەمدە بەلگىلەنگەن ۋاقىت ۋە تەرتىپ بويىچە يۇقىرىغا مەلۇم قىلىش؛
  (5) مەسئۇل بولغان تارماق،ساھەلەرنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇشقا مەسئۇل بولۇش.
  4) مۇئاۋىن ۋالىيلار مەسئۇل بولغان تارماق،كەسىپلەرنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىدە بىۋاستە رەھبەرلىك قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. ئۇلارنىڭ ئاساسلىق مەسئۇلىيىتى:
  (1) مەسئۇل بولغان تارماق ۋە ساھەلەردە دۆلەت،ئاپتونوم رايون ۋە ۋىلايەتنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشقا ئائىت قانۇن-نىزاملىرى ۋە فاڭجېن-سىياسەتلىرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە مەسئۇل بولۇش؛
  (2) مەسئۇل بولغان تارماق ۋە ساھەلەرنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشىغا مەسئۇل بولۇپ،بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشتىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا مۇھاكىمە قىلىپ ھەل قىلىش؛ئالاقىدار ساھەلەردە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش بويىچە مەخسۇس تۈزەشنى تەشكىللەپ،زور،پەۋقۇلئاددە زور ھادىسە خەۋپىنى تۈزەش ۋە ھادىسە يۈز بېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرىنى تۈزەش ھەمدە ئۇنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەيدەكچىلىك قىلىش؛
  (3) مەسئۇل بولغان تارماق ۋە ساھەلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىك ھادىسىسىنى نەق مەيداندا جىددىي بىر تەرەپ قىلىشقا قوماندانلىق قىلىش؛مەسئۇل بولغان تارماق ۋە ساھەلەردە زور،پەۋقۇلئاددە زور ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىك ھادىسىسى يۈز بەرگەندە،نەق مەيدانغا ۋاقتىدا بېرىش ھەمدە ۋالىي،دائىمىي مۇئاۋىن ۋالىيغا ھەمكارلىشىپ،جىددىي قۇتقۇزۇش ۋە ئاخىرەتلىك ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش؛
  (4) مەسئۇل بولغان تارماق ۋە ساھەلەرنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ئاپپاراتى،خادىملىرى،خىراجىتى،ۋەزىپىسى ۋە نىشانىنىڭ ئەمەلىيلىشىش ۋە ئورۇنلىنىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ،ئۇنىڭغا ھەيدەكچىلىك قىلىش.
  3. ۋىلايەتلىك بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش كومىتېتىنىڭ مەسئۇلىيىتى
  ۋىلايەتلىك بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش كومىتېتى — مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ بىر تۇتاش رەھبەرلىكىدە مۇناسىپ فۇنكسىيەلىك تارماقلارنى تەشكىللەپ ۋە ماسلاشتۇرۇپ،بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان مۇھاكىمە ئاپپاراتى،ئۇنىڭ ئاساسلىق مەسئۇلىيىتى:
  (1) مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى مۇھاكىمە قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇش،بىر تۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇش،تەشكىللەپ يېتەكلەشكە مەسئۇل بولۇش؛
  (2) ۋىلايەتنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى كەڭ كۆلەمدە تەكشۈرۈش ۋە مەخسۇس تۈر بويىچە ھەيدەكچىلىك قىلىشنى تەشكىللەش؛مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ئۈستىگە ئالغان مەخسۇس تۈر بويىچە تەپتىشلەش،نازارەت قىلىش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىش،نازارەتچىلىك قىلىش ۋە ئۇنى ماسلاشتۇرۇش؛ناھىيە (شەھەر)لىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى تەكشۈرۈش ۋە ئۇنىڭغا ھەيدەكچىلىك قىلىش؛
  (3) ۋىلايەتنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىيىتىنى تەھلىل قىلىپ،بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشتىكى چوڭ-چوڭ مەسىلىلەرنى مۇھاكىمە قىلىپ ھەل قىلىش؛ۋىلايەتنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتى توغرىسىدىكى پىكىر،تەدبىرلەرنى مۇزاكىرە قىلىپ ئوتتۇرىغا قويۇش،مەمۇرىي مەھكىمىگە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ئۇچۇرى،خىزمەت ئەھۋالى ۋە تەكلىپىنى يوللاش؛
  (4) زور،پەۋقۇلئاددە زور ئىشلەپچىقىرىش ھادىسىلىرىدىن جىددىي قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى تەشكىللەش ۋە ماسلاشتۇرۇش،مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ ھاۋالىسىگە بىنائەن،زور ئىشلەپچىقىرىش ھادىسىلىرىنى تەكشۈرۈش ھەمدە تەكشۈرۈش دوكلاتىغا تەستىقىي جاۋاب بېرىش؛
  (5) مەمۇرىي مەھكىمە تاپشۇرغان باشقا بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمەتلىرىنى تاماملاش.
  4. ئالاقىدار تارماقلار ۋە ئورۇنلارنىڭ ئورتاق ئادا قىلىدىغان بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيىتى
  تارماقلار ۋە ئورۇنلار بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش قانۇن-نىزاملىرىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە قاتتىق رىئايە قىلىپ،خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىشى لازىم. دۆلەت،ساھەنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمەت ئۆلچىمىگە ئاساسەن،بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش بويىچە تىزگىنلەش كۆرسەتكۈچىنى تۈزۈپ،بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش بويىچە باھالاش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ،ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ،ئۆز ئارا ھەمكارلىشىپ،شۇ ساھە،شۇ تارماق،شۇ ئورۇننىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى ھەقىقىي كۈچەيتىشى لازىم.
  1) تارماقلار،ئورۇنلار مەسئۇلىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيىتى.
  تارماقلار ۋە ئورۇنلارنىڭ ئاساسلىق مەمۇرىي مەسئۇلى شۇ ساھە،شۇ تارماق،شۇ ئورۇننىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىدىكى 1- مەسئۇل كىشى بولۇپ،مەسئۇلىيەت دائىرىسىدىكى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىگە ئومۇمىيۈزلۈك رەھبەرلىك قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالىدۇ،بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى مۇھىم ئىشلار كۈنتەرتىپىگە،مەخسۇس تېما قاتارىدا ئۆز تارماق،ئۆز ساھە،شۇ ئورۇننىڭ يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈپ،بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇپ،تەڭ ئىلگىرى سۈرۈپ،تەڭ باھالاش؛بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمەت ئاپپاراتى،بىخەتەرلىك خەۋپىنى تۈزەش ۋە ھادىسىدىن جىددىي قۇتقۇزۇش بايلىقىنى جايىدا سەپلەپ،ئۇنىڭ ئۈنۈملۈك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش؛مۇئاۋىن ۋەزىپىدىكى رەھبەرلەرنىڭ مەسئۇلىيەت دائىرىسىدىكى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىش ۋە ئۇنى تەكشۈرۈش.
  تارماقلار ۋە ئورۇنلارنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىگە مەسئۇل مۇئاۋىن رەھبەرلىرى شۇ ئورۇننىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىگە كونكرېت مەسئۇل بولۇپ،بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى باشقۇرۇش،ھادىسە خەۋپىنى تۈزەش،خەتەر مەنبەسىنى تىزگىنلەش ۋە ھەر خىل جىددىي قۇتقۇزۇش بايلىقىنى جايىدا سەپلەشنى ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلىدۇ،ئىش تەقسىماتى دائىرىسىدىكى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ.
  تارماق ۋە ئورۇنلارنىڭ باشقا مۇئاۋىن رەھبەرلىرى ئىش تەقسىماتى دائىرىسىدىكى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ. خىزمەت دائىرىسىدىكى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ،تەكشۈرۈپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ،ھادىسە خەۋپىنى تۈزەش ۋە خەتەر مەنبەسىنى تىزگىنلەش خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇپ ئەمەلىيلەشتۈرىدۇ،مەسئۇل تارماقلارنى قانۇن بويىچە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشقا ھەيدەكچىلىك قىلىدۇ.
  2) تارماق ۋە ئورۇنلارنىڭ ئورتاق بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيىتى.
  (1) شۇ تارماق،شۇ ساھە ۋە شۇ ئورۇننىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش يىرىك پىلانى،تۈزۈمى ۋە باشقۇرۇش چارىسىنى تۈزەش ۋە يولغا قويۇش؛شۇ تارماق،شۇ ئورۇننىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى تۈزۈپ ۋە يولغا قويۇپ،بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيەت نىشانىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ھەمدە مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش ۋە باھالاش؛
  (2) شۇ تارماق،شۇ ساھەنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ئەھۋالىنى ئىگىلەپ،بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىيىتىنى تەھلىل قىلىپ ۋە مۆلچەرلەپ،قەرەللىك ھالدا مەسئۇل مۇئاۋىن ۋالىي ۋە ۋىلايەتلىك بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش كومىتېتىغا بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى دوكلات قىلىش؛ئېغىر مەسىلىلەر ياكى چېتىلىش دائىرىسى نىسبەتەن كەڭ مەسىلىلەرنى مەمۇرىي مەھكىمىگە ۋاقتىدا دوكلات قىلىش ھەمدە ۋىلايەتلىك بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش كومىتېتى ئىشخانىسىغا مەلۇم قىلىش؛
  (3) ھادىسە خەۋپىنى تۈزەش تۈزۈمىنى ئورنىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش؛شۇ تارماق،شۇ ساھە ۋە شۇ ئورۇننىڭ زور ۋە پەۋقۇلئاددە زور بىخەتەرلىك ئىشلەپچىقىرىش ھادىسىلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى تۈزەش ۋە يولغا قويۇش؛بىخەتەرلىكنى تەكشۈرۈشنى تەشكىللەپ،ھادىسە خەۋپىنى ۋاقتىدا تۈگىتىش ۋە ئۇنىڭغا ھەيدەكچىلىك قىلىش؛
  (4) خەۋپ-خەتەر مەنبەسى،زىياننى پەرقلەندۈرۈش بويىچە تىزگىنلەش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ،زور خەۋپ-خەتەر مەنبەسىنى ئۈنۈملۈك كونترول قىلىش؛بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشتىكى ئىلغا ۋە ياراملىق تېخنىكىلارنى قوللىنىشنى كېڭەيتىپ،زۆرۈر بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش سېلىنمىسىغا كاپالەتلىك قىلىپ،شۇ تارماق،شۇ ساھە ۋە شۇ ئورۇننىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش؛
  (5) شۇ تارماق،شۇ ساھە ۋە شۇ ئورۇننىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش تەشۋىق-تەربىيە خىزمىتىگە مەسئۇل بولۇپ،كۆپ خىل شەكىلدىكى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش تەشۋىق-تەربىيە پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ،بىخەتەرلىك مەدەنىيىتىنى تەشەببۇس قىلىپ،بىخەتەرلىك بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇپ،بىخەتەر مۇھىت بەرپا قىلىپ،تۈرلۈك خادىملارنىڭ بىخەتەرلىك ئىشلەپچىقىرىش ساپاسى ۋە ماھارىتىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈش؛
  (6) بىۋاستە مەسئۇل ئورۇنلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش ۋە ئۆزى ئۇيۇشتۇرغان تۈرلۈك كوللېكتىپ پائالىيەتلەرنىڭ بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل بولۇش؛
  (7) مەسئۇلىيەت دائىرىسىدىكى ئورۇنلاردا زور،پەۋقۇلئاددە زور بىخەتەرلىك ھادىسىسى يۈز بەرگەندە،دەرھال مەلۇم قىلىش ھەمدە نەق مەيدانغا ئادەم ئەۋەتىپ،ھادىسىدىن جىددىي قۇتقۇزۇش ۋە ئاخىرەتلىك بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىنى تەشكىللەپ،ئالاقىدار تارماقلارغا ھەمكارلىشىپ،ھادىسىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش.
  3) بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش فۇنكسىيەسى بار تارماقلار بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشقا چېتىلىدىغان ئىشلاردا تەكشۈرۈپ تەستىقلاش (تەستىقلاش،تەكشۈرۈش،ئىجازەت بېرىش،رويخەتكە ئېلىش،گۇۋاھلىق بېرىش،گۇۋاھنامە تارقىتىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ياكى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشقا تېگىشلىكلىرىنى ئالاقىدار قانۇن-نىزام ۋە دۆلەتنىڭ ئۆلچىمى ياكى ساھە ئۆلچىمىدە بەلگىلەنگەن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش شەرتى ۋە تەرتىپلىرى بويىچە تەكشۈرۈشى لازىم. ئالاقىدار قانۇن-نىزام ۋە دۆلەت ئۆلچىمى ياكى ساھە ئۆلچىمىدە بەلگىلەنگەن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش شەرتىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغانلىرىنى تەستىقلاشقا ياكى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشقا بولمايدۇ. بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشقا ئالاقىدار قانۇن-نىزام ۋە بەلگىلىمىلەرگە خىلاپ قىلمىشلارنى قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش لازىم. زور ھادىسە خەۋپىنى پاش قىلىش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ،پاش قىلىنغان مەزمۇنلارنى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىش لازىم. بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ئۇچۇرلىرىنى ئېلان قىلىش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ،بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ئۇچۇرلىرىنى قەرەللىك ئېلان قىلىش لازىم. بىرلەشمە قانۇن ئىجرا قىلىش خىزمىتى سالمىقىنى زورايتىپ،ئالاقىدار تارماق ياكى ئورۇنلار زىچ ماسلىشىپ ۋە ئۆزئارا ھەمكارلىشىپ،ئەھۋالدىن ئۆزئارا بىر-بىرىنى خەۋەرلەندۈرۈپ تۇرۇشى لازىم.
