باش بەت قىلىش يىغىپ ساقلاش  بۈگۈن: 
ئىش بىجىرىش
办事指南
政民互动
مەمۇرىيەتنى ئاشكارىلاش
政务公开
خوتەننىڭ ئومۇمى ئەھۋالى
和田概况
رەھبەرلەر
领导专栏
باش بەت
首页
سىزنىڭ ئورنىڭىز: سىياسەت قانۇن نىزام > قانۇن نىزاملار

  ئاپتونوم  رايونلۇق  دۆلەت  زېمىن  بايلىقى  سىستېمىسىنىڭ  «شىنجاڭ  ئۇيغۇر  ئاپتونوم  رايونىنىڭ  دۆلەت  زېمىن  بايلىقىنى  نازارەت  قىلىش،  تەكشۈرۈش  نىزامى»نى  يولغا  قويۇش  ۋاقىتلىق  چارىسى   

:ۋاقىت:2011-09-15   ماقالىنىڭ كىلىش مەنبەسى


  «ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت زېمىن بايلىقى سىستېمىسىنىڭ (شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ دۆلەت زېمىن بايلىقىنى
   نازارەت قىلىش، باشقۇرۇش نىزامى) نى يولغا قويۇش ۋاقىتلىق چارىسى»نى بېسىپ تارقاتقانلىق توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش
  [2011]189 - نومۇرلۇق

  ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق دۆلەت زېمىن بايلىقى ئىدارىسى، ھەر قايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك دۆلەت زېمىن بايلىقى ئىدارىلىرى، نازارەت ئورگىنىدىكى ھەر قايسى باشقارما - ئىشخانىلار، ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت زېمىن بايلىقى قانۇن ئىجرا قىلىش، تەپتىش باش ئەترىتى، ھەر قايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك دۆلەت زېمىن بايلىقى قانۇن ئىجرا قىلىش، تەپتىش تارماق ئەترەتلىرى، ئاپتونوم رايونلۇق يەر - زېمىن ئېچىش، رەتلەش، قۇرۇلۇش باشقۇرۇش ئىدارىسى ۋە باشقا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلارغا: «ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت زېمىن بايلىقى سىستېمىسىنىڭ (شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ دۆلەت زېمىن بايلىقىنى نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش نىزامى) نى يولغا قويۇش ۋاقىتلىق چارىسى» 2011 - يىل 4 - ئاينىڭ 12 - كۈنى 12 - قېتىملىق دۆلەت زېمىن بايلىقى نازارىتى پارتگۇرۇپپىسى يىغىنىدا قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى. ھازىر سىلەرگە بېسىپ تارقاتتۇق، ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، شۇ بويىچە ئىجرا قىلىشىڭلارنى سورايمىز.
           2011 - يىل 5 - ئاينىڭ 20 - كۈنى
  1. ماددا ئاپتونوم رايوننىڭ دۆلەت زېمىن بايلىقىنى نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش خىزمىتىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش ۋە قېلىپلاشتۇرۇش، دۆلەت زېمىن بايلىقىغا ئائىت قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى ۋاقتىدا، ئۈنۈملۇك تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ دۆلەت زېمىن بايلىقىنى نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش نىزامى» قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك قانۇن، نىزاملارغا ئاساسەن، خىزمەت ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، مەزكۇر ۋاقىتلىق چارە تۈزۈپ چىقىلدى.
  2. ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى دۆلەت زېمىن بايلىقى مەمۇرىي مەسئۇل تارماقلىرى مەزكۇر مەمۇرىي رايون ئىچىدىكى دۆلەت زېمىن بايلىقىنى نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ. كونكرېت خىزمەتلەرنى باشقۇرۇش ھوقۇق دائىرىسىگە ئاساسەن شۇ دەرىجىلىك دۆلەت زېمىن بايلىقى قانۇن ئىجراقىلىش، تەكشۈرۈش ئاپپاراتلىرىنىڭ يولغا قويۇشىغا ھاۋالە قىلسا بولىدۇ.
