باش بەت قىلىش يىغىپ ساقلاش  بۈگۈن: 
ئىش بىجىرىش
办事指南
政民互动
مەمۇرىيەتنى ئاشكارىلاش
政务公开
خوتەننىڭ ئومۇمى ئەھۋالى
和田概况
رەھبەرلەر
领导专栏
باش بەت
首页
سىزنىڭ ئورنىڭىز: سىياسەت قانۇن نىزام > قانۇن نىزاملار

سۇچىلىق  قۇرۇلۇش  تۈرىنى  باشقۇرۇش  بەلگىلىمىسى
 

:ۋاقىت:2007-10-23   ماقالىنىڭ كىلىش مەنبەسى


     (سۇچىلىق مىنىستىرلىكىنىڭ سۇچىلىق قۇرۇلۇشى〔1995〕 128- نومۇرلۇق ھۆججىتى)
     (سىناق نۇسخا،1995-يىل 4-ئاينىڭ 21-كۈنى ئېلان قىلىنغان)
    

     1-باپ  ئومۇمىي پىرىنسىپ
    
     1-ماددا سوتسىيالىستىك بازار ئىقتىسادىي تۈزۈلمىسىنى ئورنىتىشنىڭ تەلىپىگە ماسلىشىش، سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنى كەسىپى جەھەتتىن باشقۇرۇشنى تېخىمۇ كۈچەيتىش، سۇچىلىق قۇرۇلۇش تۈرىنى باشقۇرۇشنى تەدرىجىي قانۇن-تۈزۈملەشتۈرۈش، قېلىپلاشتۇرۇش يولىغا كىرگۈزۈش، سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنىڭ قۇرۇلۇش قەرەلى، سۈپىتى، بىخەتەرلىكى ۋە مەبلەغ ئۈنۈمىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار سىياسەت بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن، سۇ-ئېلېكتر كەسپىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە بىرلەشتۈرۈپ مەزكۇر بەلگىلىمە تۈزۈلدى.
     2-ماددا  بۇ باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى دۆلەتنىڭ مەبلىغى، مەركەز بىلەن يەرلىكنىڭ شېرىك مەبلىغى، كارخانا كەسپى ئورۇنلارنىڭ شېرىكسىز، شېرىك مەبلىغى شۇنداقلا باشقا مەبلەغ شەكىللىرى ئارقىلىق قۇرۇلغان كەلكۈندىن مۇداپىئە كۆرۈش، ھۆلچىلىكنى تۈگىتىش، سۇغىرىش، توك چىقىرىش، سۇ بىلەن تەمىنلەش، قاشالاپ يەر ئېچىش قاتارلىق چوڭ ئوتتۇرا تىپتىكى(يېڭىدىن قۇرۇلىدىغان، داۋاملاشتۇرۇلىدىغان، ئۆزگەرتىپ قۇرۇلىدىغان، مۇستەھكەملىنىدىغان، رېمۇنت قىلىنىدىغان) قۇرۇلۇش تۈرلىرىگە مۇۋاپىق كىلىدۇ، كىچىك تىپتىكى سۇچىلىق قۇرۇلۇش تۈرلىرىمۇ  بۇ باشقۇرۇش بەلگىلىمىسىدىن پايدىلانسا بولىدۇ.
        3-ماددا  سۇچىلىق قۇرۇلۇش تۈرىنى باشقۇرۇش بىر تۇتاش باشقۇرۇش، دەرىجىلىك باشقۇرۇش ۋە نىشانلىق باشقۇرۇش (MBO)نى ئىجرا قىلىپ،   سۇچىلىق مىنىستىرلىكى،  ۋادا ئورگىنى ۋە يەرلىك سۇچىلىق مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى شۇنداقلا  قۇرۇلۇش تۈرى قانۇنى ئىگىسى باشقۇرۇشتىن ئىبارەت دەرىجىلىك باشقۇرۇش ، قاتلاملىق باشقۇرۇش سىتېمىسىنى تەدرىجىي قۇرۇپ چىقىدۇ.
     4-ماددا سۇچىلىق قۇرۇلۇش تۈرىنى باشقۇرۇش قۇرۇلۇش تەرتىپى بويىچە قاتتىق ئېلىپ بېرىلىپ، قۇرۇلۇش تۈرىنى پۈتۈن جەريانلىق باشقۇرىشى، نازارەت قىلىشى، مۇلازىمەت قىلىشى لازىم.
