|
خ م م [2011] 15- نومۇرلۇق خوتەن ۋىلايىتىنىڭ 2011-يىللىق 15ئەمەلىي ئىشنى يولغا قويۇش لايىھىسىنى تارقاتقانلىق ھەققىدە ئۇقتۇرۇش
ناھىيە(شەھەر)لىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى،مەمۇرى مەھكىمىنىڭ تارماقلىرى،بىۋاستە قاراشلىق ئاپپاراتلار،كەسپىي،كارخانا ئورۇنلار،خوتەندە تۇرۇشلۇق ئورۇن،ئاممىۋىي تەشكىلاتلار: «خوتەن ۋىلايىتىنىڭ 2011-يىللىق 15ئەمەلىي ئىشنى يولغا قويۇش لايىھىسى»نى سىلەرگە تارقاتتۇق،ئەستايىدىل ئىجرا قىلىشىڭلارنى سورايمىز.15ئەمەلىي ئىشنىڭ ئەمىلىيلىشىش ئەھۋالىنى مەمۇرى مەھكىمە يېرىم يىلدا بىر قېتىم تەكشۈرۈپ،يىل ئاخىرىدا خۇلاسىلەپ ئومۇمى ئۇقتۇرۇش قىلىدۇ. خوتەن ۋىلايىتىنىڭ 2011-يىللىق 15ئەمەلىي ئىشنى يولغا قويۇش لايىھىسى قوشۇمچە قىلىندى.
2011- يىلى3-ئاينىڭ4-كۈنى
خوتەن ۋىلايىتىنىڭ 2011-يىللىق 15ئەمەلىي ئىشنى يولغا قويۇش لايىھىسى
ۋىلايەتلىك پارتكوم كېڭەيتىلگەن يىغىنىدا بىكىتىلگەن 15ئەمەلىي ئىشنى ئەستايىدىل ئەمىللەشتۈرۈپ،ۋىلايىتىمىزنىڭ 2011-يىلى«خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى يىلى»دىكى پائالىيەت ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىغا ئاساسەن،خەلق تۇرمۇشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ،تەرەققىيات نەتىجىلىرى ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش ئۈچۈن،ئالاقىدار نىشان ۋەزىپىلەرنى ناھىيە،شەھەر،تارماقلارغىچە تەقسىملىدۇق.مەمۇرى مەھكىمىنىڭ مەسئۇل رەھبەرلىرى يولغا قويۇشقا يىتەكچىلىك قىلىدۇ،باشلامچى تارماقلار ۋە ئورۇنلار ئەمىللەشتۈرىدۇ،ئالاقىدار ئورۇنلار پائال ماسلىشىپ،ۋەزىپىنىڭ تولۇق تاماملىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ.كونكىرت يولغا قويۇش لايىھىسى تۆۋەندىكىچە: 1.يېزىلارنىڭ ماكانلاشتۇرۇش،خەلقنى بېيىتىش قۇرۇلۇشىنى ئەستايىدىل يولغا قويۇپ،48694 ئائىللىك يېزىلارنىڭ ماكانلاشتۇرۇش، خەلقنى بېيىتىش قۇرۇلۇشى ۋەزىپىسى تاماملىنىدۇ. خىزمەت نىشانى: «كەسىپى قوشۇن پىلانلاش،كەنت ئاھالىسى لايىھىگە قاراپ چىقىش،يېزا كەنتلەر تەشكىللەپ يولغا قويۇش،دېھقانلار ئۆزى قۇرۇشنى ئاساس قىلىش»پىرىنسىپى ۋە «بىر كەنتىدە بىر پىلان تۈزۈش،بىر ئائىلىدە بىر لايىھە بولۇش»تەلىپىگە ئاساسەن،«تۆتتە ئارقىدا قالماسلىق(كۆلەم،ئىقتىدار،سۈپەت،كەسىپتە ئارقىدا قالماسلىق)»ئۆلچىمىدە چىڭ تۇرۇپ،تەشكىللەش ۋە ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ،خىزمەت سالمىقىنى ئاشۇرۇپ،قۇرۇلۇشنى قاتتىق نازارەت قىلىپ باشقۇرۇپ،48694ئائىللىك يېزىلارنىڭ ماكانلاشتۇرۇش،خەلقنى بېيىتىش قۇرۇلۇش ۋەزىپىسىنى يىل ئاخىرىدىن بۇرۇن تاماملاشقا كاپالەتلىك قىلىپ،دېھقانلارنىڭ ئولتۇراق ئۆي كۆلىمى 80كۇۋادىرات مېتىردىن تۆۋەن بولماسلىق،سۇ،توك،يول،گاز، ئاشخانا،ھاجەتخانا،مۇنچا قاتارلىقلار يۈرۈشلەشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىنىدۇ.شۇنىڭ بىلەن تەڭ ماكانلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى خەلقنى بېيىتىش كەسپىنى تەرەققى قىلدۇرۇش بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ،ھەم ماكانلاشتۇرۇش ھەم بېيىتىش نىشانى ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ. (باشلامچى ئورۇن: ۋىلايەتلىك ماكانلاشتۇرۇش،خەلقنى بېيىتىش ئىشخانىسى؛مەسئۇل خادىم:جاڭ ۋىي؛ئالاقىدار ئورۇن:ۋىلايەتلىك ماكانلاشتۇرۇش،خەلقنى بېيىتىش قۇرۇلۇشى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىغا ئەزا ئورۇنلار،ناھىيە شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى) 2. 