باش بەت قىلىش يىغىپ ساقلاش  بۈگۈن: 
ئىش بىجىرىش
办事指南
政民互动
مەمۇرىيەتنى ئاشكارىلاش
政务公开
خوتەننىڭ ئومۇمى ئەھۋالى
和田概况
رەھبەرلەر
领导专栏
باش بەت
首页
سىزنىڭ ئورنىڭىز: سىياسەت قانۇن نىزام > ئەلنەپ سىياسەتلىرى

خوتەن  ۋىلايىتىنىڭ  شەھەر-بازارلاردىكى  ئىشچى-خىزمەتچىلەر  ۋە  ئاھالىلارنىڭ  ئاساسىي  داۋالىنىش  سۇغۇرتا  سىياسىتىنى  يولغا  قويۇش  لايىھىسى  (سىناق  نۇسخىسى)  

:ۋاقىت:2012-01-05   ماقالىنىڭ كىلىش مەنبەسى


  1. شەھەر-بازارلاردىكى داۋلىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقان ئىشچى-خىزمەتچىلەر ۋە ئاھالىلار دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالىنىشتا ھازىر يولغا قويۇلىۋاتقان دوختۇرخانا يۆتكىلىشنى تەستىقلاش چارىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ،دوختۇرخانىغا يۆتكىلىپ داۋالىنىشتا ئەنگە ئېلىش تۈزۈمى ئىجرا قىلىنىدۇ.
  1) شەھەر-بازارلاردىكى داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقان ئىشچى-خىزمەتچىلەر ۋە ئاھالىلار ۋىلايەت تەۋەسىدە دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالانسا،كېسەللىك ئەھۋالىغا ئاساسەن،نوقتا قىلىنغان داۋالاش ئاپپاراتلىرىنى ئۆزى تاللىسا بولىدۇ،ۋىلايەت سىرتى،ئاپتونوم رايون ئىچىدىكى نوقتا قىلىنغان داۋالاش ئاپپاراتلىرىغا يۆتكىلىپ داۋالىنىشتا داۋالىنىشتىن ئىلگىرى داۋالانغۇچى ئۆزى تەۋە ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بىجىرىش ئاپپاراتلىرىغا ئەنگە ئالدۇرۇپ ئەنگە ئالدۇرۇش جەدىۋىلىنى ئېلىۋېلىشى،بىجىرگۈچى ئاپپارات چوقۇم بىر خىزمەت كۈنى ئىچىدە ئەنگە ئېلىش رەسمىيەتلىرىنى بىجىرىپ بېرىشى لازىم. داۋالىنىپ بولغاندىن كېيىن ئەنگە ئېلىش جەدىۋىلى ۋە دوختۇرخانىنىڭ ئالاقىدار تالونلىرىنى ئېلىپ تەۋەلىكىدىكى ئىجتىمائىي كاپالەت سۇغۇرتا بىجىرگۈچى ئاپپاراتلىرىغا بېرىپ ھىساپلاشسا بولىدۇ.
  2) شەھەر-بازارلاردىكى داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقان ئىشچى-خىزمەتچى ۋە ئاھالىلار ئۈرۈمچىگە بېرىپ داۋالىنىشتا،خوتەن ۋىلايەتلىك ئادەم بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارمىقى نوقتا قىلغان داۋالاش ئاپپاراتلىرىغا بېرىپ داۋالىنىش كېرەك. باشقا ۋىلايەت،ئوبلاست،شەھەرلەردە داۋالىنىشتا تۇرۇشلۇق ئادەم بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارمىقى نوقتا قىلغان داۋالاش ئاپپاراتلىرىغا بېرىپ داۋالىنىش كېرەك. جىددىي داۋالاش،جىددىي قۇتقۇزۇش بىلەن دوختۇرخانىدا داۋالىنىپ ۋاقتىدا ئەنگە ئالدۇرمىغانلار 15 خىزمەت كۈنى ئىچىدە ئۆز تەۋەلىكىدىكى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بىجىرگۈچى ئاپپاراتقا بېرىپ ئەنگە ئالدۇرۇشى كېرەك.
  3) شەھەر-بازارلاردىكى داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقان ئىشچى-خىزمەتچى ۋە ئاھالىلار ئاپتونوم رايون سىرتىدىكى باشقا ئۆلكە (شەھەر)لەردە دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالانماقچى بولسا،ئاپتونوم رايوندىكى 3- دەرىجىلىك داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ دوختۇرخانىغا يۆتكىلىپ داۋالىنىش ئىسپاتى بولۇش كېرەك.
  2. دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالىنىشنى ئاتچوت قىلىش نىسبىتى.