  5. بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش كومىتېتىغا ئەزا ئورۇنلارنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيىتى
  1) بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش نازارەتچىلىكى ئىدارىسى (بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش كومىتېتى ئىشخانىسى)
  (1) بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتى يىرىك پىلانىنى تۈزىدۇ؛ۋىلايەتنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى يېتەكلەيدۇ ۋە ماسلاشتۇرىدۇ. ۋىلايەتنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىيىتىنى تەھلىل قىلىپ ۋە مۆلچەرلەپ،ۋىلايەتنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ئۇچۇرىنى ئېلان قىلىدۇ؛بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشتىكى ئالاقىدار مەسىلىلەرنى ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلىدۇ؛
  (2) ۋىلايەتنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى ھەر تەرەپلىمە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىپ،ھەر تەرەپلىمە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ھوقۇقىنى يۈرگۈزىدۇ،ئالاقىدار تارماقلار ۋە ناھىيە (شەھەر)لىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇپ يېتەكلەيدۇ ۋە تەكشۈرۈپ نازارەت قىلىدۇ،ۋىلايەت بويىچە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نىشانلىق باشقۇرۇش ئەھۋالىنى باھالاشقا تەشكىللەيدۇ ھەمدە ئالاقىدار تىزگىنلەش كۆرسەتكۈچىنىڭ ئىجراسىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىدۇ؛
  (3) سانائەت،كان،سودا ئىشلەپچىقىرىش-تىجارەت ئورۇنلىرىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش قانۇن-نىزاملىرىنى ئىجرا قىلىش ئەھۋالى ۋە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش شارائىتى،قۇرۇلۇش تۈرلىرىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشىدا «3نى تەڭ قەدەمدە يولغا قويۇش» ۋە ئالاقىدار ئەسلىھەلىرى (ئالاھىدە ئەسلىھەلەر بۇنىڭ سىرتىدا)،ماتېرىيال،ئەمگەك مۇھاپىزىتى بۇيۇملىرىنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ نازارەت قىلىدۇ. سانائەت،كان،سودا ساھەسىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش بەلگىلىمە،ئۆلچەم ۋە قائىدىلىرىنى تۈزىدۇ ھەمدە يولغا قويۇشنى نازارەت قىلىدۇ؛
  (4) كۆمۈركاندىن باشقا كان كارخانىلىرى ۋە خەتەرلىك خىمىيەۋى بۇيۇم،ساليوت-پوجاڭزا ئىشلەپچىقىرىش،تىجارەت قىلىش كارخانىلىرىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ئىجازىتىنى تەكشۈرۈپ تارقىتىش ۋە باشقۇرۇشقا مەسئۇل بولىدۇ،بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشقا ئالاقىدار سىياسەت،تۈزۈم ۋە قائىدىلەرنى تۈزىدۇ ھەمدە يولغا قويۇشنى نازارەت قىلىدۇ،خەتەرلىك خىمىيەۋى بۇيۇملارنى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش بىرلەشمە يىغىنىنىڭ كۈندىلىك خىزمەتلىرىنى ئۈستىگە ئالىدۇ؛
  (5) سانائەت،كان،سودا كارخانىلىرىنىڭ مەشغۇلات سورۇنىنىڭ (كۆمۈر كان مەشغۇلات سورۇنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا) كەسپىي ساغلاملىقىنى تەكشۈرۈپ نازارەت قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىپ،كەسپىي ساغلاملىق بىخەتەرلىك ئىجازەتنامىسىنى تارقىتىش-باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولۇپ،كەسپىي ساغلاملىققا زىيان سالىدىغان ھادىسىلەر ۋە قانۇن-نىزامغا خىلاپ ھەرىكەتلەرنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشقا تەشكىللەيدۇ؛
  (6) ۋىلايەت بويىچە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى ئومۇمىيۈزلۈك تەكشۈرۈش ۋە مەخسۇس تۈر بويىچە تەكشۈرۈشكە مەسئۇل بولىدۇ؛
  (7) ھادىسىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش ۋە جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش ئەھۋالىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە يېتەكچىلىك ۋە نازارەتچىلىك قىلىش،چوڭ-چوڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ھادىسىسىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش ۋە بېجىرىپ ئاخىرلاشتۇرۇش خىزمىتىنى قانۇن بويىچە تەشكىللەش؛
  (8) بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش بويىچە جىددىي ئىشلارنى باشقۇرۇشقا ھەر تەرەپلىمە نازارەتلىك قىلىدۇ،جىددىي قۇتقۇزۇش،ياردەم بېرىش خىزمىتىگە قوماندانلىق قىلىدۇ ۋە ئۇنى ماسلاشتۇرىدۇ،ۋىلايەتنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ھادىسىسىنى ئىستاتىستىكىلاپ تەھلىل قىلىش خىزمىتىنى ئومۇمىي جەھەتتىن باشقۇرۇشقا مەسئۇل بولىدۇ؛
  (9) ساھەگە مەسئۇل تارماقلارنىڭ ئالاھىدە مەشغۇلات قىلىدىغان خادىملارنى تەكشۈرۈپ باھالاش خىزمىتى ۋە سانائەت،كان،سودا ئىشلەپچىقىرىش-تىجارەت كارخانىلىرىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇل خادىملىرى،بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى باشقۇرغۇچى خادىملارنىڭ بىخەتەرلىك خىزمىتى سالاھىيىتىنى باھالاش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىدۇ ۋە نازارەتچىلىك قىلىدۇ،سانائەت،كان،سودا ئىشلەپچىقىرىش-تىجارەت كارخانىلىرىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋە كەسپىي بىخەتەرلىك بويىچە تەربىيەلەش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ نازارەت قىلىدۇ؛
  (10) ۋىلايەتنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش بويىچە تەكشۈرۈش،ئۆلچەش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىدۇ،ماسلاشتۇرىدۇ،جەمئىيەتتىكى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋاستىچى ئاپپاراتلىرى ۋە بىخەتەرلىكنى باھالاش خىزمىتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرىدۇ.
  (11) بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش،پەن-تېخنىكا يىرىك پىلانىنى تۈزۈشكە تەشكىللەيدۇ،بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش بويىچە مۇھىم پەن-تېخنىكا تەتقىقاتى ۋە تېخنىكا كېڭەيتىش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىدۇ ۋە ئۇنى ماسلاشتۇرىدۇ؛
  (12) ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىشىپ ئاپتونوم رايونىمىز تەۋەسىدىكى مەبلەغ سۇبيېكتلىرىنىڭ چېگرا سىرتىدىكى ئىشلەپچىقىرىش-تىجارىتىنى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش بويىچە نازارەت قىلىش،باشقۇرۇشقا مەسئۇل بولىدۇ؛
  (13) ۋىلايەتنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش كومىتېتىنىڭ كۈندىلىك خىزمەتلىرىنى ئۈستىگە ئالىدۇ،ئەزا ئورۇنلار بىلەن ئالاقىلىشىشكە مەسئۇل بولىدۇ،ۋىلايەتلىك بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش كومىتېتىنىڭ يىغىن ۋە مۇھىم پائالىيەتلىرىگە دائىر ئىشلارنى ئۈستىگە ئالىدۇ،يىغىندا قارار قىلىنغان ئىشلارنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى تەكشۈرىدۇ؛
  (14) مەمۇرىي مەھكىمە تاپشۇرغان باشقا ئىشلارنى بېجىرىش.
  2) تەرەققىيات-ئىسلاھات كومىتېتى
  (1) بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى ۋىلايىتىمىزنىڭ خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات يىرىك پىلانىغا كىرگۈزىدۇ،باشقۇرۇش ھوقۇق دائىرىسى بويىچە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىش،تەپتىشلەشكە دائىر ئۇل ئەسلىھە،قانۇن ئىجرا قىلىش ئىقتىدارى،يۆلەش شەرتى،جىددىي قۇتقۇزۇش سىستېمىسى قۇرۇلۇش تۈرلىرىگە ۋىلايىتىمىزنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىقتىدار قۇرۇلۇشىغا زۆرۈر بولغان ئاپتونوم رايون خامچوت مەبلىغىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ھەمدە ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە ھۆكۈمەت سېلىنمىسىنى ئىشلىتىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىش ۋە تەكشۈرۈشكە مەسئۇل بولىدۇ؛
  (2) مۇناسىۋەتلىك يىرىك پىلاننى جىپسىلاشتۇرۇش،دەلىللەش ۋە يىرىك پىلاننى ئەنگە ئالدۇرۇشتا،بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەخسۇس تېما بويىچە تەكشۈرىدۇ،ئالاقىدار كەسىپ سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ،كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەيدۇ ۋە ياخشىلايدۇ؛
  (3) بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش،كەسپىي كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا «3نى تەڭ يولغا قويۇش» خىراجىتىنى قۇرۇلۇش تۈرىنى تەكشۈرۈپ بىكىتىش ۋە تەستىقلىتىش مەزمۇنىغا كىرگۈزىدۇ؛
  (4) ئالاقىدار كان سانائىتى تەرەققىيات پىلانى ۋە ئومۇمىي يىرىك پىلانىغا ماس كەلمەيدىغان،كەسىپ سىياسىتىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان،جايلىشىشى مۇۋاپىق بولمىغان كاننى تاقاشقا نازارەتچىلىك قىلىش ۋە يېتەكچىلىك قىلىشقا قاتنىشىدۇ؛
  (5) قالاق تېخنولوگىيە ۋە ئاساسىي بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش شەرتىگە توشمىغان ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى شاللىۋېتىشكە قاتنىشىدۇ ياكى ئۇنى تەشكىللەيدۇ؛
  3) ئىقتىساد-سودا كومىتېتى
  (1) ئالاقىدار ساھەلەرنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىگە بولغان باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشىگە يېتەكچىلىك قىلىدۇ. ئالاقىدار ساھەلەرنىڭ تەرەققىيات يىرىك پىلانى،سىياسەت،قانۇن،ئۆلچەملىك قائىدە ۋە تېخنىكا ئۆزگەرتىش قاتارلىق جەھەتلەردە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى بىر تۇتاش ئويلىشىپ،كەسىپ قۇرۇلمىسىنى ئۆستۈرۈش ۋە جايلىشىشىنى تەڭشەشنى كۈچەيتىپ،كەسىپ ئىجازىتىنى قاتتىق باشقۇرۇپ،تېخنولوگىيەسى ئىلغار قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى قوللاپ،قالاق تېخنولوگىيە ۋە ئاساسىي بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش شەرتىگە توشمىغان ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى شاللىۋېتىدۇ؛
  (2) ئالاقىدار ساھەلەرنىڭ قۇرۇلۇش تۈرلىرىدىكى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مۇئەسسەسەلىرى بىلەن ئاساسىي گەۋدە قۇرۇلۇشىدا «3نى تەڭ يولغا قويۇش» تۈزۈمىگە ھەيدەكچىلىك قىلىدۇ. ئالاقىدار تارماقلار ئالاقىدار ساھەلەرنىڭ كەسپىي كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشقا ماسلىشىدۇ.
  (3) ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە مەخسۇس مەبلەغ ئورۇنلاشتۇرۇپ، مۇناسىۋەتلىك ساھەلەرنىڭ بىخەتەرلىك تېخنىكىسىنى ئۆزگەرتىش تۈرى،بىخەتەر ساھەسىدىكى ئۇچۇرلاشتۇرۇش تۈرىنى قوللاپ،ئىلغار،پىشىپ يېتىلگەن تېخنولوگىيە ۋە ئۈسكۈنىلەرنى ئومۇملاشتۇرۇپ،ئىلگىرى سۈرۈپ،كارخانىنىڭ بىخەتەرلىك خىزمەت سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولىدۇ؛
  (4) خەلق ئىشلىتىدىغان پارتلاتقۇچ ئەسۋابلارغا دائىر ساھەلەرنى باشقۇرۇش ۋە كۆمۈركان ئاستىدا ئىشلىتىلىدىغان پىستان،پارتلاتقۇچ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشى،ئېلىكتىر ئېنىرگىيە،نېفىت خىمىيە،قۇرۇلۇش ماتېرىيالى،يېنىك سانائەت،توقۇمىچىلىق ساھەسىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىگە نازارەتچىلىك قىلىدۇ ۋە يېتەكلەيدۇ.