130نوقتىلىق كەنتنى پۈتۈن گەۋدە بۇيىچە نامراتلىقتىن يۈلەش قۇرۇلۇشىنى تاماملاپ،16مىڭ ئائىلە،66مىڭ نامرات نوپۇسنىڭ تۇيۇنۇش،كىيىنىش مەسىلىسى مۇقىم ھەل قىلىنىدۇ. خىزمەت نىشانى: « ئاۋال پىلانلاش،كەسىپلەر ئارقىلىق يىتەكلەش، تەربىيلەش سالمىقىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش»پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ،مالىيىنىڭ نامراتلارنى يۈلەش مەبلىغى،زايۇم ۋە تۈرلۈك تولۇقلىما تۈر مەبلىغىنى پائال قولغا كەلتۈرۈپ،دۆلەتنىڭ ئالاقىدار مىنىستىرلىك،كومىتېتلىرى(كارخانا) ۋە ئاپتۇنۇم رايۇن نوقتىلىق ياردەم بېرىدىغان ئورۇنلار بىلەن پۈتۈن كۈچ بىلەن ماسلىشىپ،نوقتا بەلگىلەپ نامراتلارنى يۈلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ،ۋىلايەت،ناھىيە ۋە شەھەرلەردىكى ئورگان،ئورۇنلار ۋە ھەر دەرىجىلىك رەھبىرى كادىرلارنى «بىر-بىرىگە ياردەم بېرىش»،«دوست بولۇش»تىن ئىبارەت ياردەم بېرىش پائالىيتىنى قانات يايدۇرۇشقا سەپەرۋەر قىلىپ،ئادەم،كۈچى،ماددى كۈچ،مالىيە كۈچى ۋە ئەقلى كۈچ قاتارلىق ھەممە تەرەپتىن نامراتلارنى ئومۇمىيۈزلۈك يۈلەپ،قېيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ «ئۆزىنى رۇناق تاپقۇزۇش»ئىقتىدارىنى ئۆزلۈكسىز كۈچەيتىپ،يىل ئىچىدە 130نوقتىلىق كەنتنى پۈتۈن گەۋدە بۇيىچە نامراتلىقتىن يۈلەش قۇرۇلۇشىنى تاماملاشقا كاپالەتلىك قىلىپ،16مىڭ ئائىلە،66مىڭ نامرات نوپۇسنىڭ تۇيۇنۇش،كىيىنىش مەسىلىسى ھەل قىلىنىدۇ. (باشلامچى ئورۇن: ۋىلايەتلىك نامراتلارنى يۈلەش ئىشخانىسى؛مەسئۇل خادىم: تۇرغۇن غاپپار؛ئالاقىدار ئورۇن: ۋىلايەتلىك نامراتلارنى يۈلەش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىغا ئەزا ئورۇنلار،ناھىيە شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى) 3. 20مىڭ ئادەمنى ئىشقا ۋە قايتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ،ئىشقا ئورۇنلىشىشتا قېيىنچىلىقى بار ئائىللەر،ئالىي،ئوتتۇرا تېخنىكوملارنى پۈتتۈرۈپ ئىشقا ئورۇنلاشمىغانلار،يېزا ئىشىنچى ئەمگەك كۈچلىرى قاتارلىقلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش قېيىنچىلىقى نوقتىلىق ھەل قىلىنىدۇ. خىزمەت نىشانى: ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بۇيىچە يىتەكچىلىك مۇلازىمەت ئۇسۇلىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ،ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش،ياردەم بېرىش سىياسىتىدىن تولۇق،جانلىق ۋە ياخشى پايدىلىنىپ،ئائىلىسىدە بىرمۇ ئادەم ئىشقا ئورۇنلاشمىغان ئائىللەرنى 24سائەت ئىچىدە ھەركەتچان ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش تەدبىرىنى داۋاملىق ئەمىللەشتۈرۈپ،ئۈچىنچى كەسىپنى زور كۈچ بىلەن تەرەققى قىلدۇرۇپ،ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يوللىرىنى كەڭ ئېچىپ،بارچە ئاماللار بىلەن ئىشقا ئورۇنلىشىشنى كېڭەيتىپ،پۈتۈن يىلدا 20مىڭ ئادەمنىڭ ئىشقا ۋە قايتا ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ.ۋىلايىتىمىزگە نوقتىلىق ياردەم بىرىدىغان ئۆلكە،شەھەرلەر بىلەن بولغان ئالاقىنى پائال كۈچەيتىپ،يېزا ئېشىنچى ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتقا يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش مىخانىزىمى ئورنىتىش توغرىسىدا كېڭىشىپ،ئىشقا ئورۇنلىشىشتا قېيىنچىلىقى بار ئائىللەر،ئالىي،ئوتتۇرا تېخنىكوملارنى پۈتتۈرۈپ ئىشقا ئورۇنلاشمىغانلار،يېزا ئېشىنچى ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى قېيىن بولۇش مەسىلىسى نوقتىلىق ھەل قىلىنىدۇ.ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق پارتكوم،خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ «ئالىي،ئوتتۇرا تېخنىكوملارنى پۈتتۈرگەنلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىرى»(ش پ[2010]18-نۇمۇرلۇق)نى ئەستايىدىل ئەمىللەشتۈرۈپ،ئاز سانلىق مىللەتلەردىن ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەنلەرنى ۋىلايىتىمىزگە نوقتىلىق ياردەم بەرگەن ئۆلكە،شەھەرلەرگە ئىبەرتىپ تەربىيلەش خىزمىتىنى كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ،پۈتۈن يىلدا ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەنلەردىن 400ى ئىبەرتىلىدۇ؛ئىشقا ئورۇنلىشىش پاراكتىكا بازىسىدىن 26نى قۇرۇپ،ئالىي،ئوتتۇرا تېخنىكوملارنى پۈتتۈرگەنلەر ئىشقا ئورۇنلىشىش بۇيىچە پاراكتىكىغا قاتناشتۇرۇلىدۇ؛ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەن 50نەپەر كەسىپتە مۇۋاپىقىيەت قازىنىپ ئىگىلىك تىكلىگەنلەرگە ياردەم بىرىلىدۇ. (باشلامچى ئورۇن: ۋىلايەتلىك ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى،كادىرلار ئىدارىسى؛مەسئۇل خادىم: خەن چاۋلىن،غەيرەت يۇنۇس؛ئالاقىدار ئورۇن: ۋىلايەتلىك شەھەر يېزىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى بىر تۇتاش پىلانلاش ۋە كەسپىي تەربىيلەش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىغا ئەزا ئورۇنلار،ناھىيە شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى) 4.پۈتۈن ۋىلايىتىمىزدىكى شەھەر بازار ئاھالىلىرىنى ئاساسى داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بىلەن تولۇق قاپلاپ،يېزىلارنىڭ يېڭىچە ئىجتىمائىي ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى ٪90كە يەتكۈزىلىدۇ. خىزمەت نىشانى: «كەڭ دائرىدە قاپلاش،ئاساسقا كاپالەتلىك قىلىش،كۆپ قاتلاملىق،سىجىل بولۇش»فاڭجىنىدا چىڭ تۇرۇپ،شەھەر،يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئىجتىمائى كاپالەت سېستىىمسىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي كاپالەت ئۆلچىمى ۋە سەۋىيسىنى تەدىرىجى ئۆستۈرۈپ،ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوندىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى ھەقىقى كۈچەيتىپ،ھەركەتچان باشقۇرۇش ئاساسىدىكى كاپالەتلەندۈرىغانلىرىنى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈپ،2011-يىلى پۈتۈن ۋىلايىتىمىزدىكى شەھەر بازار ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسى داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بىلەن قاپلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ،يېزىلارنىڭ يېڭىچە ئىجتىمائىي ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى ٪90كە يەتكۈزىلىدۇ. (باشلامچى ئورۇن: ۋىلايەتلىك ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى؛مەسئۇل خادىم: خەن چاۋلىن؛ئالاقىدار ئورۇن: ۋىلايەتلىك ئىقتىساد سودا كومىتېتى،مالىيە ئىدارىسى،سەھىيە ئىدارىسى،ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى،ناھىيە،شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى) 5.