باش بەت قىلىش يىغىپ ساقلاش  بۈگۈن: 
ئىش بىجىرىش
办事指南
政民互动
مەمۇرىيەتنى ئاشكارىلاش
政务公开
خوتەننىڭ ئومۇمى ئەھۋالى
和田概况
رەھبەرلەر
领导专栏
باش بەت
首页
سىزنىڭ ئورنىڭىز: سىياسەت قانۇن نىزام > ئەلنەپ سىياسەتلىرى

خوتەن  ۋىلايىتىنىڭ  يېڭىچە  يېزا  ھەمكارلىق  داۋالاش  تۈزۈمىنى  يولغا  قويۇش  لايىھىسى  (سىناق  نۇسخىسى)
 

:ۋاقىت:2012-01-05   ماقالىنىڭ كىلىش مەنبەسى


  1. ھەمكارلىشىپ داۋالىنىشقا قاتناشقان دېھقان،چارۋىچىلار دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالىنىشتا ھازىر يولغا قويۇلىۋاتقان دوختۇرخانا يۆتكىلىشنى تەستىقلاش چارىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ،دوختۇرخانىغا يۆتكىلىپ داۋالىنىشتا ئەنگە ئېلىش تۈزۈمى ئىجرا قىلىنىدۇ.
  1) ھەمكارلىشىپ داۋالىنىشقا قاتناشقان دېھقان،چارۋىچىلار ناھىيە (شەھەر) تەۋەسىدىكى دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالانسا،كېسەللىك ئەھۋالىغا ئاساسەن،نوقتا قىلىنغان داۋالاش ئاپپاراتلىرىنى ئۆزى تاللىسا بولىدۇ،ناھىيە (شەھەر) سىرتىدىكى نوقتا قىلىنغان داۋالاش ئاپپاراتلىرىغا يۆتكىلىپ داۋالىنىشتا داۋالىنىشتىن ئىلگىرى داۋالانغۇچى ئۆزى تەۋە ناھىيە (شەھەر)نىڭ ھەمكارلىق داۋالاشنى باشقۇرۇش مەركىزىگە ئەنگە ئالدۇرۇپ ئەنگە ئالدۇرۇش جەدىۋىلىنى ئېلىشى،ھەمكارلىشىپ داۋالىنىشنى باشقۇرۇش مەركىزى بىر خىزمەت كۈنى ئىچىدە ئەنگە ئېلىش رەسمىيەتلىرىنى بىجىرىپ بېرىشى لازىم. داۋالىنىپ بولغاندىن كېيىن ئەنگە ئېلىش جەدىۋىلى ۋە دوختۇرخانىنىڭ ئالاقىدار تالونلىرىنى ئېلىپ تەۋەلىكىدىكى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بىجىرگۈچى ئاپپاراتلىرىغا بېرىپ ھىساپلاشسا بولىدۇ.
  2) ھەمكارلىشىپ داۋالىنىشقا قاتناشقان دېھقان،چارۋىچىلار ئۈرۈمچىگە بېرىپ داۋالىنىشتا خوتەن ۋىلايەتلىك سەھىيە تارماقلىرى نوقتا قىلغان داۋالاش ئاپپاراتلىرىغا بېرىپ داۋالىنىش كېرەك. باشقا ۋىلايەت،ئوبلاست،شەھەرلەردە داۋالىنىشتا،شۇ جايدىكى سەھىيە تارماقلىرى نوقتا قىلغان داۋالاش ئاپپاراتلىرىغا بېرىپ داۋالىنىش كېرەك. جىددىي داۋالاش،جىددىي قۇتقۇزۇش تۈپەيلىدىن دوختۇرخانىدا داۋالىنىپ ۋاقتىدا ئەنگە ئالدۇرمىغانلار 15 خىزمەت كۈنى ئىچىدە ئۆز تەۋەلىكىدىكى ناھىيە (شەھەر)لىك ھەمكارلىشىپ داۋالىنىشنى باشقۇرۇش مەركىزىگە ئەنگە ئالدۇرۇشى كېرەك.