        5-ماددا سۇچىلىق قۇرۇلۇشى تۈر قانۇنى ئىگىسى مەسئۇل بولۇش ،  خېرىدار چاقىرىش خېرىدار بولۇش، نازارەتچىلىك قىلىپ باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، تۈر باشقۇرۇشنى ئاكتىپ كېڭەيتىشى لازىم.
    
     2-باپ  باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ۋە مەجبۇرىيەتلەر
    
     6-ماددا سۇچىلىق مىنىستىرلىكى گوۋۇيۈەننىڭ سۇچىلىق مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنى ماكرولۇق باشقۇرىدۇ. سۇچىلىق مىنىستىرلىكى قۇرۇلۇش مەھكىمىسى سۇچىلىق مىنىستىرلىكىنىڭ سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنى ئۇنىۋېرسال باشقۇرۇش تارمىقى بولۇپ، ئۇنىڭ سۇچىلىق قۇرۇلۇش تۈرىنى باشقۇرۇشتىكى ئاساسلىق مەجبۇرىيەتلىرى تۆۋەندىكىچە:
     1.دۆلەتنىڭ فاڭجېىن-سىياسەتلىرىنى ئىزچىل ئىجرا قىلىپ، سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنىڭ سىياسەت قانۇن-نىزاملىرىنى تەتقىق قىلىپ تۈزۈپ چىقىدۇ، ھەمدە ئىجرا قىلىشقا تەشكىللەيدۇ؛
     2. پۈتۈن مەملىكەتتىكى سۇچىلىق قۇرۇلۇش تۈرىنى كەسپى جەھەتتىن باشقۇرىدۇ؛
     3.مەھكىمىگە قاراشلىق نۇقتىلىق سۇچىلىق قۇرۇلۇشلىرىنى قۇرۇشقا تەشكىللەيدۇ ۋە ماسلاشتۇرىدۇ؛
     4. سۇچىلىق قۇرۇلۇش تۈرىنىڭ  باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى ئاكتىپ ئىسلاھ قىلىپ، سۇچىلىق قۇرۇلۇش بازىرىنى ئاچىدۇ ۋە مۇكەممەللەشتۈرىدۇ.
     5.ئۆلكىگە قاراشلىق نۇقتىلىق چوڭ ئوتتۇرا تىپتىكى سۇچىلىق قۇرۇلۇشى، مەركەز مەبلەغ سېلىشقا قاتناشقان يەرلىك چوڭ ئوتتۇرا تىپتىكى قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى باشقۇرۇشىغا يىتەكچىلىك قىلىدۇ ياكى قاتنىشىدۇ.
        7-ماددا ۋادا ئورگىنى سۇچىلىق مىنىستىرلىكى ئەۋەتكەن ئورگان بولۇپ، ئۆزى تۇرۇشلۇق ئورۇندىكى  ۋادىغا نىسبەتەن سۇچىلىق مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ مەجبۇرىيەتلىرىنى ئورۇنداپ،  مەزكۇر ۋادىدىكى سۇچىلىق قۇرۇلۇشلىرىنى كەسپى جەھەتتىن باشقۇرىدۇ.
     1. سۇچىلىق مىنىستىرلىكىنىڭ مەبلىغىنى ئاساس قىلغان سۇچىلىق قۇرۇلۇش تۈرىنىڭ ئاز ساندىكى ئالاھىدە  زور تۈرىنى سۇچىلىق مىنىستىرلىكى بىۋاستە باشقۇرغاندىن سىرت، باشقا تۈرلەرنىڭ ھەممىسىگە شۇ جايدىكى ۋادا ئورگىنى تەشكىللەپ قۇرۇش  ۋە باشقۇرۇشقا مەسئۇل بولىدۇ. ۋادىنىڭ ئۇنىۋېرسال يىرىك پىلانى بويىچە قۇرۇلۇشقا تەشكىللەش، ئىشلەپچىقىرىش تىجارىتى، دۇمىلىتىپ ئېچىشنى تەدرىجىي ئىشقا ئاشۇرىدۇ؛
     2. ۋادا ئورگىنى دۆلەتنىڭ مەبلەغ سىياسىتىگە ئاساسەن كۆپ يوللار ئارقىلىق مەبلەغ توپلاپ، ۋادىدىكى سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنىڭ مەبلەغ  سۇبيېكتى (ئاساسى قىسمى) نى تەدرىجىي تۇرغۇزىدۇ، شۇ ئارقىلىق دۆلەتنىڭ ۋادا سۇچىلىق قۇرۇلۇش تۈرىگە بولغان باشقۇرۇشىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.