كەسپىي تېخنىكا جەھەتتىن70مىڭ ئادەم قېتىم تەربىيلەپ،يېزا ئېشىنچى ئەمگەك كۈچلىرىدىن 400مىڭ ئادەم قېتىم سىرتقا چىقىرىلىدۇ. خىزمەت نىشانى: تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ،خىزمەت ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ،تەربىيلەش ئۈنۈمىگە ئەھمىيەت بېرىپ،كەسپىي تېخنىكا تەربىيسىنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇپ،يىل ئىچىدە كەسپىي تېخنىكا جەھەتتىن 70مىڭ ئادەم قېتىم تەربىيلەشكە كاپالەتلىك قىلنىدۇ.ئەمگەك كۈچىلىرىنى سىرتقا چىقىرىشتا«ئىككىدە بۇرۇلۇش ياساش»تەلىپىگە ئاساسەن،ئۈنۈملۈك تەشكىللەپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ،ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ھەقسىز مۇلازىمىتى بىلەن تەمىن ئېتىپ،ئۆز جايى ۋە يېقىن جايغا يۆتكەشنى داۋاملىق چىڭ تۇتۇش بىلەن تەڭ،نوقتىلىق ياردەم بېرىدىغان ئۆلكە،شەھەرلەر بىلەن بولغان ئالاقىنى ھەقىقى كۈچەيتىپ،ئەمگەك كۈچىلىرىنى ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدىن باشقا جايغا يۆتكەشنى پائال،مۇقىم ۋە تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈپ،پۈتۈن يىلدا يېزا ئېشىنچى ئەمگەك كۈچلىرىدىن 400مىڭ ئادەم قېتىم يۆتكەشكە كاپالەتلىك قىلىنىدۇ. (باشلامچى ئورۇن: ۋىلايەتلىك ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى،ئەمگەك كۈچىلىرىنى سىرتقا يۆتكەش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپا ئىشخانىسى؛مەسئۇل خادىم: خەن چاۋلىن،لى جولياڭ؛ئالاقىدار ئورۇن: ۋىلايەتلىك شەھەر يېزىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى بىر تۇتاش پىلانلاش ۋە كەسپىي تەربىيلەش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى،ئەمگەك كۈچىلىرىنى سىرتقا يۆتكەش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىغا ئەزا ئورۇنلار،ناھىيە شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى) 6.«قوش تىل»مائارىپى خىزمىتىنى كۈچەيتىپ،226مەكتەپنىڭ تەييارلىق «قوش تىل»بالىلار باغچىسى قۇرۇلۇشىنى نوقتىلىق چىڭ تۇتۇپ،5-6ياشقىچە بولغان بالىلارنىڭ بالىلار باغچىسىغا كىرىش نىسبىتىنى ٪80تىن كۆپرەككە يەتكۈزۈپ،تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدىكى(كەسپىي تولۇق ئوتتۇرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)لەرنىڭ مەكتەپكە كىرىش نىسبىتىنى ٪50تىن كۆپرەككە يەتكۈزۈپ،ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ تۇرمۇش تولۇقلما سىياسىتى ئەمىللەشتۈرلىدۇ. خىزمەت نىشانى: «قوش تىل»ئوقۇتۇش خىزمەت يىرىك پىلانىغا بولغان يىتەكچىلكىنى كۈچەيتىپ،«قوش تىل» ئوقۇتقۇچىلار قوشۇن قۇرۇلۇشىنى ياخشىلاپ،ياخشى مائارىپ مۇھىيتى يارىتىپ،«قوش تىل»ئارقلىق ئوقۇتۇش دائىرىسىنى ئۆزلۈكسىز كېڭەيتىپ،ئوقۇتۇش سۈپىتىنى نوقتىلىق يۇقىرى كۆتۈرۈش،تەييارلىق «قوش تىل»مائارىپىنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ،ۋىلايەت بۇيىچە 5-6ياشقىچە بولغان بالىلارنىڭ بالىلار باغچىسىغا كىرىش نىسبىتى ٪80تىن كۆپرەككە يەتكۈزىلىدۇ.قۇرۇلۇشقا تەشكىلىي جەھەتتىن رەھبەرلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ،قۇرۇلۇش سۈرئىتىنى تىزلىتىپ،سۈپەت نازارەتچىلىكىنى كۈچەيتىپ، مەبلەغ ئىشلىتىشنى چىڭىتىپ،بۇ يىل 226 تەييارلىق«قوش تىل»بالىلار باغچىسى قۇرۇلۇشى تاماملاشقا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ.قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ،كۆلەمىن تەدىرىجى كېڭەيتىپ،يىتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ،ۋىلايەت بۇيىچە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدىكى(كەسپىي تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)لەرنىڭ مەكتەپكە كىرىش نىسبىتى ٪50تىن كۆپرەككە يەتكۈزۈشكە كاپالەتلىك قىلىنىدۇ.تۈرلۈك ئاماللار بىلەن مەبلەغ غەملەپ،تۈزۈمنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ،ئايلىنىشنى قېلىپلاشتۇرۇپ، ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا تۇرمۇش تولۇقلىمىسى بېرىش سىياسىتى ياخشى ئەمىللەشتۈرلىدۇ. (باشلامچى ئورۇن: ۋىلايەتلىك مائارىپ ئىدارىسى،مەسئۇل كىشى: دۆلەت مەتروزى،ئالاقىدار ئورۇنلار: ۋىلايەتلىك تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتى،مالىيە ئىدارىسى،قۇرۇلۇش ئىدارىسى،زىمىن بايلىقى ئىدارىسى،ناھىيە (شەھەر)لىك خەلق ھۆكۈمىتى) 7. خوتەن ناھىيىسى،خوتەن شەھەرلىك خەلق دوختۇرخانىسىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى تاماملاپ،يىل ئىچىدە ئىشلىتىشكە كىرىشتۈرۈش قولغا كەلتۈرۈلىدۇ. كەنت شىپاخانىسى قۇرۇلۇشى داۋاملىق كۈچەيتىلىپ،يىل ئىچىدە 52 ئۆلچەملەشكەن شىپاخانا قۇرۇلۇشى ۋەزىپىسى تاماملىنىدۇ. بېيجىڭنىڭ قاراقاش،لوپ ناھىيىلىك خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرىگە ياردەم بېرىش قۇرۇلۇش تۈرى تاماملىنىدۇ. خىزمەت نىشانى: ناھىيە دەرىجىلىك خەلق دوختۇرخانىلىرىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش قۇرۇلۇش تەلىۋىگە ئاساسەن،قۇرۇلۇشنى چىڭ تۇتۇپ،سۈپەتنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ،خوتەن ناھىيىسى،خوتەن شەھەرلىك خەلق دوختۇرخانىسىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى تاماملاش،يىل ئىچىدە ئىشلىتىشكە كىرىشتۈرۈش قولغا كەلتۈرۈلىدۇ. «خوتەن ۋىلايىتىنىڭ كەنت شىپاخانىسى قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش لايىھىسى»نى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ،كەنت شىپاخانا قۇرۇلۇشى داۋاملىق كۈچەيتىلىدۇ،52 ئۆلچەملەشكەن شىپاخانا قۇرۇلۇشى ۋەزىپىسى تاماملىنىدۇ ۋە ئىشلىتىشكە كىرىشتۈرۈلىدۇ،ماسلاشتۇرۇش كۈچەيتىلىپ،مۇلازىمەت ياخشى ئىشلىنىدۇ،يىل ئىچىدە بېيجىڭ شەھرىنىڭ قاراقاش،لوپ ناھىيىلىك خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرىگە ياردەم بېرىش قۇرۇلۇشى تۈرى تاماملىنىدۇ. (باشلامچى ئورۇن: ۋىلايەتلىك سەھىيە ئىدارىسى،تەرەققىيات-ئىسلاھات كومىتېتى،مەسئۇل كىشى: ئەسقەر مەتروزى،يىن رۇخۇڭ،ئالاقىدار ئورۇنلار: ۋىلايەتلىك قۇرۇلۇش ئىدارىسى،مالىيە ئىدارىسى،زىمىن بايلىقى ئىدارىسى،ناھىيە (شەھەر)لىك خەلق ھۆكۈمىتى) 8. ئاپتونوم رايون چۈشۈرۈپ بەرگەن ئەرزان،قولايلىق ئۆي،ئەرزان ئىجارىلىك ئۆي،كەپىلىك مەھەللىلەرنى ئۆزگەرتىش ۋەزىپىسى تۇلۇق تاماملىنىپ،شەھەر-بازار ئاھالىلىرىنىڭ ئولتۇراق شارائىتى ياخشىلىنىدۇ. خىزمەت نىشانى: تەشكىللەش،ماسلاشتۇرۇش سالمىقى زورايتىلىپ،پىلانلاش،ئورۇن تاللاش،خەرىتىسىنى لايىھىلەش،يەرنى تەستىقلىتىش،ئۆيلەرنى چېقىپ كۆچۈرۈش قاتارلىق ئالدىنقى باسقۇچلۇق خىزمەتلەر ياخشى ئىشلىنىپ،ئاھالىلار رايونىنىڭ سۇ،توك،يول،گاز ۋە كۆكەرتىش،قاتۇرۇش