 |
 |
|
ئاپتونوم رايوننىڭ ئوتتۇرا، كىچىك تىپتىكى كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش بويىچە باج يىغىش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدىكى پىكرى
:ۋاقىت:2011-12-22 ماقالىنىڭ كىلىش مەنبەسى
|
|
ئوتتۇرا، كىچىك تىپتىكى كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى «ئوتتۇرا، كىچىك تىپتىكى كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى» (]2010[92 - نومۇرلۇق) (تۆۋەندە «يولغا قويۇش پىكرى» دەپ ئېلىنىدۇ) ۋە «ئاپتونوم رايوننىڭ ئوتتۇرا، كىچىك تىپتىكى كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى (تەپسىلىي قائىدىسى» (]2010[126 - نومۇرلۇق)، (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «تەپسىلىي قائىدە» دېيىلىدۇ) نى چىقاردى. تۈرلۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئوتتۇرا، كىچىك تىپتىكى كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى سىياسەت جەھەتتىن قوللىدى. بۇ سىياسەت، تەدبىرلەرنىڭ قوللىنىلىشى ئوتتۇرا، كىچىك تىپتىكى كارخانىلارنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىپلا قالماستىن، ئوتتۇرا، كىچىك تىپتىكى كارخانىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش قەدىمىنى تېزلىتىدۇ، تېخىمۇ مۇھىمى نۆۋەتتە خام ماتېرىيال باھاسى يۇقىرى بولۇش، ئەمگەك كۈچى تەننەرخىنىڭ ئۆسۈشى، پۇل مۇئامىلە قىيىنچىلىقى قاتارلىق ئامىللارنىڭ تەسىرىدە، ئوتتۇرا، كىچىك تىپتىكى كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتى زور بېسىمغا دۇچ كەلگەن ۋەزىيەت ئاستىدا، ئوتتۇرا، كىچىك تىپتىكى كارخانىلارنىڭ تەرەققىيات مۇھىتىنى ياخشىلاش، ئوتتۇرا، كىچىك تىپتىكى كارخانىلارنىڭ خەتەردىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بېرىش، ئۇلارنىڭ تەرەققىيات ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈش، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش ئىستراتېگىيەسى ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش قەدىمىنى تېزلىتىش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، ئىجتىمائىي ئىناقلىق، مۇقىملىقنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتلەردە مۇھىم رېئال ئەھمىيەتكە ئىگە. باج يىغىش بويىچە قوللاش سىياسىتى ئاپتونوم رايوننىڭ ئوتتۇرا، كىچىك تىپتىكى كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاش سىياسەت، تەدبىرلىرى ئىچىدىكى مۇھىم مەزمۇن. «تەپسىلىي قائىدە» دە يېڭى كارخانا تاپاۋەت بېجى قانۇنى ۋە دۆلەت يېقىنقى مەزگىلدە يولغا قويغان كارخانا تاپاۋەت بېجىغا ئالاقىدار ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىگە ئاساسەن، «يولغا قويۇش پىكرى» دىكى ئالاقىدار باج سىياسەتلىرىگە قارىتا تەڭشەش ئېلىپ بېرىلدى. باج يىغىش جەھەتتىكى ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى توغرا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، تۆۋەندىكىدەك ئىزچىللاشتۇرۇش پىكرى ئوتتۇرىغا قويۇلدى: 1. «يولغا قويۇش پىكرى» ۋە «تەپسىلىي قائىدە» دە بەلگىلەنگەن باج يىغىش بويىچە ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىگە چېتىلىدىغان مۇناسىۋەتلىك ئۇقۇملارنىڭ بېكىتىلىشى «يولغا قويۇش پىكرى» ۋە «تەپسىلىي قائىدە» دە بەلگىلەنگەن باج يىغىش بويىچە ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئۇقۇملار «مەركەزنىڭ شىنجاڭدىكى قىيىنچىلىقى بار رايونلاردا يېڭىدىن قۇرۇلغان كارخانىلارغا قارىتا «ئىككىنى كەچۈرۈم قىلىش، ئۈچتە يېرىمنى كېمەيتىش» تىن ئىبارەت تاپاۋەت بېجىدا ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىگە ئالاقىدار مەسىلىلەرنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» (]2011[51 - نومۇرلۇق) تا ئېنىق بەلگىلەنگەن بولسا، بەلگىلىمىگە ئاساسەن ئىجرا قىلىنىدۇ. 2. «ياردەمگە ئېرىشىدىغان رايونلار» نىڭ بېكىتىلىشى توغرىسىدا «يولغا قويۇش پىكرى» نىڭ 2 - ماددا 9 - تارمىقى «باج يىغىشتىكى يۆلەش سالمىقىنى زورايتىش» تا ئېيتىلغان «ياردەمگە ئېرىشىدىغان رايونلار» بولسا دۆلىتىمىزدىكى 19 ئۆلكە - شەھەر سىستېمىلار بويىچە ياردەم بېرىدىغان شىنجاڭدىكى 12 ۋىلايەت، ئوبلاستتىكى 82 ناھىيە (شەھەر) ھەمدە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىدىكى 12 شىنى كۆرسىتىدۇ. 3. «ئوتتۇرا، كىچىك تىپتىكى كارخانىلار»نىڭ ئۆلچىمىنىڭ بېكىتىلىشى «يولغا قويۇش پىكرى» ۋە «تەپسىلىي قائىدە» دە ئېيتىلغان «ئوتتۇرا، كىچىك تىپتىكى كارخانا» نىڭ ئۆلچىمى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن ئىجرا قىلىنىدۇ. 4. يېرىمىنى كېمەيتىش مەزگىلىگە ماس كېلىدىغان باج نىسبىتىنىڭ بېكىتىلىشى توغرىسىدا «يولغا قويۇش پىكرى» نىڭ 2 - ماددا 9 - تارماق «باج يىغىشتىكى يۆلەش سالمىقىنى زورايتىش» تا «ياردەمگە ئېرىشىدىغان رايونلاردا ئىلھاملاندۇرۇش تۈرىدىكى يېڭىدىن قويۇلغان ئوتتۇرا، كىچىك تىپتىكى كارخانىلار ئاپتونوم رايوننىڭ كارخانا تاپاۋەت بېجىنىڭ يەرلىك بەھرىمەن بولىدىغان قىسمىدىكى ‹ئىككىنى كەچۈرۈم قىلىش، ئۈچنىڭ يېرىمىنى كېمەيتىش›، ئېتىبارىدىن بەھرىمەن بولىدۇ. جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، ئوبلاست يېڭىدىن قۇرغان رىغبەتلەندۈرۈش تۈرىدىكى ئوتتۇرا، كىچىك تىپتىكى كارخانىلار يەنە كارخانا تاپاۋەت بېجىنىڭ يەرلىك بەھرىمەن بولىدىغان قىسمىنىڭ «بەش يىل يېرىمىنى كېمەيتىپ يىغىش» ئېتىبار سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ. يۇقىرىدا بايان قىلىنغان يېرىمىنى كېمەيتىش مەزگىلىدە، كارخانا تاپاۋەت بېجىنىڭ يەرلىك بەھرىمەن بولىدىغان قىسمى ماس كېلىدىغان باج نىسبىتى بويىچە ھېسابلانغان تۆلەشكە تېگىشلىك باجنىڭ يېرىمى بويىچە كېمەيتىلىپ يىغىلىدۇ. 5. «ئاز سوممىلىق قەرز بېرىش شىركىتى» قاتارلىق مەبلەغ سېلىش شىركەتلىرىگە قارىتىلغان باج يىغىشتىكى ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ۋاقتى مەسىلىسى «تەپسىلىي قائىدە» نىڭ 2 - ماددا 9 - تارمىقىدىكى «ئوتتۇرا، كىچىك تىپتىكى كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش بويىچە باجدا ئېتىبار قىلىش سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش» دە «ئاز سوممىلىق قەرز بېرىش شىركەتلىرى، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش خاراكتېرىدىكى كېپىللىك شىركەتلىرى، قايتا كېپىللىك شىركەتلىرى، پاي ھوقۇقىنى ھاۋالىگە ئاساسەن باشقۇرۇش مەركىزى ۋە كىچىك تىپتىكى ئىگىلىك تىكلەش خاراكتېرىدىكى مەبلەغ سېلىش شىركەتلىرى، پاي ھوقۇقى مەبلەغ سېلىش شىركىتى، پاي ھوقۇقى مەبلەغ سېلىش باشقۇرۇش شىركەتلىرى 1 - قېتىم ئېرىشكەن ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت تاپاۋىتىگە تەۋە باج تاپشۇرۇش يىلىدىن باشلاپ، كارخانا تاپاۋەت بېجىنىڭ يەرلىك بەھرىمەن بولىدىغان قىسمىدا ‹ئىككىنى كەچۈرۈم قىلىش، ئۈچنىڭ يېرىمىنى كېمەيتىش› تىن ئىبارەت ئېتىبار بېرىش سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ» دەپ بەلگىلەنگەن. بۇ سىياسەتنىڭ ئىناۋەتلىك ۋاقتى 2010 - يىلىدىن 2020 - يىلىغىچە. 6. كېمەيتىلىدىغان، كەچۈرۈم قىلىنىدىغان باجنى باشقۇرۇش مەسىلىسى ئاپتونوم رايوننىڭ ئوتتۇرا، كىچىك تىپتىكى كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش بويىچە باج يىغىشتا ئېتىبار بېرىش سىياسىتىنىڭ شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان كارخانىلارغا قارىتا باجنى كېمەيتىش، كەچۈرۈم قىلىش رەسمىيەتلىرىنى بېجىرىش ھەمدە باجنى كېمەيتىش، كەچۈرۈم قىلىشنى باشقۇرۇش](مالىيە، باج 2011[51 - نومۇرلۇق) ھۆججىتىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن ئىجرا قىلىنىدۇ. 7. تۆلەپ بولغان باجنى بىر تەرەپ قىلىش مەسىلىسى توغرىسىدا ئاپتونوم رايوننىڭ ئوتتۇرا، كىچىك تىپتىكى كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش بويىچە باج يىغىشتا ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىدىكى شەرتلەرگە ماس كېلىدىغان باج كېمەيتىلگەن، كەچۈرۈم قىلىنغان كارخانىلار تاپاۋەت بېجىنى تاپشۇرۇپ بولغان بولسا، ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن قايتۇرۇپ بېرىلىدۇ. 2010 - يىلى 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن 2010 - يىلى 12 - ئاينىڭ 31 - كۈنىگىچە يېڭىدىن قۇرۇلغان. شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان كارخانىلارنىڭ تۆلەپ بولغان كارخانا تاپاۋەت بېجىگە قارىتا، كارخانا باج باشقۇرۇش ئورگانلىرىغا باجنى قايتۇرۇپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلسىمۇ، باج باشقۇرۇش ئورگانلىرىغا باج يىغىش ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىدىن بەھرىمەن بولۇش باشلانغاندىن باشلاپ بىر يىل ئۇزارتىپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلسىمۇ بولىدۇ. 8. باج كەچۈرۈم قىلىنغان، كېمەيتىلگەن كارخانىلارنىڭ تاپاۋەت بېجىدىكى يەرلىك بەھرىمەن بولىدىغان قىسمىغا قارىتىلغان مەشغۇلات مەسىلىسى توغرىسىدا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كارخانا تاپاۋەت بېجى قانۇنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان باج كەچۈرۈم قىلىش، كېمەيتىدىغان كارخانىلارنىڭ تاپاۋەت بېجىنىڭ يەرلىك بەھرىمەن بولىدىغان قىسمىنى يۇقىرىغا يوللاش، خەزىنىگە كىرگۈزۈش چارىسى ئالاقىدار تارماقلار بېكىتكەن كونكرېت مەشغۇلات چارىسىگە ئاساسەن ئىجرا قىلىنىدۇ.
|
|
|
|
 |
|
 |
 |
 |
 |
|
|
 |
 |
 |
|
|
|
|
|
|
 |
|