  3) ھەمكارلىشىپ داۋالىنىشقا قاتناشقان دېھقان،چارۋىچىلار ئاپتونوم رايون سىرتىدىكى ئۆلكە (شەھەر)لەردە دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالانماقچى بولسا،ئاپتونوم رايوندىكى 3- دەرىجىلىك داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ دوختۇرخانىغا يۆتكىلىپ داۋالىنىش ئىسپاتى بولۇش كېرەك.
  2. دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالىنىشنى ئاتچوت قىلىش نىسبىتى.
  بىرىنچى دەرىجىلىك دوختۇرخانا (يېزا-بازارلىق شىپاخانا ۋە دەرىجىسى بىكىتىلمىگەن دوختۇرخانىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)نىڭ %90 بولىدۇ.
  ناھىيە (شەھەر)لەردىكى ئىككىنچى دەرىجىلىك دوختۇرخانىلارنىڭ %70 بولىدۇ.
  ۋىلايەتتىكى ئىككىنچى دەرىجىلىك دوختۇرخانىنىڭ %60 بولىدۇ.
  ئۈچىنچى دەرىجىلىك دوختۇرخانىنىڭ (ئاپتونوم رايون ۋە باشقا ۋىلايەت،ئوبلاستلاردىكى دوختۇرخانىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) %45 بولىدۇ.
  مۇشۇ ئاساستا يۇقۇرى قان بېسىمى (ئىككىنچى،ئۈچىنچى مەزگىللىك)،يۈرەك كېسەللىكى ئەگەشمە يۈرەك ئىقتىدارى ياخشى بولماسلىق،تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى (يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى)،مىڭىگە قان چۈشۈش ۋە مىڭە قان تومۇر توسۇلۇشنىڭ ئەسلىگە كېلىش مەزگىلى،سوزۇلما،توسۇلۇش خاراكتېرلىك ئۆپكە ئىششىقى ۋە ئۆپكە مەنبەلىك يۈرەك كېسىلى،سوزۇلما خاراكتېرلىك كاناي شاخچا ياللۇغى،سوزۇلما خاراكتېرلىك ئاشقازان ئۈچەي ياللۇغى،سوزۇلما ھەركەتچان جىگەر ياللۇغى،جىگەر قېتىشىش،سوزۇلما خاراكتېرلىك بۆرەك ياللۇغى،بۆرەك سىندىرومى،سوزۇلما خاراكتېرلىك بۆرەك ئىقتىدارى ياخشى بولماسلىقتىن دىئالىزلاپ داۋالاش،يىمەك-ئىچمەكنى تىزگىنلەشنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈلمەيدىغان دىئابىت كېسەللىكى،تۇتقاقلىق كېسىلى،قايتا قوزغىلىدىغان توسۇلما خاراكتېرلىك قان ئازلىق،ئاق قان كېسىلى،قاناشقا مايىللىق كېسىلى،روھىي كېسەل قاتارلىق كېسەللەرنى ئاتچوت قىلىش نىسبىتى %5 ئۆستۈرۈلىدۇ.
  3. يىللىق ئەڭ يۇقۇرى ئاتچوت چېكى.
  يىللىق ئەڭ يۇقۇرى ئاتچوت چېكى 50 مىڭ يۈەن بولىدۇ،ئېشىپ كەتكەن قىسمى يۇقۇرى سوممىلىق داۋالاش،قۇتقۇزۇشقا كىرگۈزۈلۈپ،بەلگىلەنگەن نىسبەت بويىچە ئاتچوت قىلىنىدۇ،يېزىلاردىكى تۆۋەن كاپالەت ئالىدىغانلار يۇقۇرى سوممىلىق داۋالاش،قۇتقۇزۇشتا بەلگىلەنگەن نىسبەت بويىچە ئاتچوت قىلدۇرغاندىن كېيىن،ئېشىپ قالغان قىسمىنى مال-مۈلۈك سۇغۇرتىسى خوتەن شۆبە شىركىتى داۋالىنىش سودا تۇلۇقلىما سۇغۇرتىسىغا ئالاقىدار بەلگۈلىمە بويىچە تۇلۇقلاپ بېرىدۇ.