قاتارلىق ئۇل ئەسلىھە يۈرۈشلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشى بىر تۇتاش پىلانلىنىدۇ،قۇرۇلۇش سۈپىتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ،ئاپتونوم رايون چۈشۈرۈپ بەرگەن 12 مىڭ 868 يۈرۈش ئەرزان ئىجارىلىك ئۆي،200 يۈرۈش ئەرزان،قولاي ئۆي،7131 يۈرۈش ئاممىۋىي ئىجارە ئۆي،7899 ئائىلىلىك كەپىلىك ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىش ۋەزىپىسى تاماملىنىپ،پۈتۈن ۋىلايەت شەھەر-بازار ئاھالىلىرىنىڭ ئولتۇراق شارائىتى ياخشىلىنىدۇ. (باشلامچى ئورۇن: ۋىلايەتلىك قۇرۇلۇش ئىدارىسى،مەسئۇل كىشى: خۇ شىنچۈەن،ئالاقىدار ئورۇنلار: ۋىلايەتلىك تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتى،مالىيە ئىدارىسى،خەلق ئىشلار ئىدارىسى،زىمىن بايلىقى ئىدارىسى،مەمۇرىي تەپتىش ئىدارىسى،ئىقتىسادىي تەپتىش ئىدارىسى،خوتەن ئېلىكتىر چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى،ناھىيە (شەھەر)لىك خەلق ھۆكۈمىتى) 9. يېزا ئىگىلىك سۇ بىخەتەرلىك قۇرۇلۇشى كۈچەيتىلىپ،80 مىڭ ئادەمنىڭ بىخەتەر سۇ ئىچىش مەسىلىسى ھەل قىلىنىدۇ. خىزمەت نىشانى: ئاساسىي قۇرۇلۇش تەرتىۋى قاتتىق ئىجرا قىلىنىپ،تۈرلۈك خىزمەت تۈزۈمى ئومۇمىيۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈلىدۇ، ماسلاشتۇرۇش سالمىقى زورايتىلىپ،كۈندىلىك نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش كۈچەيتىلىدۇ،قۇرۇلۇش سۈپىتى ۋە سۈرئىتى چىڭ تۇتۇلۇپ،ۋاقتىدا ئومۇمىيۈزلۈك تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىنىدۇ،«بىر يەردە قۇرۇلۇش ئىشلەنسە بىر يەر لاياقەتلىك بولۇش،شۇ يەردىن مەنپەئەتلىنىش» ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ،بىر يىل ئىچىدە 80 مىڭ ئادەمنىڭ بىخەتەر ئىچىملىك سۇ مەسىلىسى ھەل قىلىنىدۇ. (باشلامچى ئورۇن: ۋىلايەتلىك سۇچىلىق ئىدارىسى،مەسئۇل كىشى خۇاڭ كەيچىيەن،ئالاقىدار ئورۇنلار: ۋىلايەتلىك يېزا ئىچىملىك سۇ بىخەتەرلىكى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىغا ئەزا ئورۇنلار،ناھىيە (شەھەر)لىك خەلق ھۆكۈمىتى) 10. 553 كەنت دەرىجىلىك مەدەنىيەت ئۆيى ۋە 15 مەھەللە مەدەنىيەت ئۆيى قۇرۇلۇشى،737 دېھقانلار قىرائەتخانىسى قۇرۇلۇشى تاماملىنىدۇ. خىزمەت نىشانى: تەشكىلىي رەھبەرلىك كۈچەيتىلىپ،قۇرۇلۇش سۈرئىتى تىزلىتىلىدۇ،سۈپەت نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش،مەبلەغ ئىشلىتىش چىڭ تۇتۇلۇپ،يىل ئىچىدە 535 كەنت دەرىجىلىك مەدەنىيەت ئۆيى ۋە 15 مەھەللە مەدەنىيەت ئۆيى قۇرۇلۇشى تاماملىنىدۇ. يۇقۇرى سۈپەتتە قۇرۇلۇش قىلىش،يۇقۇرى ئۆلچەمدە باشقۇرۇش،يۇقۇرى ئۈنۈمدە ئىشلىتىش،يۇقۇرى سەۋىيىدە يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ،ياردەم بېرىدىغان ئۆلكە (شەھەر) ۋە ئاپتونوم رايوندىكى ئالاقىدار نازارەت،ئىدارىلار بىلەن ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ،قۇرۇلۇش سۈپىتى ۋە سۈرئىتى چىڭ تۇتۇلۇپ،يىل ئىچىدە 737 دېھقانلار قىرائەتخانىسى قۇرۇلۇشى تاماملىنىدۇ. (باشلامچى ئورۇن: ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت تەنتەربىيە ئىدارىسى،مەسئۇل كىشى: جۈرئەت مەتسىيت،ئالاقىدار ئورۇنلار: ۋىلايەتلىك تەرەققىيات-ئىسلاھات كومىتېتى،قۇرۇلۇش ئىدارىسى،مالىيە ئىدارىسى،زىمىن بايلىقى ئىدارىسى،پوچتا ئىدارىسى،ناھىيە (شەھەر)لىك خەلق ھۆكۈمىتى) 11. 