     8-ماددا ئۆلكىلىك ( ئاپتونۇم رايۇنلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك ) سۇچىلىق ( سۇ ئېلېكتر ) نازارىتى ( ئىدارىسى ) مەزكۇر رايۇننىڭ سۇچىلىق مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى بولۇپ، مەزكۇر رايۇننىڭ سۇچىلىق قۇرۇلۇشلىرىنى كەسپى جەھەتتىن باشقۇرىدۇ.
     1.مەزكۇر رايۇننىڭ يەرلىك مەبلىغىنى ئاساس قىلغان چوڭ ئوتتۇرا تىپتىكى سۇچىلىق قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى تەشكىللەپ قۇرۇش  ۋە باشقۇرۇشقا مەسئۇل بولىدۇ؛
     2.مەزكۇر رايۇننىڭ دۆلەت ۋە  مەھكىمىگە قاراشلىق نۇقتىلىق سۇچىلىق قۇرۇلۇشلىرىنى قوللاپ، ياخشى بولغان قۇرۇلۇش مۇھىتىنى ئاكتىپلىق بىلەن يارىتىدۇ.
        9-ماددا سۇچىلىق قۇرۇلۇش تۈرى قانۇنى ئىگىسى سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنىڭ  تۈر تۇرغۇزۇش، مەبلەغ توپلاش، قۇرۇش،  ئىشلەپچىقىرىش تىجارىتى، دىرىنى قايتۇرۇپ ئۆسۈم تۆلەش شۇنداقلا مۈلۈك قىممىتىنى ساقلاش ۋە ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت پۈتۈن جەريانغا  مەسئۇل بولىدۇ، شۇنداقلا مەبلەغ خەۋپ_خەتىرىنى  ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ. تۈر قانۇنى ئىگىسىگە ۋەكىللىك قىلىپ قۇرۇلۇش تۈرىنى باشقۇرىدىغان قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن تۈر قۇرۇلۇشىنىڭ بىۋاستە تەشكىللىگۈچىسى ۋە يولغا قويغۇچىسى بولۇپ، تۈرنىڭ قۇرۇلۇش كۆلىمى، مەبلەغ ئومۇمىي سوممىسى، قۇرۇلۇش قەرەلى، قۇرۇلۇش سۈپىتى بويىچە تۈر قۇرۇلۇشىنى پۈتۈن جەريانلىق باشقۇرىدۇ، دۆلەت ياكى مەبلەغ سالغۇچى ھەرقايسى تەرەپلەرگە مەسئۇل بولىدۇ.
    
    
     3-باپ  قۇرۇلۇش تەرتىپلىرى
       
     10-ماددا سۇ قۇرۇلۇشى خەلق ئىگىلىكىنىڭ ئاساسىي مۇئەسسەسەسى ۋە ئۇل كەسپى. سۇچىلىق قۇرۇلۇشى قۇرۇلۇش تەرتىپى بويىچە قاتتىق ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك. سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنىڭ  قۇرۇلۇش تەرتىپى ئادەتتە تۈر تەكلىپنامىسى، مۇمكىنچىلىك تەتقىقات دوكلاتى، دەسلەپكى لايىھە، قۇرۇلۇش قىلىش تەييارلىقى(خېرىدار چاقىرىش لايىھەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، قۇرۇلۇش قىلىش، ئىشلەپچىقىرىش تەييارلىقى، پۈتكەن قۇرۇلۇشنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش ۋە ئاخىرقى باھالاش قاتارلىق باسقۇچلارغا بۆلىنىدۇ.