 

1) شەھەر-بازارلاردىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەر

خادىملار تۈرى

دوختۇرخانا دەرىجىسى

ئاتچوت قىلىش نىسبىتى

ئىشلەۋاتقان ئىشچى-خىزمەتچىلەر

-1 دەرىجىلىك دوختۇرخانا (يېزا-بازارلىق شىپاخانا ۋە دەرىجىسى بىكىتىلمىگەن دوختۇرخانىلار)

90%

ناھىيە (شەھەر)لەردىكى 2- دەرىجىلىك دوختۇرخانا

80%

ۋىلايەتتىكى 2- دەرىجىلىك دوختۇرخانا

70%

-3 دەرىجىلىك دوختۇرخانا (ئاپتونوم رايون ۋە باشقا ۋىلايەت،ئوبلاستلاردىكى دوختۇرخانا)

60%

پىنسىيىگە چىققانلارنىڭ ئاتچوت قىلىش نىسبىتى دوختۇرخانا دەرىجىسىگە قارىماي بىردەك %85 بولىدۇ.

2) شەھەر-بازار ئاھالىلىرى

دوختۇرخانا دەرىجىسى

ئاتچوت قىلىش نىسبىتى

-1 دەرىجىلىك دوختۇرخانا (يېزا-بازارلىق شىپاخانا ۋە دەرىجىسى بىكىتىلمىگەن دوختۇرخانىلار)

85%

ناھىيە (شەھەر)لەردىكى 2- دەرىجىلىك دوختۇرخانا

75%

ۋىلايەتتىكى 2- دەرىجىلىك دوختۇرخانا

70%

-3 دەرىجىلىك دوختۇرخانا (ئاپتونوم رايون ۋە باشقا ۋىلايەت،ئوبلاستلاردىكى دوختۇرخانا)

50%

 

3. يىللىق ئەڭ يۇقۇرى ئاتچوت قىلىش چېكى.
  1) شەھەر-بازارلاردىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ 50 مىڭ يۈەن،ئېشىپ كەتكەن قىسمى يۇقۇرى سوممىلىق داۋالاش،قۇتقۇزۇشقا كىرگۈزۈلۈپ،بەلگىلەنگەن نىسبەت بويىچە ئاتچوت قىلىنىدۇ.
  2) شەھەر-بازار ئاھالىلىرىنىڭ 40 مىڭ يۈەن،ئېشىپ كەتكەن قىسمىنى مال-مۈلۈك سۇغۇرتىسى خوتەن شۆبە شىركىتى داۋالىنىش سودا تۇلۇقلىما سۇغۇرتىسىدىكى ئالاقىدار بەلگۈلىمە بويىچە تۇلۇقلاپ بېرىدۇ. شەھەر-بازار ئاھالىلىرىنىڭ داۋالىنىش سودا تۇلۇقلىما سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىش مەبلىغىنى نوپۇسى تۇرۇشلۇق ناھىيە (شەھەر)لەردىكى خەلق ئىشلىرى تارماقلىرى تۇلۇق سومما بويىچە ھەل قىلىدۇ.
  4. شەھەر-بازار ئاھالىلىرىنىڭ ئامبۇلاتورىيە ئاتچوتى.
  شەھەر-بازار ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتا ئامبولاتورىيە شەخسىي ھىساۋاتى ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ،داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقان شەھەر-بازار ئاھالىلىرى نوقتا قىلىنغان داۋالاش ئاپپاراتىغا بېرىپ ئامبولاتورىيەدە داۋالانسا،ئاتچوت قىلىش نىسبىتى %70 بولىدۇ. بىر قېتىملىق ئامبولاتورىيە ئومۇمىي خىراجىتى 100 يۈەن ئىچىدە تىزگىنلىنىدۇ،ئەڭ يۇقۇرى ئاتچوت سوممىسى 70 يۈەن بولىدۇ،داۋالىنىش قېتىم سانىغا چەك قويۇلمايدۇ.
  5. ئىجرا قىلىش ۋاقتى.
  بۇ لايىھە 2012- يىلى 1- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىدۇ.



ئەتلەس
ئۇزۇن ئۆمۇر چول…
           
باشقۇرغۇچى ئورۇن: شىنجاڭ خوتەن ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمە؛ ئۈستىگە ئالغۇچى ئورۇن: شىنجاڭ خوتەن ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمە ئىشخانىسى
شىنجاڭ خوتەن ۋىلايەتلىك ئېلېكترونلۇق مەمۇرىيەت ئىشخانىسى قۇرىدۇ ۋە قوغدايدۇ
پوچتا نومۇرى:848000  تېلغۇن نومۇر:0903-2038261 2032645  ئادرىسى: شىنجاڭ خوتەن شەھەر تانار شىمالى يولى 3-نومۇر