20 يېزا-بازاردىكى دېھقانلار بازىرى يېڭىدىن ئىشلىنىپ، دېھقانلار بازىرىنىڭ مۇھىتى ياخشىلىنىدۇ. خىزمەت نىشانى: ئىلمىي پىلانلاشتا چىڭ تۇرۇپ،ئالدىنقى باسقۇچلۇق خىزمەتلەرنى پۇختا ئىشلەپ،كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ،سۈپەت ۋە سۈرئەتكە كاپالەتلىك قىلىپ،يىل ئىچىدە 20 يېزا-بازاردىكى دېھقانلار بازىرىنى يېڭىدىن قۇرۇش ۋەزىپىسى تاماملىنىدۇ،دېھقانلار بازىرىنى باشقۇرۇش بازار تىجارەت ھەركىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش كۈچەيتىلىپ،تۈرلۈك تۈزۈملەر مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ،ئۆلچەملەشتۈرۈش،قېلىپلاشتۇرۇش،تۈزۈملەشتۈرۈپ باشقۇرۇش ئىلگىرى سۈرۈلۈپ،يېزا بازىرىنىڭ مۇھىتى ياخشىلىنىدۇ. (باشلامچى ئورۇن: ۋىلايەتلىك يېزا خىزمىتى ئىشخانىسى،مەسئۇل كىشى: گۇەن يىنمىڭ،ئالاقىدار ئورۇنلار: ۋىلايەتلىك تەرەققىيات-ئىسلاھات كومىتېتى،ئىقتىساد-سودا كومىتېتى،مالىيە ئىدارىسى،قۇرۇلۇش ئىدارىسى،زىمىن بايلىقى ئىدارىسى،سودا-سانائەتنى مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسى،ناھىيە (شەھەر)لىك خەلق ھۆكۈمىتى) 12. پۈتۈن ۋىلايەتنىڭ تەبىئىي گاز تۇرۇبىلىرى تورى قۇرۇلۇشىنى ئومۇمىيۈزلۈك يولغا قويۇپ،شەھەر-يېزىلارغا گاز يەتكۈزۈشنى ياخشى ئىشلەپ،تەبىئىي گاز قاچىلاش پونكىتى قۇرۇلۇشىنى زورايتىپ،خەلقنىڭ تەبىئىي گازدىن پايدىلىنىش دائىرىسى كېڭەيتىلىدۇ،تەبىئىي گازدىن ئۇنۋېرسال ئېچىپ پايدىلىنىش نىسبىتى ئۆستۈرۈلىدۇ. خىزمەت نىشانى: تەشەببۇسكارلىق بىلەن مۇلازىمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ،جۇڭگو نېفىتى،جۇڭگو خىمىيە نېفىتى بىلەن بولغان ئالاقىنى كۈچەيتىپ،پۈتۈن ۋىلايەتنىڭ تەبىئىي گاز تۇرۇبىسى تورى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ،تەبىئىي گاز ئارقىلىق خەلققە مەنپەئەت يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ،خەلقنى ئولتۇراقلاشتۇرۇش،بېيىتىش قۇرۇلۇشى بىلەن يۈرۈشلەشتۈرۈپ،شارائىت ھازىرلانغان دېھقانلار ئائىلىسىگە تەبىئىي گازنى تۇرۇبىلىق يەتكۈزۈش ياكى پىرىسلانغان تەبىئىي گاز يەتكۈزۈش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ. شەھەرلەردە تەبىئىي گازنى ئائىلىلەرگە كىرگۈزۈش قۇرۇلۇشى داۋاملىق يولغا قويۇلۇپ،پىلان بويىچە تەبىئىي گاز قاچىلاش پونكىتى قۇرۇلۇپ،تەبىئىي گازدىن ئۇنۋېرسال ئېچىپ پايدىلىنىش نىسبىتى ئۆستۈرۈلىدۇ. (باشلامچى ئورۇن: ۋىلايەتلىك نېفىتلىك ئىشخانىسى،ئىقتىساد-سودا كومىتېتى،مەسئۇل كىشى ۋاڭ جۈن،جاڭ يى،ئالاقىدار ئورۇنلار: ۋىلايەتلىك «خوتەننى گازلاشتۇرۇش» قۇرۇلۇشىنى ماسلاشتۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى،نېفىتلىك خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىغا ئەزا ئورۇنلار،ناھىيە (شەھەر)لىك خەلق ھۆكۈمىتى) 13. پويىز ئىستانسىسىنى يۈرۈشلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشى تاماملىنىپ،قەشقەر-خوتەن تۆمۈر يولىدا يولۇچىلار پويىزىنى ماڭدۇرۇش تىرىشىپ قولغا كەلتۈرۈلىدۇ. خىزمەت نىشانى: ماسلاشتۇرۇش كۈچەيتىلىپ،نىشان،مەسئۇلىيەت ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ،قۇرۇلۇش تەرتىۋى چىڭىتىلىپ،كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ،پويىز ئىستانسىسى قۇرۇلۇشىنىڭ ئىستانسا مەيدانى ۋە پويىز ئىستانسىسىنىڭ سۇ،توك،يول،گاز،پار،ماددىي ئەشيا ئوبوروتى قاتارلىق يۈرۈشلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشى سان-سۈپەتكە كاپالەتلىك قىلغان ھالدا ۋاقتىدا تاماملىنىدۇ،ئۈرۈمچى تۆمۈر يول ئىدارىسىغا ماسلىشىپ،تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەپ،خوتەن-قەشقەر تۆمۈر يولىدا يولۇچىلار پويىزىنى ۋاقتىدا ماڭدۇرۇش قولغا كەلتۈرۈلىدۇ. (باشلامچى ئورۇن: ۋىلايەتلىك تەرەققىيات-ئىسلاھات كومىتېتى،مەسئۇل كىشى يىن رۇخۇڭ،ئالاقىدار ئورۇنلار: ۋىلايەتلىك تۆمۈر يول قۇرۇلۇشى خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىغا ئەزا ئورۇنلار،خوتەن شەھرى قاراقاش،گۇما ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمىتى) 14. يېزا يول تورى قۇرۇلۇشى سالمىقى زورايتىلىپ،1500 كىلومېتىر يېزا تاشيول قۇرۇلۇشى ۋەزىپىسى تاماملىنىدۇ. خىزمەت نىشانى: «يېزا تاشيول نىسبىتىدە ھالقىما تەرەققىيات بولۇش» تەلىۋىگە ئاساسەن،خىزمەت رېتىمى تىزلىتىلىپ،ئىش ئۈنۈمى ئۆستۈرۈلۈپ،ئېتىبار سىياسەتلىرىدىن جانلىق پايدىلىنىپ،تۈرلەرنىڭ ئالدىنقى باسقۇچلۇق تەييارلىق خىزمىتى ياخشى ئىشلىنىپ،قۇرۇلۇشنى باشقۇرۇش تۈزۈمى كۈچەيتىلىپ،قۇرۇلۇش سۈپىتى چىڭ تۇتۇلۇپ،يېزا يول تورى قۇرۇلۇشى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ،يىل ئىچىدە 1500 كىلومېتىر يېزا يول قۇرۇلۇشى ۋەزىپىسى تاماملىنىدۇ. (باشلامچى ئورۇن: ۋىلايەتلىك قاتناش ئىدارىسى،مەسئۇل كىشى: روشەنگۇل قاسىم،ئالاقىدار ئورۇنلار: ۋىلايەتلىك تەرەققىيات-ئىسلاھات كومىتېتى،زىمىن بايلىقى ئىدارىسى،ئورمانچىلىق ئىدارىسى،مۇھىت ئاسراش ئىدارىسى،خوتەن ئېلىكتىر چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى،تېلېگراف خوتەن شۆبە شىركىتى،ناھىيە (شەھەر)لىك خەلق ھۆكۈمىتى) 15. يېڭى بىر نۆۋەتلىك «ھەممە كەنتكە يەتكۈزۈش» قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ،رادىئو-تېلېۋىزىيىنىڭ قاپلىنىش نىسبىتى ئۆستۈرۈلىدۇ،خوتەن ۋىلايىتىنىڭ سىملىق تېلېۋىزىيە تورىنى ئۆزگەرتىش ۋە سىفىرلاشتۇرۇشنى ئومۇمىيۈزلۈك ئالماشتۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ،ئاممىنىڭ تېخىمۇ كۆپ تېلېۋىزىيە نومۇرلىرىنى كۆرۈشى ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ. خىزمەت نىشانى: تەشكىلىي رەھبەرلىك كۈچەيتىلىپ،پىلان ئەستايىدىل يولغا قويۇلۇپ،يېڭى بىر نۆۋەتلىك «ھەممە كەنتكە يەتكۈزۈش» قۇرۇلۇشى يولغا قويۇلۇپ،پۈتۈن ۋىلايەتتىكى رادىئو-تېلېۋىزىيىنىڭ قاپلىنىش نىسبىتى ئۆستۈرۈلىدۇ،«ئادەمنى ئاساس قىلىش،ئابونتلارنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش» پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ،«ھۆكۈمەت ئىلگىرى سۈرۈش،رادىئو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسى يولغا قويۇش،جەمئىيەت قاتنىشىش،بازار ئايلاندۇرۇش» ئۇسۇلىنى قوللىنىپ،خوتەن ۋىلايىتى سىملىق تېلېۋىزىيە تورىنى ئۆزگەرتىش ۋە سىفىرلاشتۇرۇشنى ئومۇمىيۈزلۈك ئىشقا ئاشۇرۇش مۇقىم ئىلگىرى سۈرۈلۈپ،ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ مەنىۋىي مەدەنىيەت تۇرمۇشى بېيىتىلىدۇ. (باشلامچى ئورۇن: ۋىلايەتلىك رادىئو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسى،مەسئۇل كىشى: چېن يوڭ،ئالاقىدار ئورۇنلار: ۋىلايەتلىك تەرەققىيات-ئىسلاھات كومىتېتى،قۇرۇلۇش ئىدارىسى،زىمىن بايلىقى ئىدارىسى،دېھقانچىلىق ئىدارىسى،شىنجاڭ رادىئو-تېلېۋىزىيە تورى خوتەن شۆبە شىركىتى،ناھىيە (شەھەر)لىك خەلق ھۆكۈمىتى)
|