        11-ماددا قۇرۇلۇش دەسلەپكى مەزگىلى دۆلەتنىڭ ئومۇمىي پىلانى شۇنداقلا ۋادىنىڭ ئۇنىۋېرسال يىرىك پىلانى بويىچە  دەسلەپكى مەزگىللىك خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرىدۇ، دەسلەپكى مەزگىللىك خىزمەتلەرتۈر تەكلىپنامىسى، مۇمكىنچىلىك تەتقىقات دوكلاتى ۋە دەسلەپكى لايىھە (ياكى كېڭەيتىلگەن دەسلەپكى لايىھە )لارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
        12-ماددا قۇرۇلۇش تۈرىنىڭ دەسلەپكى لايىھە ھۆججىتى تەستىقلىنىپ تۈر مەبلىغى ئاساسىي جەھەتتىن ئەمەلىيلەشكەن بولسا گەۋدە قۇرۇلىشىغا خېرىدار چاقىرىش لايىھەسىنى تۈزۈش، خېرىدار چاقىرىشقا تەشكىللەش شۇنداقلا  نەق مەيداندىكى قۇرۇلۇش قىلىشقا تەييارلىق قىلىش خىزمىتىنى ئىشلەشكە بولىدۇ.
     13-ماددا تۈر قانۇنى ئىگىسى ياكى قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن باشقۇرۇش تارماقلىرىغا گەۋدە قۇرۇلۇشىغا ئىش باشلاش ئىلتىماسىنى سۇنىدۇ، باشقۇرۇش تارماقلىرى ھوقۇق دائىرىسى بويىچە  تەستقلىغاندىن كېيىن قۇرۇلۇشقا ئىش باشلاشقا بولىدۇ.
     گەۋدە قۇرۇلۇشىغا ئىش باشلاش تۆۋەندىكى شەرتلەرنى ھازىرلىشى كېرەك:
     1. دەسلەپكى مەزگىللىك قۇرۇلۇشنىڭ ھەر قايسى باسقۇچتىكى ھۆججەتلىرى بەلگىلىمە بويىچە تەستىقلىنىپ، قۇرۇلۇش چېرتيوژى  دەسلەپكى مەزگىللىك گەۋدە قۇرۇلۇشىغا ئىشلەش تەلىپىنى قاندۇرالايدىغان بولۇشى كېرەك؛
     2. قۇرۇلۇش تۈرى دۆلەتنىڭ يىللىق پىلانىغا كىرگۈزۈلگەن، يىللىق قۇرۇلۇش مەبلىغى ئەمەلىيلەشكەن بولۇشى كېرەك؛
     3. گەۋدە قۇرۇلۇشىنىڭ خېرىدارلىققا چىققۇچىسى بەلگىلەنگەن، ھۆددىگە ئېلىش توختامى ئىمزالانغان ھەمدە باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ ماقۇللىقىغا ئېرىشكەن بولۇشى كېرەك؛
     4. نەق مەيداندىكى قۇرۇلۇش قىلىش تەييارلىقى، يەر سېتىۋېلىش ۋە ئاھالە كۆچۈرۈش قاتارلىق قۇرۇلۇش سىرتقى شەرتلىرى گەۋدە قۇرۇلۇشىنىڭ ئىش باشلاش تەلىپىنى قاندۇرالايدىغان بولۇشى كېرەك.
     14-ماددا تۈر قۇرۇلۇشى قىلدۇرغۇچى ئورۇن تەستىقلانغان قۇرۇلۇش ھۆججىتى بويىچە  باشقۇرۇشتىكى يېتەكچىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، لايىھەلەش، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، قۇرۇلۇش قىلىش شۇنداقلا  يەرلىكتىن ئىبارەت  ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ  مۇناسىۋەتلىرىنى ماسلاشتۇرۇپ نىشانلىق باشقۇرۇشنى ئىجرا قىلىشى كېرەك. قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن لايىھەلەش، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، قۇرۇلۇشنى ھۆددىگە ئالغۇچى ئورۇنلار بىلەن توختام مۇناسىۋىتىدە بولۇپ، ھەرقايسى تەرەپلەر توختامنى قاتتىق ئىجرا قىلىشى كېرەك.