  (5) «خوتەن ۋىلايىتىنىڭ ئېلىكتىر تورىدا كەڭ كۆلەمدە توك توختاش ھادىسىسىگە جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھىسى»نى تۈزىدۇ ھەمدە تەشكىللەپ يولغا قويىدۇ؛
  (6) ئالاقىدار ساھەدە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش يېڭى تېخنىكىسىنى ئومۇملاشتۇرۇش،بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى ئومۇمىيۈزلۈك تەكشۈرۈش ۋە مەخسۇس تۈر بويىچە تەكشۈرۈشنى تەشكىللەيدۇ،خەۋپنى تەكشۈرۈش ۋە تۈزەشكە نازارەتچىلىك ۋە يېتەكچىلىك قىلىدۇ،بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشتىكى تۈرلۈك تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەيدەكچىلىك قىلىدۇ؛
  (7) نېفىت،تەبىئىي گاز،يېڭى ئېنېرگىيە ۋە ھاسىلىي ئېنېرگىيە قاتارلىق ساھەلەرنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش قائىدىلىرىنى تۈزۈشكە تەشكىللەيدۇ،ساھە باشقۇرۇشنى يولغا قويىدۇ؛
  (8) مەسئۇلىيەت دائىرىسىدە ئېلېكتىر ئېنېرگىيە قۇرۇلۇشىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىەە نازارەتچىلىك ۋە يېتەكچىلىك قىلىدۇ،ۋىلايىتىمىز بويىچە ئېلېكتىر تورىدىكى كەسىپكارلارنىڭ سالاھىيىتىنى بېكىتىش بويىچە نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشكە مەسئۇل بولىدۇ.
  (9) سودا كارخانىلىرىنىڭ بىخەتەرلىك باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشىگە ياردەملىشىدۇ،يىتەكچىلىك قىلىدۇ،بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش قانۇن،نىزاملىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ،بىخەتەرلىك ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرىدۇ.
  (10) ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە سىرتقا قۇرۇلۇش ھۆددىگە بېرىش،ئاپتونوم رايونىمىز ئىچىدىكى مەبلەغ سالغۇچى سوبىكىتلارنىڭ ئاپتونوم رايون سىرتىدا ئىشلەپچىقىرىش تىجارىتى بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ؛
  (11) كۆمۈركان بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش يىرىك پىلانى،قائىدىسى ۋە ئۆلچىمىنى نازارەت قىلىپ يولغا قويىدۇ؛ئالاقىدار تارماقلار بىلەن كۆمۈركان بايلىقىنى تەرتىپكە سېلىش ۋە كۆمۈركان كارخانىلىرىنى قوشۇۋېتىپ قايتا تەشكىللەش،كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش تەرتىپىنى ياخشىلاپ،قالاق بولغان كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى شاللىۋېتىپ،كۆمۈر كەسپىي قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ،دەرىجىسىنى ئۆستۈرىدۇ؛بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش شەرتىنى ھازىرلىمىغان،بايلىقلارنى ئىسراپ قىلىۋەتكەن،مۇھىت بۇلغىغان ۋە جايلىشىشى مۇۋاپىق بولمىغان تۈرلۈك كۆمۈر كانلارنى تاقىۋېتىشكە يىتەكچىلىك قىلىشقا مەسئۇل بولىدۇ.
  (12) ناھىيە (شەھەر)لىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ كۆمۈركان بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش قانۇن-نىزاملىرى ۋە ئۆلچىمىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ،كۆمۈركانلارنى تەرتىپكە سېلىپ تاقاش،كۆمۈركان بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش قانۇن ئىجراسى،كۆمۈركان بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش بويىچە مەخسۇس تۈزەش،ھادىسە يوشۇرۇن ئاپىتىنى تۈزىتىش ۋە قايتا تەكشۈرۈش،كۆمۈركاندىكى ھادىسىگە مەسئۇل خادىمنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈشنى نازارەت قىلىدۇ،تەكشۈرىدۇ ۋە يىتەكچىلىك قىلىدۇ.
  (13) كۆمۈركان بىخەتەرلىك ئىشلەپچىقىرىش ئىجازىتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىپ،قانۇن بويىچە كۆمۈركان بىخەتەرلىك ئىشلەپچىقىرىش ئىجازىتى تۈزۈمىنى تەشكىللەپ يولغا قويىدۇ،كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى،بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسىنى تەكشۈرۈش،باشقۇرۇش خىزمىتى،كۆمۈركان بىخەتەرلىكىنى باھالاش خىزمىتىنى تەشكىللەش،يىتەكچىلىك قىلىشقا مەسئۇل بولىدۇ؛
  (14)كۆمۈركان ئالاھىدە مەشغۇلاتچىلىرىنى تەربىيىلەش خىزمىتىگە يىتەكچىلىك قىلىدۇ،كۆمۈركان بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش تەربىيىسىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرىدۇ؛
  (15) كۆمۈركان مەشغۇلات سورۇنلىرىنىڭ كەسپىي گېگىنا ئەھۋالىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالىدۇ،كۆمۈركان مەشغۇلات سورۇنلىرىنىڭ كەسپىي گېگىنا ئەھۋالىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرىدۇ،كۆمۈركان كەسپىگە زىيانلىق ھادىسە ۋە قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى تەكشۈرۈشكە ياردەملىشىدۇ؛
  (16) كۆمۈركان كارخانىلىرىنىڭ بىخەتەرلىك ئىشلەپچىقىرىشنى نوقتىلىق نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈپ،قانۇن بويىچە كۆمۈركانلارنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش قانۇن بەلگۈلىمىلىرىنى ئىجرا قىلىش ئەھۋالى ۋە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش شارائىتى،ئەسلىھە ئۈسكۈنىلەر،ماتېرىيال،ئۈسكۈنە سائەتلەرنىڭ بىخەتەرلىك ئەھۋالىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرىدۇ؛
  (17) پۈتۈن ۋىلايەتنىڭ كۆمۈركان بىخەتەرلىك ئىشلەپچىقىرىش ئۇچۇرىنى ئېلان قىلىشقا مەسئۇل بولىدۇ،پۈتۈن ۋىلايەتنىڭ كۆمۈركان ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىك ھادىسىسى ۋە كەسپىي خېيىم-خەتەر ئەھۋالىنى سىتاتىستكىلاپ ئانالىز قىلىدۇ؛
  (18) ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە،كۆمۈركانلارنىڭ ئاساسىي قۇرۇلۇش تۈرىنى تۇرغۇزۇشنى تەكشۈرىدۇ،كۆمۈركانلارنىڭ قۇرۇلۇش سۈپىتىنى نازارەت قىلىشقا مەسئۇل بولىدۇ،كۆمۈركان قۇرۇلۇشى،كېڭەيتىش تۈرىدىكى بىخەتەرلىك ئەسلىھەلىرىنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش خىزمىتىگە قاتنىشىدۇ،بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان كۆمۈركانلارنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىدۇ؛
  (19) كۆمۈركان ھادىسىلىرىدىكى جىددىي تاقابىل تۇرۇش،ياردەم بېرىش خىزمىتىنى تەشكىللەش،ماسلاشتۇرۇشقا مەسئۇل بولىدۇ،كۆمۈركان ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىك ھادىسىلىرىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشقا قاتنىشىدۇ،ھادىسىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىدۇ؛
  (20) كۆمۈركان بىخەتەرلىك ئىشلەپچىقىرىش پەن-تەتقىقاتى ۋە پەن-تەتقىقات نەتىجىلىرىنى كېڭەيتىش خىزمىتىگە يىتەكچىلىك قىلىدۇ،كۆمۈركان بىخەتەرلىك ئىشلەپچىقىرىش پەن-تەتقىقات پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ،كۆمۈركان بىخەتەرلىك تېخنىكىسىنى ئۆزگەرتىشنى تەكشۈرۈش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ،پەن-تېخنىكىغا تايىنىپ كۆمۈرچىلىكنى گۈللەندۈرۈش سىتىراتىگىيىسىنى يولغا قويۇشقا مەسئۇل بولىدۇ؛
  (21) كۆمۈركان بىخەتەرلىك ئاساسىنى باشقۇرۇش خىزمىتىگە يىتەكچىلىك قىلىدۇ،كۆمۈركان كارخانىلىرىنىڭ بىخەتەرلىك سۈپىتىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش خىزمىتىگە يىتەكچىلىك قىلىدۇ.
  4) مائارىپ ئىدارىسى
  (1) مائارىپ سىستېمىسىنىڭ بىخەتەرلىكنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشقا مەسئۇل بولۇپ،تۈرلۈك مەكتەپلەر (يەسلى ئىچىگە ئېلىندى)نىڭ بىخەتەرلىك باشقۇرۇش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىش،تاسادىپىي ۋەقەگە جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى تۈزۈش ۋە بىخەتەرلىك ھادىسىسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى تۈزۈشكە يېتەكچىلىك قىلىدۇ. ئالاقىدار تارماقلارغا ماسلىشىپ،ھەر دەرىجىلىك مائارىپ تارماقلىرى،تۈرلۈك مەكتەپلەرنىڭ بىخەتەرلىك باشقۇرۇش جەھەتتىكى ۋەزىپىسىنى ئادا قىلماسلىق ياكى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشقا تەشكىللەيدۇ؛
  (2) بىخەتەرلىك تەربىيەسىنى مەكتەپ تەربىيە مەزمۇنىغا كىرگۈزۈپ، يەسلى،ئوتتۇرا،باشلانغۇچ مەكتەپلەر ۋە ئوتتۇرا تېخنىكوملارنىڭ بىخەتەرلىك تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ،بىخەتەرلىك بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرىدۇ؛
  (3) دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ بەلگىلىمىسىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ،قۇرماقچى بولغان مەكتەپلەرنىڭ بىخەتەرلىك بويىچە تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلىشقا نازارەتچىلىك قىلىدۇ،ئالاقىدار تارماقنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتەلمىگەن قۇرماقچى بولغان مەكتەپلەرنى تەستىقلىمايدۇ. ئالاقىدار تارماقلارنىڭ بىخەتەرلىك شەرتىگە توشمىغان مەكتەپلەرنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشىغا ماسلىشىدۇ؛
  (4) تۈرلۈك مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش تەجرىبىخانىسىنىڭ بىخەتەرلىككە بولغان نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىدۇ،ئوقۇتۇش تەجرىبىسىدە بىخەتەر مەشغۇلات قىلىش قائىدىسىگە رىئايە قىلىپ،ئوقۇتۇش تەجرىبە سايمانلىرىنى ئىشلىتىش ۋە ساقلاشتا بىخەتەرلىك تەلىپى بويىچە ئىش كۆرۈشكە ھەيدەكچىلىك قىلىدۇ؛
  (5) تۈرلۈك مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپ سىرتىدىكى ئىجتىمائىي ئەمەلىيەت ۋە باشقا كوللېكتىپ پائالىيەتلىرىنى بىخەتەرلىك بويىچە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشنى تەكشۈرىدۇ ۋە ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلىدۇ؛
  (6) ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە «مەكتەپ ئاپتوبۇسى»نىڭ بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش بەلگۈلىمىسىنى تۈزۈپ،«مەكتەپ ئاپتوبۇسى»نى مەخسۇس تەرتىپكە سېلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ،ئوقۇغۇچىلارنى توشۇيدىغان ئاپتوبۇسقا بولغان نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىدۇ.
  (7) ۋىلايىتىمىزدىكى ئوتتۇرا،باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئۆي بىخەتەرلىك قۇرۇلۇشى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىغا ئەزا ئورۇنلارنى ماسلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ئۈستىگە ئېلىپ،ئوتتۇرا،باشلانغۇچ مەكتەپ،يەسلىلەرنىڭ ئۆي بىخەتەرلىك قۇرۇلۇشىنى نازارەت قىلىش ۋە تەكشۈرۈش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ.
  5) پەن-تېخنىكا ئىدارىسى
  (1) بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش پەن-تېخنىكىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ۋىلايىتىمىزنىڭ ئوتتۇرا،ئۇزاق مەزگىللىك پەن-تېخنىكا تەرەققىيات يىرىك پىلانى ۋە خوتەن ۋىلايىتىنىڭ پەن-تېخنىكا پىلانىغا كىرگۈزىدۇ ھەمدە يولغا قويۇشقا تەشكىللەيدۇ؛
  (2) بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى قوللىنىشنى كېڭەيتىشكە بولغان تەشكىلىي رەھبەرلىك خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ،بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ئىلمىي تەتقىقات مۇۋەپپەقىيىتىنى ئايلاندۇرۇش-قوللىنىش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ؛
  (3) بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشقا دائىر ئىلمىي تەتقىقات تۈرلىرى سېلىنمىسىنى كۈچەيتىپ،كارخانىلارنى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش پەن-تېخىكا تەتقىقاتى سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇشقا يېتەكلەيدۇ ۋە ئۇلارغا مەدەت بېرىدۇ.