  3. ماددا ھاۋالە قىلىنغان دۆلەت زېمىن بايلىقى قانۇن ئىجرا قىلىش، تەكشۈرۈش ئاپپاراتلىرى تۆۋەندىكىدەك نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش فۇنكسىيەسىنى ئادا قىلىدۇ:
  (1)چارلاشقا تەشكىللەش ۋە يولغا قويۇش، دۆلەت زېمىن بايلىقىغا ئالاقىدار قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى ۋاقتىدا بايقاش، مەلۇم قىلىش، توسۇش؛
  (2) دۆلەت زېمىن بايلىقىغا ئالاقىدار قانۇنغا خىلاپ ئەرز، شىكايەتلەرنى تەكشۈرۈپ دەلىللەش؛
  (3) بايقىغان دۆلەت زېمىن بايلىقىغا ئالاقىدار قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى دۆلەت زېمىن بايلىقىغا ئالاقىدار قانۇن، نىزاملاردىكى بەلگىلىمە ۋە ئالاقىدار دېلو تۇرغۇزۇش ئۆلچىمىگە ئاساسەن، دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش - تەكشۈرمەسلىكنى قارار قىلىش ھەمدە يۇقىرى دەرىجىلىك دۆلەت زېمىن بايلىقى قانۇن ئىجرا قىلىش، تەكشۈرۈش ئاپپاراتلىرى ۋە شۇ دەرىجىلىك دۆلەت زېمىن بايلىقى مەمۇرىي مەسئۇل تارماقلىرىغا يوللاپ رويخەتكە ئالدۇرۇش؛
  (4) تەكشۈرۈش ئاياغلاشقاندىن كېيىن، بەلگىلەنگەن مۇددەتتە شۇ دەرىجىلىك دۆلەت زېمىن بايلىقى مەمۇرىي مەسئۇل تارماقلىرىغا دېلو تەكشۈرۈش دوكلاتى، بىر تەرەپ قىلىش پىكرى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى يوللاش؛
  (5) دۆلەت زېمىن بايلىقىغا چېتىلىدىغان قانۇنغا خىلاپ دېلولارغا ئالاقىدار قانۇن ئىجرا قىلىش ھۆججەتلىرىنى يەتكۈزۈش ۋە ئىجرا قىلىش خىزمىتىنى نازارەت قىلىش؛
  (6) يەر، كان بايلىقلىرىنى سۈنئىي ھەمراھتا تارتىلغان رەسىم ئارقىلىق تەكشۈرۈش قاتارلىق مەخسۇس خىزمەتلەردە سىرتقا چىقىپ تەكشۈرۈش، قانۇنغا خىلاپ تۈرىگە ھۆكۈم قىلىش ۋە قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى تەكشۈرۈش، ئىسپات ئېلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىش؛
  (7) تاپشۇرۇلغان باشقا خىزمەتلەرنى ئورۇنداش.
  4. ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى دۆلەت زېمىن بايلىقى مەمۇرىي مەسئۇل تارماقلىرى قانۇنغا خىلاپ دېلولارغا قاراپ چىقىش تۈزۈمى ئورنىتىپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ۋاقتىدا قاراپ چىقىش يىغىنى چاقىرىپ، شۇ دەرىجىلىك دۆلەت زېمىن بايلىقى قانۇن ئىجرا قىلىش، تەكشۈرۈش ئاپپاراتلىرى يوللىغان دېلو تەكشۈرۈش دوكلاتى ۋە بىر تەرەپ قىلىش پىكرىنى قاراپ چىقىشى ھەمدە تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە قاراپ چىقىش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى كېرەك.
  (1) قانۇنغا خىلاپ پاكىتى ئېنىق، ئىسپات تولۇق، خاراكتېرىنى بېكىتىش توغرا، تەرتىپى قانۇنغا ئۇيغۇن، بىر تەرەپ قىلىش مۇۋاپىق، قانۇن بويىچە مەمۇرىي جازا بېرىشكە تېگىشلىكلىرىگە قارىتا مەمۇرىي جازا قارارى چىقىرىدۇ؛
  (2) قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش پاكىتلىرى ئېنىق بولماسلىق، ئىسپات تولۇق بولماسلىق، خاراكتېرىنى بېكىتىش توغرا بولماسلىق، تەرتىپى قانۇنغا ئۇيغۇن بولماسلىق، بىر تەرەپ قىلىش مۇۋاپىق بولماسلىق قاتارلىق ئەھۋالنىڭ بىرى بولسا، دۆلەت زېمىن بايلىقى قانۇن ئىجرا قىلىش، تەكشۈرۈش ئاپپاراتلىرىدىن يەنىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسپاتلارنى تولۇقلاپ، تۈزەتكەندىن كېيىن قاراپ چىقىش يىغىنىغا قايتا سۇنۇش تەلەپ قىلىنىدۇ؛
  (3) قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش پاكىتلىرى پۇت دەسسەپ تۇرالمىسا، دېلو قانۇن بويىچە بىكار قىلىنىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ قىلمىشى يېنىك بولغان ھەمدە ۋاقتىدا تۈزەتكەنلەرگە مەمۇرىي جازا بېرىلمەيدۇ؛
  (4) ئالاقىدارنىڭ مەسئۇلىيىتى قانۇنغا ئاساسەن پارتىيە ئىنتىزامى، سىياسىي ئىنتىزام بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ. دۆلەت زېمىن بايلىقى مەمۇرىي مەسئۇل تارماقلىرىنىڭ باشقۇرۇش ھوقۇق دائىرىسىدىن ئېشىپ كەتسە مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، دېلو ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش تارماقلىرىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ قىلمىشى جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ. مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، دېلو ئەدلىيە ئورگانلىرىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىدۇ؛
  (5) ئوتتۇرىغا قويۇشقا تېگىشلىك باشقا قاراپ چىقىش پىكرى.