     1. تۈر قۇرۇلۇشى قىلدۇرغۇچى ئورۇن قاتتىق بولغان نەق مەيداندا ماسلاشتۇرۇش ياكى ئورۇنلاشتۇرۇش تۈزۈمىنى تۇرغۇزۇپ لايىھەلەش، قۇرۇلۇشقا ئىشلەشتىكى ھالقىلىق تېخنىكىلىق مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا تەكشۈرۈپ ھەل قىلىشى ، توختامغا ئەستايىدىل ئەمەل قىلىپ، قۇرۇلۇش قىلغۇچى ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئاكتىپلىق بىلەن ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ قۇرۇلۇش قىلىشقا ياخشى بولغان تاشقى شارائىتنى ھازىرلىشى كېرەك؛
     2. نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئورنى تۈر قۇرۇلۇشى قىلدۇرغۇچى ئورۇننىڭ ھاۋالىسىنى قوبۇل قىلىپ،  توختامدىكى بەلگىلىمە بويىچە نەق مەيداندا تەشكىللەش، باشقۇرۇش، ماسلاشتۇرۇش ۋە نازارەت قىلىش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مۇستەقىل ئادىل مەيداندا تۇرۇپ، قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن بىلەن لايىھەلەش، قۇرۇلۇشقا ئىشلەش قاتارلىق ئورۇنلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ماسلاشتۇرىدۇ؛
     3. لايىھەلەش ئورنى توختامغا ئاساسەن قۇرۇلۇش چېرتيوژىنى ۋاقتىدا تەمىنلىشى ھەمدە لايىھەلەش سۈپىتىگە ھەقىقى كاپالەتلىك قىلىشى لازىم. قۇرۇلۇش كۆلىمىگە ئاساسەن لايىھەلەش ۋەكىللەر گورۇپپىسى ئەۋەتىپ قۇرۇلۇش قىلىش نەق مەيدانىدا تۇرغۇزۇپ قۇرۇلۇش قىلىش جەريانىدا كۆرۈلگەن لايىھەدىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشى كېرەك.
     قۇرۇلۇش چېرتيوژى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئورنىنىڭ تەكشۈرۈپ بېكىتىشىدىن ئۆتكەندىن كېيىن قۇرۇلۇش قىلغۇچى ئورۇننىڭ قۇرۇلۇش قىلىشىغا تاپشۇرىلىدۇ. لايىھەلەش ئورنى زور لايىھەلەش پرىنسىپال مەسىلىلىرىگە چېتىلمىغان مۇۋاپىق پىكىرلەرنى  قۇبۇل قىلىدۇ ھەمدە لايىھەگە تۈزىتىش كىرگۈزىدۇ. ئەگەركېلىشەلمەسلىك  پىكىرى بولسا، قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن قارار قىلىدۇ. ئەگەر دەسلەپكى لايىھە زور ئۆزگەرتىلىش مەسىلىسىگە چېتىلسا، ئەسلى دەسلەپكى لايىھەنى تەستىقلىغۇچى ئورۇن تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بېكىتىلىدۇ.
     4. قۇرۇلۇش قىلغۇچى كارخانا باشقۇرۇشنى ھەقىقىي تۈردە كۈچەيتىپ، ھۆددىگە ئېلىش توختامىنى ئەستايىدىل ئىجرا قىلىشى، قۇرۇلۇش قىلىش جەريانىدا تۈزگەن قۇرۇلۇش قىلىش پىلانى، تېخنىكىلىق تەدبىرلەر شۇنداقلا تەشكىلىي باشقۇرۇش ئەھۋاللىرىنى تۈر قۇرۇلۇشى قىلدۇرغۇچى ئورۇنغا يوللىشى كېرەك.
     15-ماددا قۇرۇلۇشنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش دۆلەت ۋە سۇچىلىق  مىنىستىرلىكى ئېلان قىلغان تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن قاتتىق ئېلىپ بېرىلىدۇ.
     1. قۇرۇلۇشنى باسقۇچلۇق تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش:
     باسقۇچلۇق تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش-پۈتكەن قۇرۇلۇشنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشنىڭ ئاساسى ۋە مۇھىم مەزمۇنى، رولىنى مۇستەقىل جارى قىلدۇرالايدىغان يەككە تۈر قۇرۇلۇشلىرىنىڭ ھەممىسى باسقۇچلۇق تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىنىدۇ، مەسىلەن: سۇ ئېقىنىنى توسۇش (مۇددەتكە بۆلۈپ ئېقىم باشلاشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، توما سېلىپ سۇ ساقلاش، ماشىنىلار گورۇپپىسىنى ھەرىكەتلەندۈرۈش، سۇ ئۆتكۈزۈش قاتارلىقلار مۇھىم بولغان باسقۇچلۇق تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش تۈرى ھېسابلىنىدۇ.