  6) ج خ ئىدارىسى (ئوت مۇداپىئە ئىدارىسى،قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتى)
  (1) ئورگان،ئاممىۋىي تەشكىلات،كارخانا،كەسپىي ئورۇنلار ۋە مۇئەييەن كۆلەمگە ئىگە يەككە سودا-سانائەتچىلەرنىڭ كۈندىلىك ئوتتىن مۇداپىئەلىنىشىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشكە مەسئۇل بولىدۇ،ئوت ئاپىتى يوشۇرۇن ئامىللىرى ۋە ئوت مۇداپىئەسىگە خىلاپ قىلمىشلارنى تۈزىتىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىدۇ؛
  (2) قانۇندا بەلگىلەنگەن كەسپىي ھوقۇق ۋە تەرتىپ بويىچە قۇرۇلۇش ئوت مۇداپىئە لايىھىسىنى تەكشۈرۈش،ئوت مۇداپىئە لايىھىسىنى ئەنگە ئالدۇرۇش،ئوت مۇداپىئە قۇرۇلۇشىنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش،ئوت مۇداپىئە قۇرۇلۇشىنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىپ ئەنگە ئېلىش ۋە ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرۈش،قانۇن بويىچە تۈرلۈك ئوت مۇداپىئەسىدىكى بەلگۈلىمىگە خىلاپ قۇرۇلۇشلارنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشقا مەسئۇل بولىدۇ؛
  (3) شۇ جايدىكى ھۆكۈمەتلەرنىڭ بىر تۇتاش رەھبەرلىكىدە شەھەر قۇرۇلۇشى،پىلان تارماقلىرى بىلەن بىرلىكتە جامائەت ئوت مۇداپىئە ئەسلىھەلىرىنى قۇرۇش،ئۆزگەرتىش ۋە ئاسراشقا ھەيدەكچىلىك قىلىدۇ؛
  (4) ئۆزىگە قاراشلىق قىسىملارنىڭ سىياسىي تەربىيە ۋە كەسپىي مەشىقلىرىنى تۇتىدۇ،قىسىملارنىڭ جەڭگىۋارلىقىنى ئۆستۈرۈپ،تۈرلۈك ئوت ئاپەتلىرىنى ۋاقتىدا ئۆچۈرۈپ،ئوت ئاپىتىنىڭ زىيىنىنى تىرىشىپ ئازايتىدۇ،ئوت ئۆچۈرۈشتىن باشقا تۈرلۈك خەتەردىن قۇتقۇزۇشقا قاتنىشىدۇ؛
  (5) كەسپىي ئوت مۇداپىئە ئەترىتى،پىدائىيلار ئوت مۇداپىئە ئەترىتى قاتارلىق ئوت مۇداپىئە تەشكىلاتلىرىغا كەسپىي جەھەتتىن يىتەكچىلىك قىلىدۇ،ئوت ئاپىتىدىن قۇتقۇزۇش ئېھتىياجىغا ئاساسەن،كەسپىي ئوت مۇداپىئە ئەترەتلىرىنى ئوت ئۆچۈرۈش،ئوتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە يۆتكەيدۇ؛
  (6) ئوت ئاپىتى سىتاتىستكىسىنى ئىشلەپ،ئوت ئاپىتى سەۋەبىنى تەكشۈرۈپ،ئوت ئاپىتى ھادىسىلىرىنى بىر تەرەپ قىلىدۇ؛
  (7) ئوت مۇداپىئە قانۇن بەلگۈلىمىلىرى تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىپ،ئالاقىدار تارماقلارنىڭ ئوت مۇداپىئە تەشۋىقاتىنى ئىشلىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىدۇ،يىتەكچىلىك قىلىدۇ ۋە ياردەملىشىدۇ،ئاخبارات،رادىئو-تېلېۋىزىيە قاتارلىق ئورۇنلار بىلەن ھەمكارلىشىپ،جەمئىيەتكە ئوت مۇداپىئە تەشۋىقاتى ئېلىپ بارىدۇ؛
  (8) قۇرۇلۇش بىزەكلىرىدىكى ئوت مۇداپىئە ماتېرىياللىرىدىن نۇسخا ئېلىپ تەكشۈرۈش ۋە ئوت مۇداپىئە مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشكە مەسئۇل بولىدۇ،قانۇن بويىچە ئادەملەر توپلىشىدىغان سورۇنلاردا لاياقەتسىز ئوت مۇداپىئە مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلىتىش ياكى دۆلەت بىراك قىلىۋەتكەن ئوت مۇداپىئە مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلىتىشتەك ئوت مۇداپىئە قانۇنىغا خىلاپ قىلمىشلارنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىدۇ،كۆيۈشچان ماتېرىياللارنى كۆپلەپ ئىشلىتىشنى مەنبەسىدىن تىزگىنلەپ،ساختا،ناچار،يالغان ئوت مۇداپىئە مەھسۇلاتلىرىغا زەربە بېرىدۇ،ئوت مۇداپىئە بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلىپ،جەمئىيەتنىڭ ئوت مۇداپىئە ئىقتىدارىنى ئۆستۈرىدۇ؛
  (9) ئالاقىدار تارماقلارنى ماسلاشتۇرۇپ،جەمئىيەتنىڭ ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىك تەربىيىسى خىزمىتىگە يىتەكچىلىك قىلىدۇ ۋە نازارەت قىلىدۇ،مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى،ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرى بىلەن بىرلىكتە،ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىك كەسپىي تەربىيىلەش ئاپپاراتلىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرىدۇ.
  (10) يول قاتناش بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ،ناھىيە (شەھەر)لىك ج خ ئورگانلىرىنىڭ يولدا كۆرۈلىدىغان ھادىسىلەردىن ساقلىنىش،ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى بىر تەرەپ قىلىشىغا يېتەكچىلىك،نازارەتچىلىك قىلىدۇ ۋە ماسلاشتۇرىدۇ،يول قاتناش تەرتىپىنى ساقلايدۇ،يول قاتناش بىخەتەرلىكى بويىچە تەشۋىقات،تەربىيە خىزمىتىنى قانات يايدۇرىدۇ؛
  (11) رادىيوئاكتىپلىق ماددىلار،پۇقراۋى پارتلىتىش بۇيۇملىرى ۋە پوجاڭزىلارنىڭ ئاممىۋىي بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ،ناھىيە (شەھەر)لىك ج خ ئورگانلىرىنىڭ پۇقراۋى پارتلىتىش بۇيۇملىرىنى سېتىۋېلىش،توشۇش،پارتلىتىش مەشغۇلاتى،شۇنداقلا پوجاڭزىلارنى توشۇش ۋە ئېتىش ھالقىسىنىڭ بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشىغا يېتەكچىلىك، نازارەتچىلىك قىلىدۇ ۋە ماسلاشتۇرىدۇ،پوجاڭزىغا دائىر قانۇنسىز قىلمىشلارغا زەربە بېرىش خىزمىتىدە باشلامچى بولىدۇ. پۇقراۋى قورال-ياراغلارنى ئىشلىتىدىغان ئورۇنلارنىڭ بىخەتەرلىك خىزمىتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشقا مەسئۇل بولىدۇ؛
  (12) ناھىيە (شەھەر)لىك ج خ ئورگانلىرىنىڭ قانۇن بويىچە ئۆتكۈر زەھەرلىك خىمىيەۋى بۇيۇملارنى سېتىۋېلىش،توشۇش ھالقىسىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك ۋە نازارەتچىلىك قىلىدۇ؛
  (13) ناھىيە (شەھەر)لىك ج خ ئورگانلىرىنىڭ ساليوت كېچىلىكى،پانۇس يىغىلىشى ۋە مەدەنىيەت،تەنتەربىيە،سودا پائالىيىتى ياكى كوللېكتىپ نامايىش قاتارلىق چوڭ ئاممىۋىي پائالىيەتلەرگە بىخەتەر باشقۇرۇشنى يولغا قويۇشىغا يېتەكچىلىك ۋە نازارەتچىلىك قىلىدۇ؛
  (14) ناھىيە (شەھەر)لىك ج خ ئورگانلىرىنىڭ يول قاتناش ھادىسىسى،ئوت ئاپىتىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشىغا،ئىستاتىستىكىلاش ۋە تەھلىل قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشىغا يېتەكچىلىك ۋە نازارەتچىلىك قىلىدۇ؛مۇناسىۋەتلىك بىخەتەرلىك ھادىسىسى بويىچە جىددىي قۇتقۇزۇش ۋە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشقا قاتنىشىپ،جايلاردىكى ج خ ئورگانلىرىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشقا چېتىلىدىغان جىنايى ئىشلار دېلولىرى ۋە ئامانلىق باشقۇرۇش دېلولىرىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلىدۇ.
  7) مەمۇرىي تەپتىش ئىدارىسى
  (1) بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشقا دائىر قانۇن-نىزاملارنى ئىزچىللاشتۇرۇش،ئىجرا قىلىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىش ۋە تەكشۈرۈشكە قاتنىشىدۇ،ئالاقىدار تارماقلار ھەم ئۇنىڭ خىزمەتچىلىرىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئەھۋالىنى مەمۇرىي تەپتىش قىلىدۇ؛
  (2) چوڭ-چوڭ ئىشلەپچىقىرىش ھادىسىسىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشقا قاتنىشىدۇ،ۋەقەگە چېتىشلىق ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ،نەپسانىيەتچىلىك قىلىش ۋە ھوقۇق-پۇل سودىسى قىلىش قاتارلىق قانۇنغا،ئىنتىزامغا خىلاپ قىلمىشلارنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىدۇ؛
  (3) خوتەن مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ ھادىسىنى تەكشۈرۈش دوكلاتى توغرىسىدىكى تەستىقىغا ئاساسەن،ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇلىيىتى بار مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار ۋە ئالاقىدار كىشىلەرنىڭ مەمۇرىي جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىدۇ. ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىك ھادىسىسىدە مەسئۇلىيەت سۈرۈشتۈرۈش خىزمىتىنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ،ھادىسىدىكى جاۋابكارلارنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتە قىلىش خىزمىتىنى ھەيدەكچىلىك قىلىپ ئەمەلىيلەشتۈرىدۇ.
  8) خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى
  (1) بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى مەھەللە قۇرۇلۇشى دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ،بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇپ،بىر تۇتاش يولغا قويىدۇ،كوچا ئىش باشقارمىلىرى،مەھەللە ئاھالە كومىتېتلىرى ۋە كەنت ئاھالە كومىتېتلىرىنىڭ مەھەللە بىخەتەرلىك قۇرۇلۇشى خىزمىتىەە ھەيدەكچىلىك ۋە يېتەكچىلىك قىلىدۇ؛
  (2) ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىك ھادىسىسىدىكى كېيىنكى ئالاقىدار ئىشلارنى ۋە ھادىسىدە ئۆلۈپ كەتكەنلەرنىڭ دەپنە ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرىدۇ؛
  (3) خەلق ئىشلىرى پاراۋانلىق ئاپپاراتلىرى،دەپنە ئەسلىھەلىرى،ئۈسكۈنىلىرى ۋە سورۇنلىرى قاتارلىقلارنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك ۋە نازارەتچىلىك قىلىدۇ.
  9) ئەدلىيە ئىدارىسى
  (1) بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشقا دائىر قانۇن-نىزاملارنى قانۇن ساۋاتلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش مەزمۇنىغا كىرگۈزۈپ،ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشقا دائىر قانۇن-نىزاملارغا ئائىت بىلىملەرنى تەشۋىق قىلىدۇ ۋە ئومۇملاشتۇرىدۇ. ئادۋوكاتلىق خىزمىتى،گۇۋاھلىق بېرىش خىزمىتى ۋە ئاساسىي قاتلام قانۇن مۇلازىمىتى خىزمىتىگە نازارەتچىلىك ۋە يېتەكچىلىك قىلىدۇ،ئىشلەپچىقىرىش،تىجارەت ئورۇنلىرى،ئەمگەكچىلەر،ھادىسىدە يارىلانغانلار ۋە كەسپىي كېسەل خەۋپىگە ئۇچرىغانلار،شۇنىڭدەك ئۇلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىگە قانۇن مۇلازىمىتى قىلىدۇ؛
  (2) تۈرمە،ئەمگەك بىلەن تەربىيەلەش ئورۇنلىرىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشقا دائىر قانۇن-نىزاملارنى ۋە ئۆلچەملەرنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئىجرا قىلىپ،بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ،بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش شارائىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ،ھادىسە خەۋپىنى تۈگىتىشكە يېتەكچىلىك قىلىدۇ.
  10) مالىيە ئىدارىسى
  (1) بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتى ئېھتىياجىغا ئاساسەن،ھۆكۈمەتنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش سېلىنمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ،بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەخسۇس مەبلىغىنى مالىيە خامچوتىغا كىرگۈزىدۇ؛
  (2) ئالاقىدار تارماقلارغا ماسلىشىپ،بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشقا دائىر ئىقتىسادىي سىياسەتلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرىدۇ،بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەخسۇس مەبلىغىنىڭ ئىشلىتىلىشىنى نازارەت قىلىدۇ،ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى ۋە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خەتىرى رەنىسى زاكالەت پۇلىنى يىغىش ۋە ئىشلىتىشنى نازارەت قىلىدۇ.