  4. ئامبۇلاتورىيە ئاتچوتى.
  ئامبولاتورىيە ئاتچوتىنىڭ نىسبىتى %70 بولىدۇ. يېزا-بازار دەرىجىلىك نوقتا قىلىنغان داۋالاش ئاپپاراتلىرى بىر قېتىملىق ئامبولاتورىيە ئومۇمىي خىراجىتىنى 40 يۈەن ئىچىدە تىزگىنلىنىدۇ،بىر قېتىملىق ئامبولاتورىيىنىڭ ئەڭ يۇقۇرى ئاتچوت سوممىسى 28 يۈەن بولىدۇ. كەنت دەرىجىلىك نوقتا قىلىنغان داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ بىر قېتىملىق ئامبولاتورىيە ئومۇمىي خىراجىتى 20 يۈەن ئىچىدە تىزگىنلىنىپ،بىر قېتىملىق ئامبولاتورىيەنىڭ ئەڭ يۇقۇرى ئاتچوت سوممىسى 14 يۈەن بولىدۇ (جۇڭگو تىبابەت دورىلىرى،مىللىي تىبابەت دورىلىرىنىڭ ئامبولاتورىيە رېتسىپى ئاتچوت ئەڭ يۇقۇرى سوممىسىنى 1 يۈەن ئۆستۈرۈشكە بولىدۇ)،داۋالىنىش قېتىم سانىغا چەك قويۇلمايدۇ.
  5. ئالاقىدار تەلەپلەر.
  ھەر دەرىجىلىك نوقتا قىلىنغان داۋالاش ئاپپاراتلىرى بىمارنىڭ ئەمەلىي كېسەل ئەھۋالىغا ئاساسەن تەكشۈرۈشى،دورا ئىشلىتىش ۋە داۋالاشتا ئارتۇق تەكشۈرۈش،ئارتۇق دورا ئىشلىتىش،ئارتۇق داۋالاش قاتارلىق بەلگۈلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارنى چەكلىشى كېرەك. ناھىيە (شەھەر)لىك ھەمكارلىشىپ داۋالاشنى باشقۇرۇش مەركىزى ھەر دەرىجىلىك نوقتا قىلىنغان داۋالاش ئاپپاراتلىرىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇشى،تۈرلۈك سىياسەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. تەكشۈرۈش داۋامىدا يېڭىچە يېزا ھەمكارلىشىپ داۋالاش تۈزۈمىنىڭ ھەر قانداق بىر بەلگۈلىمىسىگە خىلاپلىق قىلغانلار بايقالسا،نوقتا قىلىنغان دوختۇرخانىلىق سالاھىيىتىنى ئېلىپ تاشلاش،5 يىل ئىچىدە نوقتا قىلىنغان داۋالاش ئاپپاراتىغا كىرگۈزمەسلىك كېرەك.
  6. ئىجرا قىلىش ۋاقتى.
  بۇ لايىھە 2012- يىلى 1- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىدۇ.



ئەتلەس
ئۇزۇن ئۆمۇر چول…
           
باشقۇرغۇچى ئورۇن: شىنجاڭ خوتەن ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمە؛ ئۈستىگە ئالغۇچى ئورۇن: شىنجاڭ خوتەن ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمە ئىشخانىسى
شىنجاڭ خوتەن ۋىلايەتلىك ئېلېكترونلۇق مەمۇرىيەت ئىشخانىسى قۇرىدۇ ۋە قوغدايدۇ
پوچتا نومۇرى:848000  تېلغۇن نومۇر:0903-2038261 2032645  ئادرىسى: شىنجاڭ خوتەن شەھەر تانار شىمالى يولى 3-نومۇر