     2. پۈتكەن قۇرۇلۇشنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش:
     (1) قۇرۇلۇش ئاساسەن پۈتكەن چاغدا، تۈر قۇرۇلۇشى قىلدۇرغۇچى ئورۇن تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش بەلگىلىمىسىگە  ئاساسەن نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، لايىھەلەش، قۇرۇلۇش قىلىش قاتارلىق ھەرقايسى ئورۇنلاردىن مۇناسىۋەتلىك دوكلاتلارنى تەييارلاشنى ھەمدە بەلگىلىمە بويىچە قۇرۇلۇش قىلىش جەريانىدىكى مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللار، ھۆججەتلەر، چېرتيوژلارنى كىتاب قىلىپ ئارخىپقا ئېلىشنى تەلەپ قىلىدۇ.
     (2) پۈتكەن قۇرۇلۇشنى رەسمىي تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشتىن ئىلگىرى قۇرۇلۇشنىڭ كۆلىمىگە ئاساسەن باشقۇرۇش تارمىقى ياكى باشقۇرۇش تارمىقى ھاۋالە قىلغان تۈر قۇرۇلۇشى قىلدۇرغۇچى ئورۇن دەسلەپكى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشنى تەشكىللەيدۇ ھەمدە دەسلەپكى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشتە بايقالغان مەسىلىلەرنى رەسمىي تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشتىن بۇرۇن ھەل قىلىدۇ.
     (3) سۈپەت نازارەتچىلىك ئورگىنى قۇرۇلۇش سۈپىتىگە قارىتا باھالاش پىكىرىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
     (4) دەسلەپكى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش ئەھۋالى ۋە  تۈر قۇرۇلۇشى قىلدۇرغۇچى ئورۇننىڭ تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشنى ئىلتىماس قىلىش دوكلاتىغا ئاساسەن، پۈتكەن قۇرۇلۇشنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئىشلىرى قارار قىلىنىدۇ.
     دۆلەتنىڭ نۇقتىلىق سۇچىلىق قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشقا دۆلەتلىك پىلان كومىتېتى بىلەن سۇچىلىق مىنىستىرلىكى بىرلىكتە  رىياسەتچىلىك قىلىدۇ.
     مەھكىمىگە قاراشلىق نۇقتىلىق سۇچىلىق قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشقا سۇچىلىق مىنىستىرلىكى رىياسەتچىلىك قىلىدۇ. مەھكىمىگە قاراشلىق باشقا تۈرلەرنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشقا ۋادا ئورگىنى رىياسەتچىلىك قىلىدۇ، سۇچىلىق مىنىستىرلىكى يېتەكچىلىك قىلىدۇ.
     مەركەز مەبلەغ سېلىشقا قاتناشقان يەرلىك نۇقتىلىق سۇچىلىق قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشقا، ئۆلكىلىك ( ئاپتونۇم رايۇنلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك ) ھۆكۈمەت بىلەن سۇچىلىق مىنىستىرلىكى ياكى ۋادا ئورگىنى بىرلىكتە  رىياسەتچىلىك قىلىدۇ.
     يەرلىك سۇچىلىق قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشقا يەرلىك سۇچىلىق باشقۇرۇش تارمىقى رىياسەتچىلىك قىلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدىكى چوڭ تىپتىكى قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشقا سۇچىلىق مىنىستىرلىكى ياكى ۋادا ئورگىنى ئادەم ئەۋەتىپ قاتنىشىدۇ، مۇھىم ئوتتۇرا تىپتىكى قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشقا ۋادا ئورگىنى ئادەم ئەۋەتىپ قاتنىشىدۇ.
    
     4-باپ  "ئۈچ تۈرلۈك تۈزۈم"ئىسلاھاتىنى يولغا قويۇش
    
     16-ماددا ئىشلەپچىقىرىش تىجارەت خاراكتېرلىك سۇچىلىق قۇرۇلۇش تۈرلىرى تۈر قانۇنى ئىگىسىنىڭ  مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى ئاكتىپ كېڭەيتىشى كېرەك،  باشقا تىپتىكى تۈرلەر ئاكتىپ شارائىت ھازىرلاپ ، تۈر قانۇنى ئىگىسىنىڭ  مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى تەدرىجىي ئىجرا قىلىشى لازىم.