  11) ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى
  (1) بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشقا دائىر قانۇن-نىزاملار ۋە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش بىلىملىرىنى كەسپىي مائارىپ،داۋاملىق تەربىيە ۋە تەربىيەلەش،ئۆگىنىش پىلانىغا،شۇنداقلا دېھقان ئىشلەمچىلەرنى تەربىيەلەش مەزمۇنىغا كىرگۈزىدۇ ھەمدە تەشكىللەپ يولغا قويىدۇ؛
  (2) ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە ئىشلەپچىقىرىش ساھەسىدىكى تۈرلۈك كەسپىي تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرى،ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش يىرىك پىلانى ۋە داۋاملىق تەربىيەلەش،كەسپىي سالاھىيەتنى تەكشۈرۈپ باھالاش ۋە مۇكاپاتلاش-جازالاش قاتارلىق ئالاقىدار سىياسەتلەرنى تۈزىدۇ ۋە يولغا قويىدۇ،بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ساھەسىدىكى ئىلغار كوللېكتىپلار ۋە ئىلغار خىزمەتچىلەرنى باھالايدۇ ۋە تەقدىرلەيدۇ؛
  (3) بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش توختامى ۋە كەسپىي كېسەلدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئۇنى داۋالاش بويىچە كوللېكتىپ توختام ئىمزالاش خىزمىتىگە نازارەتچىلىك قىلىدۇ،بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش توختامى ۋە كەسپىي كېسەلدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئۇنى داۋالاشنى ئەمگەك توختامىغا كىرگۈزمەسلىكتەك قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىدۇ؛
  (4) ئىشلەپچىقىرىش ھادىسىسىنى تەكشۈرۈشكە قاتنىشىپ،كېيىنكى ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ،ھادىسىدە يارىلانغانلار ياكى كەسپىي كېسەلگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ ئىشتا يارىلىنىش ئىجتىمائىي سۇغۇرتىسى تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولۇشىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ،ئىشتا يارىلىنىش ھادىسىسىدىن مۇداپىئەلىنىش بويىچە تەشۋىقات،تەربىيە ۋە تەربىيەلەش خىزمىتىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرىدۇ؛
  (5) ئايال (قىز) ئىشچىلارنىڭ ساغلاملىقىغا زىيان سېلىش قىلمىشلىرى ۋە بالىلارنى ئىشلىتىش قىلمىشلىرىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىدۇ؛
  (6) تېخنىك ئىشچىلار مەكتەپلىرى ۋە كەسپىي تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىنىڭ بىخەتەرلىك باشقۇرۇش خىزمىتىگە نازارەتچىلىك ۋە يېتەكچىلىك قىلىدۇ،تېخنىك ئىشچىلار مەكتەپلىرى ۋە كەسپىي تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىنىڭ تاسادىپىي ۋەقەلەرگە جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى تۈزۈشى ۋە بىخەتەرلىك ھادىسىسىدىن مۇداپىئەلىنىش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە يېتەكچىلىك قىلىدۇ.
  12) زېمىن بايلىقى ئىدارىسى
  (1) ناھىيە (شەھەر)لىك زېمىن بايلىقى تارماقلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشىغا يېتەكچىلىك ۋە ھەيدەكچىلىك قىلىدۇ،قانۇنسىز كان ئېچىش،گۇۋاھنامىسىز كان ئېچىش،پاسىل ھالقىپ كان ئېچىش،قېدىرىپ تەكشۈرۈش نامىدا كان قېزىش ۋە بۇزغۇنچىلىق خاراكتېرىدە كان ئېچىش قاتارلىق قانۇنسىز ۋە قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىدۇ،تاقالغان كان كارخانىلىرىنىڭ كان قېزىش ئىجازەتنامىسىنى ۋاقتىدا بىكار قىلىدۇ؛
  (2) كاننىڭ گېئولوگىيەلىك مۇھىتىنى تۈزەش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك ۋە نازارەتچىلىك قىلىدۇ؛
  (3) گېئوقىدىرىپ تەكشۈرىدىغان ئورۇنلارنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشقا دائىر قانۇن-نىزاملارنى ۋە ئۆلچەمنى ئىزچىللاشتۇرۇپ،ئىجرا قىلىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىپ ۋە ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلىپ،بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ،بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش نازارەتچىلىكى تارمىقىنىڭ گېئوقىدىرىش تۈرى قۇرۇلۇشىدىكى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىگە ماسلىشىدۇ.
  13) مۇھىت ئاسراش ئىدارىسى
  (1) ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا بۇزغۇنچىلىق قىلغان،ئېغىر بۇلغىنىش پەيدا قىلغان ۋە مۇھىتقا بولغان تەسىرى باھالانمىغان كان قۇدۇقلىرىنى ئىشلەپچىقىرىشتىن توختىتىش ئەھۋالىنى نازارەتچىلىك ۋە يېتەكچىلىك قىلىدۇ،رادىيوئاكتىپلىقى بار كان بايلىقلىرىنى ئېچىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش جەريانىدا بۇلغىنىشتىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئۇنى تۈزەش خىزمىتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرىدۇ؛
  (2) خەتەرلىك تاشلاندۇقلارنى يىغىش،ساقلاش،پايدىلىنىش ۋە ئۇنى برى تەرەپ قىلىشقا نازارەتچىلىك قىلىپ باشقۇرىدۇ،ئالاقىدار خەتەرلىك خىمىيەۋى بۇيۇملارنىڭ مۇھىتنى بۇلغاش ھادىسىسى ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا بۇزغۇنچىلىق قىلىش ۋەقەلىرىنى تەكشۈرىدۇ،خەتەرلىك خىمىيەۋى بۇيۇملارنىڭ مۇھىتنى بۇلغاش ھادىسىسى نەق مەيدانىنىڭ مۇھىتىنى جىددىي ئۆلچەش،خەتەرلىك خىمىيەۋى بۇيۇملارنىڭ مۇھىتىنى باشقۇرۇش بويىچە تىزىملاش ۋە يېڭى خىمىيەلىك ماددىلارنىڭ مۇھىتىنى باشقۇرۇش بويىچە تىزىملاش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ؛
  (3) ناھىيە (شەھەر)لىك مۇھىت ئاسراش تارماقلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ھادىسىلىرىدىن كېلىپ چىققان ئىككىلەمچى زور،پەۋقۇلئاددە زور تاسادىپىي مۇھىت ۋەقەسىدىن جىددىي قۇتقۇزۇشقا يېتەكچىلىك قىلىدۇ ۋە ئۇنى ماسلاشتۇرىدۇ.
  14) قۇرۇلۇش ئىدارىسى
  (1) قۇرۇلۇشلاردىكى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش،بىناكارلىق كارخانىلىرىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ئىجازىتىنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل بولىدۇ،قۇرۇلۇش ساھەسىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشقا ئالاقىدار سىياسەت،قائىدە-تۈزۈم ۋە ئۆلچەملىرىنى تۈزىدۇ،شۇنداقلا ئىجراسىغا نازارەتچىلىك قىلىدۇ،قۇرۇلۇشلاردىكى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشقا دائىر قانۇنغا،بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىدۇ؛
  (2) شەھەرلەرنىڭ سۇ،گاز ۋە پار تەمىناتى قاتارلىق شەھەر مەمۇرىيىتى جامائەت ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى،تىرانسپورت بىخەتەرلىكىنى ۋە جىددىي ئىشلارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرىدۇ،ئۆي-مۈلۈك،خوجىلىق باشقۇرۇش ساھەسىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرىدۇ،يېزىلاردىكى تۇرالغۇ قۇرۇلۇشى،تۇرالغۇ بىخەتەرلىكى خىزمىتى ۋە خەتەرلىك ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىش خىزمىتىگە نازارەتچىلىك ۋە يېتەكچىلىك قىلىدۇ؛
  (3) بىناكارلىق قۇرۇلۇش كارخانىلىرىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇلى،تۈر مەسئۇلى ۋە كەسىپكارلارنى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش بويىچە تەربىيەلەشكە مەسئۇل بولىدۇ،بىناكارلىق ساھەسىدىكى ئېغىرلىق كۆتۈرىدىغان ماشىنا-سايمانلار،مەيدان ئىچىدىكى ماشىنا-ئۈسكۈنىلەردە ئالاھىدە مەشغۇلات قىلىدىغانلارنى سىناپ گۇۋاھنامە بېرىش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ؛
  (4) تۇرالغۇ قۇرۇلۇشى ۋە شەھەر مەمۇرىيىتى قۇرۇلۇشىدا ئېغىرلىق كۆتۈرىدىغان ماشىنا-ئۈسكۈنىلەرنى ئىجارىگە بېرىش،قۇراشتۇرۇش،چۇۋۇش ۋە ئىشلىتىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشقا مەسئۇل بولىدۇ؛
  (5) ناھىيە (شەھەر)لەردىكى قۇرۇلۇش تارماقلىرىنىڭ قۇرۇلۇش گۇۋاھنامىسىنى بەرگەندە،بىناكارلىق قۇرۇلۇش ۋە شەھەر مەمۇرىيىتى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى لايىھە ھۆججىتىنى تەكشۈرۈش،تۈزۈمنى قاتتىق ئىجرا قىلىشىغا،بىناكارلىق قۇرۇلۇشلىرىدىكى ئوت مۇداپىئەسى،خەتەرلىك بۇيۇملارنى ئىشلەپچىقىرىش،زاپاس ساقلاش خىزمىتى ۋە كەسىپ خەتىرى بار قۇرۇلۇش تۈرلىرى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتمىگەن ياكى تەكشۈرۈشتە لاياقەتسىز بولغانلارغا قۇرۇلۇش ئىجازەتنامىسى بەرمەسلىكىگە نازارەتچىلىك ۋە يېتەكچىلىك قىلىدۇ؛
  (6) پىلانلاش تارماقلىرىنىڭ شەھەر ئومۇمىي پىلانىنى تۈزگەندە،شەھەرلەردە ئوتتىن،يول قاتناش ھادىسىسىدىن،پارتلاشتىن،يەر تەۋرەشتىن،كەلكۈندىن ۋە تەبىئىي ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش پىلانى ۋە خەلق ھاۋا مۇداپىئە قۇرۇلۇشى پىلانى قاتارلىقلارنى بىخەتەرلىك تەلىپى بويىچە تەكشۈرۈشكە نازارەتچىلىك ۋە يېتەكچىلىك قىلىدۇ. چوڭ-چوڭ قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى بىخەتەرلىك بويىچە باھالاشقا قاتنىشىدۇ،شەھەرلەر،بازارلارنىڭ بىخەتەرلىك تەلىپىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان قۇرۇلۇش تۈرلىرىگە قارىتا يەر ئىشلىتىش ئىجازەتنامىسى ۋە بىناكارلىق قۇرۇلۇشىنى پىلانلاش ئىجازەتنامىسى بەرمەيدۇ،شەھەر ئوت مۇداپىئە پونكىتى قاتارلىق بىخەتەرلىك ئۇل ئەسلىھەلىرىنى پىلانلاش ۋە ئۇنىڭغا ئورۇن تاللاشنى كاپالەتلەندۈرىدۇ؛
  (7) ناھىيە (شەھەر)لەرنىڭ تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى سىستېمىسىنىڭ ئالاقىدار جىددىي بىر تەرەپ قىلىش لايىھەلىرىنى تۈزۈشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ،بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋە جىددىي ئىشلارغا دائىر باشقۇرۇش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىدۇ.