  5. ماددا مەمۇرىي جازا قارارىنى دۆلەت زېمىن بايلىقى مەمۇرىي مەسئۇل تارماقلىرى چىقىرىشى، دۆلەت زېمىن بايلىقى مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىنىڭ تامغىسى بېسىلىشى، دۆلەت زېمىن بايلىقى مەمۇرىي مەسئۇل تارماقلىرى ئۆزى چىقارغان مەمۇرىي جازانىڭ ئاقىۋىتىگە قارىتا مۇناسىۋەتلىك قانۇنىي مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.
  6. ماددا دۆلەت زېمىن بايلىقى مەمۇرىي مەسئۇل تارماقلىرىنىڭ قاراپ چىقىش پىكرى بويىچە، قانۇنغا ئاساسەن چىقىرىلغان مەمۇرىي جازا قارارى تۆۋەندىكى تەرتىپ بويىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ:
  (1) دۆلەت زېمىن بايلىقى مەمۇرىي مەسئۇل تارماقلىرى «مەمۇرىي جازا ئۇقتۇرۇشى» چۈشۈرىدۇ. شۇ دەرىجىلىك دۆلەت زېمىن بايلىقى قانۇن ئىجرا قىلىش، تەكشۈرۈش ئاپپاراتلىرى قانۇن بويىچە ئالاقىدارلارغا يەتكۈزىدۇ.
  (2) ئالاقىدار «مەمۇرىي جازا ئۇقتۇرۇشى»نى تاپشۇرىۋېلىپ يەتتە كۈن ئىچىدە ئاقلاش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويسا، دۆلەت زېمىن بايلىقى قانۇن ئىجرا قىلىش، تەكشۈرۈش ئاپپاراتلىرى ئەستايىدىل ئاڭلاپ، قايتا تەكشۈرۈشكە تېگىشلىك بولغانلىرىنى ۋاقتىدا تەكشۈرىدۇ؛ قانۇنغا ئاساسەن ئىسپات ئاڭلاشقا تەشكىللەشكە تېگىشلىكلىرىنى دۆلەت زېمىن بايلىقى مەمۇرىي مەسئۇل تارماقلىرى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن ئىسپات ئاڭلاشقا تەشكىللەيدۇ. قايتا تەكشۈرۈش ياكى ئىسپات ئاڭلاش ئارقىلىق دېلودا چوڭ مەسىلە بارلىقى بايقالسا، دۆلەت زېمىن بايلىقى مەمۇرىي مەسئۇل تارماقلىرى قايتىدىن قاراپ چىقىشقا تەشكىللەيدۇ.
  (3) ئالاقىدارلار بايان قىلىش، ئۆزىنى ئاقلاش ھوقۇقىدىن ۋاز كەچسە، دۆلەت زېمىن بايلىقى مەمۇرىي مەسئۇل تارماقلىرى «مەمۇرىي جازا قارارنامىسى» چۈشۈرىدۇ، شۇ دەرىجىلىك دۆلەت زېمىن بايلىقى قانۇن ئىجرا قىلىش، تەكشۈرۈش ئاپپاراتلىرى ئالاقىدارنىڭ بەلگىلەنگەن مۇددەتتە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىدۇ ۋە ئىجرا قىلىش ئەھۋالىنى يېزىقچە خاتىرىلەيدۇ.
  (4) ئالاقىدارلار بايان قىلىش، ئۆزىنى ئاقلاش ھوقۇقىدىن ۋاز كەچكەن بولسىمۇ، بەلگىلەنگەن مۇددەتتە مەمۇرىي جازا قارارىنى ئىجرا قىلىشنى رەت قىلىپ، مەجبۇرىي ئىجرا قىلىشقا توغرا كەلسا، دۆلەت زېمىن بايلىقى مەمۇرىي مەسئۇل تارماقلىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ قانۇن بويىچە مەجبۇرىي ئىجرا قىلدۇرۇشىنى ئىلتىماس قىلىدۇ.