     1. قۇرۇلۇش نەق مەيدانىنى باشقۇرۇشقا  تۈر قانۇنى ئىگىسى بىۋاستە مەسئۇل بولسىمۇ، تۈر قانۇنى ئىگىسى قۇرغان ياكى ھاۋالە قىلغان بىر تەشكىلات  كونكرېت  مەسئۇل بولسىمۇ بولىدۇ. نەق مەيدان قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل بولغان ئورگان قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇننىڭ  فۇنكسىيەسىنى ئىجرا قىلىدۇ؛
     2. قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن تۈر باشقۇرۇش تارمىقى ياكى مەبلەغ سالغۇچى ھەرقايسى تەرەپلەرگە مەسئۇل بولىدۇ؛
     قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن تۆۋەندىكى شەرتلەرنى ھازىرلىشى لازىم:
     (1) نىسپىي مۇقىم بولغان تەشكىلىي شەكىلگە ئىگە بولۇشى، ئىچكى تەشكىلىي قۇرۇلمىسى،خادىملار تەقسىماتى قۇرۇلۇش تەلىپىنى قاندۇرالايدىغان بولۇشى لازىم؛
     (2) ئىقتىساددا  مۇستەقىل ھېسابات قىلىشى ياكى دەرىجىلىك ھېسابات قىلىشى لازىم؛
     (3) ئاساسلىق مەمۇرىي ۋە تېخنىكا، ئىقتىسادقا مەسئۇل خادىمى مەخسۇس ۋەزىپىدىكى خادىملار بولۇشى ھەمدە نىسپىي مۇقىملىقنى ساقلىشى لازىم.
     17-ماددا ئومۇمەن مەزكۇر بەلگىلىمىنىڭ 2- ماددىسىدىكى تەلەپلەرگە ئۇيغۇن كېلىدىغان چوڭ ئوتتۇرا  تىپتىكى سۇچىلىق قۇرۇلۇشلىرىنىڭ ھەممىسى خېرىدار چاقىرىش خېرىدار بولۇش تۈزۈمىنى ئىجرا قىلىشى لازىم.
     1. سۇچىلىق قۇرۇلۇش تۈرىنىڭ  قۇرۇلۇش قىلىشقا خېرىدار چاقىرىش خېرىدار بولۇش خىزمەتلىرى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلىرى ياكى خەلقئارالىق سېتىۋېلىش ئۆلچىمى بويىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ ھەمدە قۇرۇلۇش كۆلىمى، مەبلەغ سېلىش شەكلى شۇنداقلا قۇرۇلۇش ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن خېرىدار چاقرىش  شەكلى بەلگىلىنىدۇ.
     2. گەۋدە قۇرۇلۇشىنى ئىشلەشكە خېرىدار چاقىرىش ھازىرلاشقا تېگىشلىك زۆرۈر شەرتلەر:
     (1) تۈرنىڭ دەسلەپكى لايىھەسى تەستىقلىنىپ، تۈر قۇرۇلۇشى پىلانىغا كىرگۈزۈلگەن، مەبلىغى ئاساسەن ئەمەلىيلەشكەن بولۇشى كېرەك؛
     (2) تۈر قۇرۇلۇشى قىلدۇرغۇچى ئورۇن بارلىققا كەلگەن ھەمدە  زۆرۈر بولغان قۇرۇلۇش باشقۇرۇش ئىقتىدارىنى ھازىرلىغان بولۇشى كېرەك؛
     (3) خېرىدار چاقىرىش ھۆججىتى تۈزۈپ بولۇنغان، قۇرۇلۇش قىلىشقا خېرىدار چاقىرىش ئىلتىماسى تەستىقلانغان بولۇشى كېرەك؛
     (4) قۇرۇلۇش قىلىش تەييارلىق خىزمەتلىرى گەۋدە قۇرۇلۇشىنىڭ ئىش باشلاش تەلىپىنى قاندۇرالايدىغان بولۇشى لازىم.