  15) قاتناش ئىدارىسى
  (1) تاشيول،سۇ يولى ۋە شەھەر-بازارلاردىكى جامائەت قاتناش ساھەسىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتى ۋە جىددىي ئىشلار خىزمىتىگە نازارەتچىلىك ۋە يېتەكچىلىك قىلىدۇ،تاشيول،سۇ يولى ۋە شەھەر-بازارلاردىكى جامائەت قاتناش ساھەسىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتى سىياسىتى،يىرىك پىلانى ۋە جىددىي لايىھەسىنى تۈزىدۇ ھەمدە نازارەت قىلىپ يولغا قويىدۇ،بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋە جىددىي قۇتقۇزۇش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىدۇ؛
  (2) يېزا تاشيول قۇرۇلۇشى بىخەتەرلىك ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرىدۇ،يېزا تاشيول قۇرۇلۇشى بىخەتەرلىك ئىشلەپچىقىرىش تۈزۈمىنى تۈزىدۇ ۋە يولغا قويۇشنى نازارەت قىلىدۇ،ئالاقىدار تارماقلارنى تەشكىللەپ يېزا تاشيول قۇرۇلۇشىنى لايىھىلەش بىخەتەرلىك ئەھۋالىنى تەكشۈرىدۇ؛
  (3) قاتناش-تىرانسپورت ئۇل ئەسلىھەلىرىنى باشقۇرۇش ۋە ئاسراشقا يېتەكچىلىك قىلىدۇ،مۇناسىۋەتلىك مۇھىم ئەسلىھەلەرنى باشقۇرۇش ۋە ئاسراشنى ئۈستىگە ئالىدۇ،ناھىيە (شەھەر)لەرنىڭ يېزا تاشيولدا بىخەتەرلىكنى قوغداش قۇرۇلۇشىنى تەشكىللەپ يولغا قويۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىدۇ،يېزا تاشيوللاردىكى خەتەرلىك يول بۆلەكلىرى ۋە يول قاتناش بىخەتەرلىكى بويىچە خەۋپ بار بۆلەك،نۇقتىلارنى تۈزەشكە مەسئۇل بولىدۇ،مۇتەخەسسىسلەرنى دەلىللەشكە تەشكىللەيدۇ،تۈزەش،ئۆزگەرتىش پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ ھەمدە ئەستايىدىل تەشكىللەپ يولغا قويىدۇ؛
  (4) ئالاقىدار تارماقلارغا ماسلىشىپ،ئاپتوموبىللارنىڭ تىرانسىپورت بىخەتەرلىكى بويىچە قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلىرىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىدۇ،تىرانسىپورت كارخانىلىرىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشتىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشىغا نازارەتچىلىك قىلىدۇ،تىجارەتچىلەرنىڭ بەلگىلىمە بويىچە تىجارەتكە ئىشلىتىۋاتقان ئاپتوموبىللىرىغا ئورۇن بەلگىلەش-كۆزىتىش سىستېمىسىنى ئورنىتىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىدۇ. ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىشىپ يول تىرانسىپورت بىخەتەرلىكى كۆزىتىش سىستېمىسىنى قۇرىدۇ ھەمدە كۆزىتىدۇ ۋە باشقۇرىدۇ. يولۇچى تىرانسىپورت بېكىتى ۋە مال تىرانسپورت بېكىتى (مەيدانى)نىڭ بىخەتەرلىك خىزمىتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشقا مەسئۇل بولىدۇ؛
  (5) خەتەرلىك بۇيۇملارنىڭ تاشيول ۋە توشۇش قوراللىرىنى ساھە بىخەتەرلىك ئىشلەپچىقىرىشى بويىچە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشقا مەسئۇل بولىدۇ،خەتەرلىك بۇيۇملارنى توشۇيدىغان كەسىپكارلارنىڭ سالاھىيىتىنى بېكىتىش ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشقا مەسئۇل بولىدۇ؛
  (6) ئاپتوموبىل رېمونت قىلىدىغان ۋە شوپۇر تەربىيەلەيدىغان ئورۇنلارنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىدۇ،قاتناش-تىرانسپورت كارخانىلىرى ۋە كەسىپكارلارنى بىخەتەرلىك بويىچە تەربىيەلەش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك ۋە نازارەتچىلىك قىلىدۇ؛
  (7) ئالاقىدار قاتناش-تىرانسپورت كارخانىلىرىنىڭ بىخەتەرلىك خىزمىتىنى باھالاشقا يېتەكچىلىك ۋە نازارەتچىلىك قىلىدۇ؛يۆلەك ئاپتوموبىللارنىڭ بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش مەسىلىسىنى تەدبىر قوللىنىپ ھەل قىلىدۇ؛
  16) سۇچىلىق ئىدارىسى
  (1) سۇچىلىق ساھەسىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىگە نازارەتچىلىك ۋە يېتەكچىلىك قىلىدۇ،سۇچىلىق قۇرۇلۇشلىرىغا دائىر بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلىدۇ؛
  (2) سۇ ئامبىرى،سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسى ۋە دامبىلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ۋە خەتەرلىك سۇ ئامبارلىرىنىڭ خەتىرىنى تۈگىتىش-مۇستەھكەملەش خىزمىتىگە نازارەتچىلىك ۋە يېتەكچىلىك قىلىدۇ،سۇچىلىق،سۇ ئېلېكتىر ئەسلىھەلىرى،كەلكۈن مۇداپىئە ئەسلىھەلىرى،سۇ ئامبىرى ۋە دامبا،شۇنداقلا نۇقتىلىق سۇچىلىق قۇرۇلۇشلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلىدۇ،سۇچىلىق،سۇ ئېلېكتىر قۇرۇلۇشلىرىغا دائىر بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش سىياسىتى،تۈزۈمى،تېخنىكا ئۆلچىمى ۋە ھادىسىلەرنى جىددىي بىر تەرەپ قىلىش لايىھەسىنى بەلگىلىمە بويىچە تۈزىدۇ ھەمدە يولغا قويۇشقا نازارەتچىلىك قىلىدۇ؛
  (3) دەريا يولىدىن شېغىل ئېلىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمىتىگە باشلامچىلىق بىلەن مەسئۇل بولىدۇ ھەمدە كەلكۈن مۇداپىئە بىخەتەرلىكى،دەريانىڭ مۇقىملىقى ۋە دامبىنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەسىر يەتكۈزىدىغان شېغىل ئېلىش ئىشلىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرىدۇ؛
  (4) سۇچىلىق سىستېمىسىدىكى كەسىپكارلارنى ئىشلەپچىقىرىش بويىچە تەربىيەلەش ۋە باھالاش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك ۋە نازارەتچىلىك قىلىدۇ؛
  17) دېھقانچىلىق ئىدارىسى
  (1) يېزا ئىگىلىكىدىكى تۈرلۈك كەسىپلەرنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىدۇ،يېزا ئىگىلىكىگە دائىر بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش يىرىك پىلانى ۋە جىددىي بىر تەرەپ قىلىش لايىھەسىنى تۈزىدۇ ھەمدە تەشكىللەپ يولغا قويىدۇ؛
  (2) يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرىدۇ،يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ مەشغۇلات بىخەتەرلىكى ۋە ئۇنى رېمونت قىلىش،باشقۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلىدۇ،يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى تىزىملاش،بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرۈش،ھادىسىنى بىر تەرەپ قىلىش،يېزا ئىەىلىك ماشىنا شوپۇرلىرىنى تەربىيەلەش ۋە باھالاپ گۇۋاھنامە بېرىش خىزمىتىەە يېتەكچىلىك قىلىدۇ؛
  (3) دېھقانچىلىق دورىسىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشقا مەسئۇل بولىدۇ،دېھقانچىلىق دورىسىنى ئىشلىتىش ھالقىسىدىكى بىخەتەرلىك خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىدۇ.
  18) مەدەنىيەت ئىدارىسى
  (1) شۇ ساھەدىكى كەسىپكار ئورۇنلارنىڭ بىخەتەرلىك باشقۇرۇش تۈزۈمى ۋە جىددىي لايىھەنى ئورنىتىشىغا يېتەكچىلىك ۋە ھەيدەكچىلىك قىلىشقا مەسئۇل بولىدۇ،كۈندىلىك باشقۇرۇشنى كۈچەيتىدۇ،بىخەتەرلىك مۇداپىئە تەدبىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرىدۇ،مۇزېي،قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئورنى،كۇتۇپخانا،مەدەنىيەت سارىيى،تورخانا ۋە تانسىخانا،شۇنداقلا ئۈن-سىن بازارلىرى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش خىزمىتىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرىدۇ،ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ ھادىسە خەۋپىنى تەكشۈرۈپ تۈگىتىشىگە يېتەكچىلىك ۋە ھەيدەكچىلىك قىلىدۇ؛
  (2) دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ بەلگىلىمىسىگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ،قۇرۇلىدىغان مەدەنىيەت بازارلىرىنىڭ بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشىنى قۇبۇل قىلىشىغا نازارەتچىلىك قىلىدۇ،ئالاقىدار تارماقلارنىڭ بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشىدىن ئۆتمىگەن قۇرۇلماقچى بولغان مەدەنىيەت سورۇنلىرىنى تەستىقلىمايدۇ. ئالاقىدار تارماقلارغا ماسلىشىپ،بىخەتەرلىك شەرتىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان مەدەنىيەت سورۇنلىرىنى قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىدۇ؛
  (3) ئويۇن قويىدىغان ئورۇنلارنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشكە مەسئۇل بولىدۇ؛
  (4) مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى رېمونت قىلىش،شۇنداقلا مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش دائىرىسى ئىچىدە قۇرۇلۇش قىلىشقا ئىجازەت بېرىش ۋە بىخەتەرلىكنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشقا مەسئۇل بولىدۇ؛
  (5) بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى مەھەللە مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى،يېزا-بازار مەدەنىيەت سارىيى ۋە كەنت مەدەنىيەت ئۆيى قۇرۇلۇشى قاتارلىق ساھەلەرگە كىرگۈزۈپ،بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇپ،بىر تۇتاش يولغا قويىدۇ،بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ئاساسىي بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرىدىغان جامائەت پاراۋانلىقى تەشۋىق-تەربىيە پائالىيىتىنى ماسلىشىپ قانات يايدۇرىدۇ.
  (6) جامائەت تەنتەربىيە ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىغا يىتەكچىلىك قىلىدۇ،جامائەت تەنتەربىيە ئەسلىھەلىرى بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرىدۇ،تەنتەربىيە ئورۇنلىرىنىڭ بىخەتەرلىكنى باشقۇرۇش تۈزۈمى ۋە جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھىسىنى تۈزۈشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىپ،بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ،ھادىسە يوشۇرۇن خەۋىپىنى تۈگىتىدۇ؛
  (7) خەتىرى يۇقۇرى تەنتەربىيە كەسپىي تەنھەركەت تۈرلىرىنى،كۆلىمى بىر قەدەر چوڭ مۇھىم تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىنىڭ بىخەتەرلىك باشقۇرۇش خىزمىتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرىدۇ؛
  (8) سىستېمىلارنىڭ ئىچىدىكى ئورۇنلارنىڭ بىخەتەرلىك قانۇن-بەلگۈلىمىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرىدۇ،بىخەتەرلىك ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرىدۇ؛
  (9) پوچتا كەپتىرى قويۇپ بېرىشكە ئالاقىدار بىخەتەرلىك خىزمەتلىرىنى نازارەت قىلىدۇ،پوچتا كەپتىرى قويۇپ بەرگەندە،ئايرودروم ھاۋا بوشلۇقىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداشقا ئالاقىدار بەلگۈلىمىلەرگە رىئايە قىلىدۇ؛
  (10) تەنتەربىيە مۇسابىقىلىرى پائالىيىتىدىكى جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھىسىنى تۈزۈپ،ئالاقىدار بىخەتەرلىك تەشۋىقات تەربىيىسى خىزمىتىنى قانات يايدۇرىدۇ.
  19) سەھىيە ئىدارىسى
  (1) كەسپىي كېسەلگە دىياگنوز قويۇش ۋە بېكىتىش خىزمىتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشقا مەسئۇل بولىدۇ،نۇقتىلىق كەسپىي كېسەلنى ئۆلچەش ۋە مەخسۇس تەكشۈرۈشنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرىدۇ،كەسپىي ساغلاملىق خەتىرىنى باھالاشنى قانات يايدۇرۇپ،كەسپىي كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش سىياسىتىنى تەتقىق قىلىپ ئوتتۇرىغا قويىدۇ. چوڭ-چوڭ تالاپەت ھادىسىسىدە داۋالاش،قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىدۇ ۋە ئۇنى ماسلاشتۇرىدۇ،چوڭ-چوڭ كەسپىي خەۋپ ھادىسىسىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىگە قاتنىشىدۇ،كەسپىي كېسەلدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئۇنى داۋالاش بويىچە تەشۋىق-تەربىيە خىزمىتى ۋە كەسپىي كېسەلنى ئىستاتىستىكىلاش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ؛
  (2) سەھىيە سىستېمىسىنىڭ بىخەتەرلىك خىزمىتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشقا مەسئۇل بولىدۇ،داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ داۋالاش تاشلاندۇقلىرى، رادىيوئاكتىپلىق ماددىلارنى بىخەتەر بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىدۇ،ساقلىق ساقلاش،داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ بىخەتەرلىك باشقۇرۇش تۈزۈمى ۋە جىددىي بىر تەرەپ قىلىش لايىھەسىنى تۈزۈشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىدۇ،بىخەتەرلىك بويىچە مۇداپىئە تەدبىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ،ئاسان يانىدىغان،پارتلايدىغان بۇيۇملار،ئۆتكۈر زەھەرلىك بۇيۇملار،ناركوز بۇيۇملىرى ۋە توك ئىشلىتىش ۋە ئوتتتىن مۇداپىئەلىنىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىدۇ؛
  (3) دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ بەلگىلىمىسىگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ،قۇرۇلىدىغان داۋالاش،ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتلىرىنىڭ مۇناسىپ بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلىشىغا نازارەتچىلىك قىلىدۇ،ئالاقىدار تارماقلارنىڭ بىخەتەرلىك بويىچە تەكشۈرۈشىدىن ئۆتمىگەن ئەھۋالىدا قۇرۇلماقچى بولغان داۋالاش،ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتلىرىنى تەستىقلىمايدۇ؛ئالاقىدار تارماقلارغا ماسلىشىپ،بىخەتەرلىك شەرتىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان داۋالاش،ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتلىرىنى قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىدۇ؛
  20) چارۋىچىلىق مالدوختۇرلۇق ئىدارىسى
  (1) چارۋىچىلىق بويىچە ئالاقىدار ھالقىلاردىكى كەسىپلەرنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىدۇ،چارۋىچىلىققا دائىر بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش سىياسىتى،يىرىك پىلانى ۋە جىددىي ئىشلار لايىھەسىنى تۈزىدۇ ۋە تەشكىللەپ يولغا قويىدۇ؛
  (2) يايلاقنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ،يايلاق ئېكولوگىيىسىنى قوغداش تۇلۇقلىما مۇكاپات مىخانىزمىغا ئالاقىدار سىياسەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە يىتەكچىلىك قىلىدۇ،يايلاق ماجرا دېلولىرىنى بىر تەرەپ قىلىدۇ،يايلاقتا ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئوت ئاپىتىدىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىدۇ،ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە يايلاق ئوت ئاپىتىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرىدۇ.