  7. ماددا دۆلەت زېمىن بايلىقى مەمۇرىي مەسئۇل تارماقلىرىنىڭ قاراپ چىقىش پىكرىگە ئاساسەن، قانۇن بويىچە ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى، ئەدلىيە ئورگانلىرىغا يوللاپ بېرىشكە تېگىشلىك بولسا، شۇ دەرىجىلىك دۆلەت زېمىن بايلىقى قانۇن ئىجرا قىلىش، تەكشۈرۈش ئاپپاراتلىرى بەلگىلىمىگە ئاساسەن ئۆتكۈزۈپ بېرىش رەسمىيىتى بېجىرىشى كېرەك.
  8. ماددا تۆۋەندىكى شەرتلەرگە ئۇيغۇن كېلىدىغان دېلولار ئاياغلاشتۇرۇلسا بولىدۇ:
  (1) ئىجرا قىلىپ بولغانلىرى؛
  (2) ئىجرا قىلىش توختىتىلغانلىرى؛
  (3) خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ قانۇن بويىچە مەجبۇرىي ئىجرا قىلدۇرۇشىنى ئىلتىماس قىلغانلىرى؛
  (4) ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش، ئەدلىيە ئورگانلىرىغا قانۇن بويىچە يوللاپ بېرىلگەنلىرى.
  9. ماددا يۇقىرى دەرىجىلىك دۆلەت زېمىن بايلىقى قانۇن ئىجرا قىلىش، تەكشۈرۈش ئاپپاراتلىرى زۆرۈر، دەپ قارىغان ۋاقىتتا، بىۋاسىتە تۆۋەن دەرىجىلىك دۆلەت زېمىن بايلىقى قانۇن ئىجرا قىلىش، تەكشۈرۈش ئاپپاراتلىرى باشقۇرۇشىدىكى قانۇنغاخىلاپ دېلولارنى تەكشۈرۈپ، دېلو تەكشۈرۈش دوكلاتى ۋە بىر تەرەپ قىلىش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، شۇ دەرىجىلىك دۆلەت زېمىن بايلىقى مەمۇرىي مەسئۇل تارماقلىرىنىڭ قاراپ چىقىشىغا تاپشۇرسا بولىدۇ.
  10. ماددا دۆلەت زېمىن بايلىقى مەمۇرىي مەسئۇل تارماقلىرى مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلغان، دۆلەت زېمىن بايلىقىنى باشقۇرۇش تەرتىپىنى قوغداشتا نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك بولغان ئورۇن ۋە شەخسلەرنى تەقدىرلەپ مۇكاپاتلايدۇ؛ مەمۇرىي جازا تەرتىپىگە خىلاپلىق قىلىش، مەمۇرىي جازا قارارىنى چىقىرىشتا ھوقۇقىدىن ھالقىپ كېتىش قاتارلىق مەسئۇلىيىتىنى توغرا ئادا قىلماسلىق سەۋەبىدىن ناچار ئىجتىمائىي تەسىر پەيدا قىلسا، ئاساسلىق مەسئۇل كىشى ۋە باشقا مەسئۇل كىشىلەرنىڭ مەسئۇلىيىتى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.
  11. ماددا مەزكۇر ۋاقىتلىق چارە يولغا قويۇلغان كۈندىن باشلاپ، دۆلەت زېمىن بايلىقى قانۇن ئىجرا قىلىش، تەكشۈرۈش ئاپپاراتلىرى مەزكۇر ۋاقىتلىق چارىگە ئاساسەن، دۆلەت زېمىن بايلىقى مەمۇرىي مەسئۇل تارماقلىرى ھاۋالە قىلغان نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش خىزمەت فۇنكسىيەسىنى ئادا قىلىدۇ، دۆلەت زېمىن بايلىقى مەمۇرىي مەسئۇل تارماقلىرى قايتا ھاۋالىنامە چۈشۈرمەيدۇ.
  12. ماددا مەزكۇر ۋاقىتلىق چارە چۈشۈرۈلگەن كۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ، ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت زېمىن بايلىقى نازارىتى چۈشەندۈرۈشكە مەسئۇل بولىدۇ.



ئەتلەس
ئۇزۇن ئۆمۇر چول…
           
باشقۇرغۇچى ئورۇن: شىنجاڭ خوتەن ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمە؛ ئۈستىگە ئالغۇچى ئورۇن: شىنجاڭ خوتەن ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمە ئىشخانىسى
شىنجاڭ خوتەن ۋىلايەتلىك ئېلېكترونلۇق مەمۇرىيەت ئىشخانىسى قۇرىدۇ ۋە قوغدايدۇ
پوچتا نومۇرى:848000  تېلغۇن نومۇر:0903-2038261 2032645  ئادرىسى: شىنجاڭ خوتەن شەھەر تانار شىمالى يولى 3-نومۇر