  (3) چارۋا مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرىدۇ،ھايۋانات گېگىناسى،يېڭى سۈت،نەسىللىك چارۋا قۇش،يەم-خەشەك،ھايۋانات دورىلىرى،يايلاق ئۇرۇقچىلىق ئىشلەپچىقىرىشى قاتارلىق بىخەتەرلىكنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمىتىنى ئىشلەيدۇ.
  21) ئورمانچىلىق ئىدارىسى
  (1) ئورمانچىلىق سىستېمىسىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىدۇ،قاراشلىق ئورۇنلارنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ؛
  (2) ئورماندا كېسەلدىن ۋە ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش خىزمىتىنى تەشكىللەش،يېتەكلەش،ماسلاشتۇرۇش،نازارەت قىلىش ۋە تەكشۈرۈش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ،ئورماندا كېسەلدىن ۋە ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش يىرىك پىلانى ۋە جىددىي ئىشلار لايىھەسىنى تۈزىدۇ ھەمدە تەشكىللەپ يولغا قويىدۇ. ئورماندا كېسەلدىن ۋە ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش بويىچە باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ؛
  (3) ئورۇنلارنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى تەكشۈرۈش ۋە ساھە ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بىخەتەرلىك تەشۋىقات،تەربىيە خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشىنى تەشكىللەيدۇ ھەمدە ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلىدۇ.
  22) مىللەت-دىن ئىشلىرى كومىتېتى
  (1) ناھىيە (شەھەر)لىك مىللەت-دىن ئىشلىرى تارماقلىرىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىگە يىتەكچىلىك قىلىدۇ،دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرىنى ئومۇمىيۈزلۈك تەكشۈرۈپ،بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋىپلىرىنى ۋاقتىدا تۈگىتىدۇ؛
  (2) ناھىيە (شەھەر)لەرنىڭ دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرىنى قايتا سېلىش،رىمونت قىلىش خىزمىتىنى تەستىقلايدۇ،دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرىنىڭ قۇرۇلۇش ئۆلچىمىنىڭ تۈرلۈك تەلەپلەرگە ئۇيغۇن بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ؛
  (3) ئوت مۇداپىئە ۋە بىخەتەرلىك تەشۋىقات تەربىيىسى خىزمىتىنى كۈچەيتىپ،دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرىغا ئوت مۇداپىئە ئۈسكۈنىلىرىنى سەپلەپ،ئوت ئاپىتى يوشۇرۇن خەۋپىنى تۈگىتىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىدۇ؛
  (4) ئېتىقادچى ئاممىغا بولغان تەشۋىقات-تەربىيە سالمىقىنى زورايتىپ،بىخەتەرلىك ئېڭىنى ئۆستۈرىدۇ،كوللېكتىپ مۇراسىم،ھېيت-بايراملىق دىنىي مۇراسىم،دەپنە مۇراسىمى قاتارلىق ئادەملەر توپلىشىدىغان پائالىيەتلەرنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ،تاسادىپىي ۋەقەلەرنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ؛
  (5) ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن،مازا تاۋاپ قىلىش پائالىيىتىنى باشقۇرۇپ،تۈرلۈك بىخەتەرلىك ۋەقەلىرىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ؛
  (6) بىر يىلدا ئىككى قېتىم ئېلىپ بېرىلىدىغان دىن ئىشلىرىنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى باھالاشقا بىرلەشتۈرۈپ،ناھىيە (شەھەر)لەرنىڭ دىنىي ساھەدىكى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىگە ھەيدەكچىلىك قىلىدۇ.
  23) رادىيو-كىنو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسى
  (1) ئۆز سىستېمىسىغا قاراشلىق ئورۇنلار،شۇنداقلا ئۈسكەنە،ئەسلىھەلەرنىڭ بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش خىزمىتىگە نازارەتچىلىك ۋە يېتەكچىلىك قىلىدۇ؛
  (2) رادىيو-كىنو-تېلېۋىزىيە قاتارلىق ئورۇنلارنى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش تەشۋىق-تەربىيە خىزمىتىگە تەشكىللەيدۇ ۋە ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلىدۇ،بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشقا ئالاقىدار قانۇن-نىزامغا خىلاپ قىلمىشلارغا جامائەت پىكرى ئارقىلىق نازارەتچىلىك قىلىدۇ؛
  (3) رادىيو ئىستانسىسى،تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى قاتارلىق ئاخبارات ۋاستىلىرىنى تەشكىللەپ،ئالاقىدار تارماقلارغا ماسلىشىپ،بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشقا ئالاقىدار چوڭ-چوڭ تەشۋىقات پائالىيەتلىرىنى ھەمدە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش بويىچە جامائەت پاراۋانلىقى تەشۋىقات،تەربىيە پائالىيىتىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرىدۇ.
  24) ساياھەت ئىدارىسى
  (1) ساياھەت بىخەتەرلىكىگە ئائىت ئۆلچەمنى تۈزىدۇ ھەمدە ئۇنى يولغا قوۇشقا تەشكىللەيدۇ؛
  (2) ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرگە ساياھەت بىخەتەرلىك بويىچە ھەر تەرەپلىمە تۈزەش خىزمىتىنى يولغا قويىدۇ،ئالاقىدار تارماقلارغا ھەمكارلىشىپ،ساياھەت مەنزىرىگاھلىرى (نۇقتىلىرى) قۇرۇلۇش تۈرلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرىدۇ،ساياھەت رايونىنىڭ بىخەتەرلىك ئەسلىھەلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرىدۇ،ئۆزگىچە،خەتەرلىك ساياھەت ئەسلىھەلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەيدۇ،ئالاقىدار تارماقلارغا ھەمكارلىشىپ،ساياھەتچىلەر توپلىنىدىغان سورۇنلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى كۈچەيتىدۇ؛
  (3) ھەر دەرىجىلىك ساياھەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرى ۋە ساياھەت كوپىراتىپ كارخانىلىرىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتى ۋە جىددىي ئىشلارنى باشقۇرۇش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىدۇ،تەكشۈرىدۇ ۋە نازارەتچىلىك قىلىدۇ،باشقا ساياھەتچىلىك كارخانىلىرى ۋە كەسپىي ئورۇنلارنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتى ۋە جىددىي ئىشلارنى باشقۇرۇش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىدۇ ۋە ئۇنى قېلىپلاشتۇرىدۇ،ساياھەت قاتناش بىخەتەرلىكى خىزمىتىگە يېتەكچىلىك ۋە نازارەتچىلىك قىلىدۇ،ساياھەت بىخەتەرلىكى جەھەتتىكى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىدۇ؛
  (4) ساياھەت بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇشقا دائىر تەشۋىقات،تەربىيە ۋە تەربىيەلەش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ.
  25) ئاشلىق ئىدارىسى
  (1) ئاشلىق ساھەسىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىدۇ،ناھىيە (شەھەر)لەردىكى ئاشلىق مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ قاراشلىق ئاشلىق ئامبىرى،ئاشلىق-ياغ ئىشلەپچىقىرىش،تىجارەت ئورۇنلىرىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى كۈچەيتىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىدۇ؛
  (2) ئاشلىق سېتىۋېلىش كارخانىلىرىنىڭ ئوت مۇداپىئە ئەسلىھەلىرى،پىششىقلاش ئۈسكۈنىلىرىنىڭ بىخەتەرلىك تېخنىكا تەدبىرلىىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشىگە يېتەكچىلىك قىلىدۇ؛
  (3) ئاشلىق ساھەسىنىڭ ئىسلاشقا ئىشلىتىدىغان خەتەرلىك خىمىيەۋى بۇيۇملىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىدۇ.
  26) يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ئىدارىسى
  (1) پۈتۈن ۋىلايەتنىڭ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى بىخەتەرلىك ئىشلەپچىقىرىشنى باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ؛
  (2) تىراكتور (تىرانسىپورتقا ئىشلىتىلىدىغان تىراكتورلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)،كومبايىن قاتارلىق يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ۋە ئېتىراپنامە بېرىش خىزمىتىنى تەشكللەپ يولغا قويىدۇ؛
  (3) يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ھادىسىلىرىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشقا قاتنىشىدۇ.
  27) دۆلەت مۈلكى نازارەتچىلىكى كومىتېتى
  (1) بىۋاستە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇۋاتقان كارخانىلارنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش فاڭجېن-سىياسەتلىرى،شۇنداقلا ئالاقىدار قانۇن-نىزام ۋە ئۆلچەملىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇشى ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىدۇ؛
  (2) بىۋاستە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇۋاتقان كارخانىلارنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشتىكى 1- جاۋابكارلىق مەسئۇلىيىتىنى ۋە كارخانىلارنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىپ،بىۋاستە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇۋاتقان كارخانىلار مەسئۇللىرىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشتىكى نەتىجىلىرىنى باھالاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەيدۇ؛
  (3) ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە،بىۋاستە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇۋاتقان كارخانىلارنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋە جىددىي ئىشلارنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى تەكشۈرۈش،ئۇنىڭغا ھەيدەكچىلىك قىلىش ئىشلىرىغا قاتنىشىدۇ ۋە ئۇنى تەشكىللەيدۇ،بىۋاستە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇۋاتقان كارخانىلارنىڭ تۈرلۈك بىخەتەرلىك بويىچە مۇداپىئە تەدبىرلىرى ۋە خەۋپنى تۈزەش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىەە ھەيدەكچىلىك قىلىدۇ؛
  (4) بىۋاستە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇۋاتقان كارخانىلارنىڭ بىر تۇتاش پىلان تۈزۈشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىپ،بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى ئوتتۇرا،ئۇزاق مەزگىللىك تەرەققىيات يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈپ،ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ سالامەتلىكى ۋە بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ.
  28) قانۇنچىلىق ئىشخانىسى
  (1) ئالاقىدار تارماقلار مەمۇرىي مەھكىمىگە يوللىغان بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشقا ئالاقىدار قائىدىۋىي ھۆججەتلەرنى تەكشۈرۈشكە مەسئۇل بولىدۇ؛
  (2) مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشقا دائىر قائىدىۋىي ھۆججەتلىرىنى چۈشەندۈرۈش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ،مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ كېسىم قىلىشىغا سۇنۇلغان بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشقا ئالاقىدار مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىش دېلولىرىنى بېجىرىدۇ،پۈتۈن ۋىلايىتىمىزنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش بويىچە مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك ۋە نازارەتچىلىك قىلىدۇ.
  29) باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى
  (1) ئەمگەكچىلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغدايدۇ، ئىشلەپچىقىرىش،تىجارەت ئورۇنلىرىنىڭ ئەمگەك مۇھاپىزىتىگە دائىر قانۇن-نىزاملارغا رىئايە قىلىش ئەھۋالىغا نازارەتچىلىك قىلىدۇ؛
  (2) بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىدىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىگە چېتىلىدىغان چوڭ-چوڭ مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈپ مۇھاكىمە قىلىدۇ،ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ جانىجان مەنپەئەتىگە چېتىلىدىغان مۇناسىۋەتلىك بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش سىياسىتى،تەدبىرى،تۈزۈمى ۋە نىزام لايىھەسىنى تۈزۈش خىزمىتىگە قاتنىشىدۇ؛
  (3) ناھىيە (شەھەر)لەردىكى ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرىنىڭ ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى ئەمگەك بىخەتەرلىكى ۋە ساقلىق ساقلاش بويىچە تەربىيەلەش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىدۇ،ناھىيە (شەھەر)لەردىكى ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرىنىڭ ئاممىۋىي ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىكى پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىدۇ؛
  (4) زور ئىشلەپچىقىرىش ھادىسىسى ۋە ئېغىر كەسىپ خەۋپى ھادىسىسىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشقا قاتنىشىدۇ،ئىشچى-خىزمەتچىلەرگە ۋاكالىتەن تەرتىپكە سېلىش ۋە مۇداپىئەلىنىش تەدبىرىنىڭ ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشىگە نازارەتچىلىك قىلىدۇ.
  30) سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسى
  (1) كارخانا قاتارلىق بازار سۇبيېكتلىرىنى تىزىملاش،رويخەتكە ئېلىشتا تەستىقلاشتىن ئىلگىرى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشقا ياكى جامائەت بىخەتەرلىكىگە چېتىلىدىغان مۇھىم ھۆججەتلەرنى تەكشۈرۈپ،ئالاقىدار ئىجازەتنامىلەرنى ئالمىغانلار ياكى تەستىقلاش شەرتىنى ھازىرلىمىغانلارنى تىزىملىمايدۇ؛
  (2) ئوت مۇداپىئە مەھسۇلاتلىرى،خەتەرلىك خىمىيەۋى بۇيۇملار ۋە پوجاڭزا قاتارلىق خەتەرلىك بۇيۇملار بازىرىنىڭ تىجارەت ھەرىكىتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇپ،قانۇنسىز ۋە قانۇنغا خىلاپ تىجارەت قىلمىشلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ ۋە ئۇنىڭغا زەربە بېرىدۇ؛
  (3) ئالاقىدار تارماقلار بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ئىجازىتىنى بىكار قىلغان كارخانىلارنىڭ تىجارەت دائىرىسىنى ئۆزگەرتىشىگە ياكى ئۇلارنى تىزىملىكتىن ئۆچۈرۈشكە ھەيدەكچىلىك قىلىدۇ،ئالاقىدار تارماقلارغا ماسلىشىپ،بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش (تىجارەت قىلىش) ئىجازىتى ئالمىغان كارخانىلارنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىدۇ ۋە ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ،گۇۋاھنامىسىز،قانۇنسىز ئىشلەپچىقىرىش،تىجارەت قىلىش،تىزىملانغان دائىرىدىن ھالقىپ ئىشلەپچىقىرىش ۋە تىجارەت قىلىشتەك قىلمىشلارنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىدۇ؛
  (4) ئالاقىدار تارماقلارغا ماسلىشىپ سودا بازارلىرىنىڭ بىخەتەرلىك خىزمىتىنى تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىدۇ،بازارنى باشقۇرىدىغان ئورۇنلارنىڭ بىخەتەرلىك خىزمىتىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشىگە تۈرتكە بولىدۇ؛
  (5) ئېلان ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئورۇنلارنى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش بويىچە جامائەت پاراۋانلىقى ئېلان بېرىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللەيدۇ.
  31) سۈپەت-تېخنىكا نازارەتچىلىكى ئىدارىسى
  (1) ھوقۇق دائىرىسىدىكى ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەرنىڭ بىخەتەرلىكىنى تەپتىشلەش،ئۇنىڭغا ئىجازەت بېرىش ۋە ئۇنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ؛
  (2) ھوقۇق دائىرىسىدىكى ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەر ھادىسىسىدىن جىددىي قۇتقۇزۇش ۋە ھادىسىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىنى تەشكىللەيدۇ؛
  (3) ھوقۇق دائىرىسىدىكى ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەرنى تەكشۈرگۈچى،پىرىيوم قىلغۇچى ئاپپاراتلار ۋە خادىملار،مەشغۇلاتچىلارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ۋە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش تەشۋىقات تەربىيىسى بېرىشكە مەسئۇل بولىدۇ؛
  32) مېتېئورولوگىيە ئىدارىسى
  (1) ھاۋارايى،كىلىمات ئۆزگىرىش ئەھۋالى،شۇنداقلا ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش،ئاپەتنى ئازايتىش خىزمىتى ئېھتىياجىغا ئاساسەن،ناھىيە (شەھەر) ۋە تارماققا مېتېئورولوگىيە ئاپىتىگە دائىر ئۆلچەش،مەلۇمات بېرىش،سىگنال بېرىش،شۇنداقلا مېتېئورولوگىيە خەۋپىنى باھالاش قاتارلىق ئۇچۇرلارنى ۋاقىتدا تەمىنلەيدۇ؛
  (2) چاقماق ئاپىتى خەۋپىنى باھالاش ۋە بىخەتەرلىك مۇداپىئە خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ،چاقماقتىن مۇداپئەلىنىش قۇرۇلۇشى بويىچە لايىھەلەيدىغان، قۇرۇلۇش قىلىدىغان ۋە ئۆلچەيدىغان ئورۇنلارنىڭ سالاھىيىتىنى باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ؛چاقماقتىن مۇداپىئەلىنىش قۇرۇلمىلىرىنىڭ چېرتيوژىنى تەكشۈرۈش ۋە پۈتكەن قۇرۇلۇشنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش، چاقماقتىن مۇداپىئەلىنىش ئەسلىھەلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرۈشكە،شۇنداقلا چاقماقتىن مۇداپىئەلىنىش قۇرۇلمىلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرۈشكە مەسئۇل بولىدۇ؛
  (3) ئادەمسىز ئەركىن گاز شارى،باغلىنىدىغان گاز شارىنى باشقۇرۇش سالاھىيىتى بويىچە تەستىقلاش ۋە بىخەتەرلىك بويىچە تەكشۈرۈشكە مەسئۇل بولىدۇ،ھاۋارايىغا سۈنئىي تەسىر كۆرسىتىش مەشغۇلاتى قىلىۋاتقان مەزگىلدىكى بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش،خادىملارنى تەربىيەلەش ۋە ھادىسىدىن مۇداپىئەلىنىش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ؛
  (4) بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ھادىسىسى بويىچە جىددىي قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى مېتېئورولوگىيە مۇلازىمىتى كاپالىتى بىلەن تەمىنلەشكە مەسئۇل بولىدۇ.
  33. پوچتا ئىدارىسى
  بوچتا ساھەسىنىڭ بىخەتەرلىك خىزمىتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ،ئەۋەتىش-يوللاش مۇلازىمىتى كارخانىلىرىنىڭ ئەۋەتىشنى مەنئىي قىلىش بەلگىلىمىسى ۋە تاپشۇرۇۋېلىشتىكى تەكشۈرۈش بەلگىلىمىسىنى ئىجرا قىلىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىدۇ،ئالاقىدار كارخانىلارنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش تۈزۈمىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ،بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە يېتەكچىلىك قىلىدۇ.
  34) تېلېگراف خوتەن شۆبە شىركىتى،كۆچمە خەۋەرلىشىش شۆبە شىركىتى،بىرلەشمە خەۋەرلىشىش خوتەن شۆبە شىركىتى
  (1) شۇ كارخانىنىڭ خەۋەرلىشىش بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك ۋە نازارەتچىلىك قىلىدۇ،خەۋەرلىشىش كارخانىلىرى،شۇنداقلا خەۋەرلىشىش ئەسلىھەلىرىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرىدۇ؛
  (2) خەۋەرلىشىش قۇرۇلۇشلىرىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشقا مەسئۇل بولىدۇ؛
  (3) خەۋەرلىشىش كارخانىلىرىنى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ھادىسىسىدىن جىددىي قۇتقۇزۇش ۋە ياردەم بېرىش خىزمىتىنى خەۋەرلىشىش كاپالىتى بىلەن تەمىنلەشكە تەشكىللەيدۇ؛
  (4) خەۋەرلىشىش كارخانىلىرىنى جامائەت پاراۋانلىقى خاراكتېرىدىكى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش تەشۋىقاتىنى قانات يايدۇرۇش ۋە ئۇچۇر ئېلان قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە تەشكىللەيدۇ.
  35) خوتەن ئېلىكتىر چەكلىك شىركىتى
  (1) دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىك سىياسىتى،قانۇن-بەلگۈلىمىلىرى،نىزام-تۈزۈملىرىنى ئىجرا قىلىپ،پۈتۈن ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ بىخەتەرلىك ئىشلەپچىقىرىش قارشىنى ئۆستۈرۈپ،بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشقا،ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئېلىكتىر ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدىكى بىخەتەرلىكى ۋە ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ؛
  (2) توك بىلەن تەمىنلەش شىركىتى،تىرانسىفورماتور پونكىتى قاتارلىق ئېلىكتىر تورى ئەسلىھەلىرىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىگە يىتەكچىلىك قىلىدۇ؛
  (3) ھادىسىنى تەكشۈرۈش،گۇۋاھلىق ئېلىش،تۆلەم بېرىش،بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش قانۇنىي مەسئۇلىيىتىنى بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەيدۇ؛
  (4) يۇقۇرىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى باشقۇرۇشقا ئالاقىدار يىغىن روھى ۋە ھۆججەت روھىنى يەتكۈزۈشكە مەسئۇل بولىدۇ ھەم قەرەللىك ھالدا بىخەتەرلىكنى چوڭ تەكشۈرىدۇ؛
  (5) ئورۇنلارنىڭ خىزمەت بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ۋە تېخنىكا تەدبىرلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش،ئىجرا قىلىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرىدۇ؛
  (6) يېڭىدىن قۇرۇلىدىغان،ئۆزگەرتىلىدىغان،كېڭەيتىلىدىغان قۇرۇلۇشلارنىڭ بىخەتەرلىك سۈپىتىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش ۋە قۇرۇلۇشنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشقا قاتنىشىدۇ،ئېلىكتىر،ئالاقە،رادىئو-تېلېۋىزىيە لىنىيەلىرىنىڭ بىخەتەرلىك ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىگە ئەھمىيەت بېرىدۇ.
  36) خەلق ئاۋىئاتسىيەسى شىنجاڭ ئىدارىسى
  (1) خەلق ئاۋىئاتسىيەسىنىڭ ئۇچۇر بىخەتەرلىكى ۋە يەر يۈزى بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. خەتەرلىك بۇيۇملارنى ھاۋادا توشۇشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشقا، ئايرودۇرۇملارنىڭ ئۇچۇش تەرتىپى ۋە ئايلىنىشىدىكى ئەڭ تۆۋەن ئۆلچەمنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ؛
  (2) خەلق ئاۋىياتسىيەسىنىڭ ھاۋا قاتنىشىنى باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ؛خەلق ئاۋىئاتسىيەسىنىڭ خەۋەرلىشىش،يول باشلاش،نازارەت قىلىش،ئۇچۇش ئاخباراتىنى يوللاش،ھاۋارايى مۇلازىمىتىگە دائىر خىزمەتكە مەسئۇل بولىدۇ؛
  (3) خەلق ئاۋىئاتسىيەسىنىڭ بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرۈش ۋە ئايرودۇرۇمنىڭ ئوت ئۆچۈرۈش،قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش ئىشلىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشقا مەسئۇل بولىدۇ؛
  (4) خەلق ئاۋىياتسىيەسىدىكى تاسادىپىي ۋەقەلەرنى جىددىي بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىنى تەشكىللەپ ماسلاشتۇرىدۇ؛
  (5) پۇقراۋى ئايرودۇرۇملارنىڭ بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشكە مەسئۇل بولىدۇ. خەلق ئاۋىياتسىيەسى قۇرۇلۇش بىخەتەرلىكى،خەلق ئاۋىياتسىيەسى كەسپىي قۇرۇلۇشلىرىنىڭ سۈپىتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ.
  (6) ۋىلايەتلىك تەشۋىقات بۆلۈمى،شىتات كومىتېتى ئىشخانىسى،ياشلار ئىتتىپاقى،مەدەنىيلىك ئىشخانىسى ۋە شۆبە ھەربىي رايونى،قوراللىق ساقچى قىسمى ئالاقىدار بەلگۈلىمىلەرگە ئاساسەن،بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدۇ،تارماقلارنىڭ باشقۇرۇشىدىكى باشقا بىخەتەرلىك ئىشلەپچىقىرىش خىزمەت مەسئۇلىيىتى بار ئىككىنچى ئىدارىلار تەستىقلىغان ئورۇننىڭ بەلگۈلىمىسى ۋە ھازىر يولغا قويۇلىۋاتقان قانۇن،مەمۇرىي قانۇن بەلگۈلىمىلەردىكى مەسئۇلىيىتىگە ئاساسەن،ئۆز تارمىقى،ئۆز ساھەسى ياكى ئۆز سىستېمىسىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشقا مەسئۇل بولىدۇ؛
  (7) بىخەتەرلىك ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى كۈچەيتىش ناھىيە (شەھەر)لىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ بىر تۈرلۈك مۇھىم مەسئۇلىيىتى،ناھىيە (شەھەر)لىك خەلق ھۆكۈمىتى «دەرىجە بويىچە مەسئۇل بولۇش،تەۋەلىك بويىچە باشقۇرۇش» پىرىنسىپىغا ئاساسەن،بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىشى،مۇشۇ بەلگۈلىمىگە ئاساسەن،ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئۆز ناھىيە (شەھەر)لىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيىتى توغرىسىدىكى بەلگۈلىمىنى تۈزۈپ چىقىشى كېرەك؛
  (8) ئاپپارات ئىسلاھاتى سەۋەبىدىن فونكىتسىيىسى تەڭشەلگەن تارماقلار ئىچىدىكى فونكىتسىيىنى داۋاملاشتۇرغان تارماقلار بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.



ئەتلەس
ئۇزۇن ئۆمۇر چول…
           
باشقۇرغۇچى ئورۇن: شىنجاڭ خوتەن ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمە؛ ئۈستىگە ئالغۇچى ئورۇن: شىنجاڭ خوتەن ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمە ئىشخانىسى
شىنجاڭ خوتەن ۋىلايەتلىك ئېلېكترونلۇق مەمۇرىيەت ئىشخانىسى قۇرىدۇ ۋە قوغدايدۇ
پوچتا نومۇرى:848000  تېلغۇن نومۇر:0903-2038261 2032645  ئادرىسى: شىنجاڭ خوتەن شەھەر تانار شىمالى يولى 3-نومۇر