     3. سۇچىلىق قۇرۇلۇش تۈرىنىڭ  خېرىدار چاقىرىش خىزمەتلىرىنى تۈر قۇرۇلۇشى قىلدۇرغۇچى ئورۇن كونكرېت تەشكىللەپ ئىجرا قىلىدۇ. خېرىدار چاقىرىشنى باشقۇرۇش2-بابتىكى دەرىجىلىك باشقۇرۇش پرىنسىپى ۋە باشقۇرۇش دائىرىسىگە ئاساسەن تۆۋەندىكىلەرگە بۆلىنىدۇ:
     (1) سۇچىلىق مىنىستىرلىكى خېرىدار چاقىرىش خىزمىتىنى كەسىپىي جەھەتتىن باشقۇرۇپ،  ئاز ساندىكى ئالاھىدە  زور قۇرۇلۇش تۈرىنىڭ خېرىدار چاقىرىش خىزمىتىگە بىۋاستە قاتنىشىدۇ ياكى خېرىدار چاقىرىش خىزمىتىنى تەشكىللەيدۇ ھەمدە دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلىرى بىلەن بولغان  ماسلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ئىشلەيدۇ؛
      (2) باشقا دۆلەت ۋە مەھكىمىگە قاراشلىق نۇقتىلىق قۇرۇلۇش تۈرلىرى شۇنداقلا مەركەز مەبلەغ سېلىشقا قاتناشقان يەرلىك سۇچىلىق قۇرۇلۇش تۈرلىرىنىڭ خېرىدار چاقىرىش خىزمىتىنى باشقۇرۇشقا  ۋادا ئورگىنى مەسئۇل بولىدۇ ؛
     (3) يەرلىكنىڭ چوڭ ئوتتۇرا تىپتىكى سۇچىلىق قۇرۇلۇش تۈرلىرىنىڭ خېرىدار چاقىرىش خىزمىتىنى باشقۇرۇشقا يەرلىك سۇچىلىق مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى  مەسئۇل بولىدۇ ؛
     18-ماددا سۇچىلىق قۇرۇلۇشى نازارەتچىلىك قىلىپ باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك كېڭەيتىش لازىم.
     1.سۇچىلىق مىنىستىرلىكى مەملىكىتىمىز سۇچىلىق قۇرۇلۇشلىرىنىڭ نازارەتچىلىك قىلىپ باشقۇرۇش خىزمىتىگە ئاساسىي مەسئۇل بولىدۇ.
     2.سۇچىلىق قۇرۇلۇشلىرىنىڭ نازارەتچىلىك قىلىپ باشقۇرۇش ئورۇنلىرىنى خېرىدار چاقىرىش خېرىدار بولۇش شەكلى ئارقىلىق  تاللاپ بېكىتىش لازىم،
     3. قۇرۇلۇشنى نازارەتچىلىك قىلىپ باشقۇرۇش ئورۇنلىرىغا بولغان باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش لازىم، نازارەتچىلىك قىلىپ باشقۇرۇش ئىنژېنېرلىرى گۇۋاھنامىسى بىلەن ئىشقا چىقىشى، نازارەتچىلىك قىلىپ باشقۇرۇش ئورۇنلىرى چوقۇم گۇۋاھنامىسى بىلەن سودا قىلىشى لازىم.
     19-ماددا سۇچىلىق قۇرۇلۇش كارخانىلىرى تۈر باشقۇرۇشنى ئاكتىپ كېڭەيتىشى لازىم. تۈر باشقۇرۇش-قۇرۇلۇش قىلغۇچى كارخانىلارنىڭ بازارغا يۈزلىنىش، ئىچكى قىسىمدىكى ئىسلاھاتنى كېڭەيتىش، ئىگىلىك باشقۇرۇش مېخانىزىمىنى ئۆزگەرتىش ۋە باشقۇرۇش سەۋىيىسىنى يوقىرى كۆتۈرۈشتىكى بىر خىل ئىلمىي بولغان باشقۇرۇش شەكلى.
     1. قۇرۇلۇش قىلغۇچى كارخانىلار تۈر باشقۇرۇشنىڭ پىرىنسىپى ۋە تەلىپى بويىچە  قۇرۇلۇش قىلىشقا تەشكىللىشى كېرەك،  تەشكىلىي قورۇلما جەھەتتە  تۈر دىرېكتورى (تۈر مەسئۇلى)  مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى يولغا قويۇشى، ئىگىلىك باشقۇرۇشتا  ئىقتىسادىي ئۈنۈمنى نىشان قىلغان تۈر مۇستەقىل ھېساباتىنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى تۇرغۇزىشى،  ئىشلەپچىقىرىش ئامىللىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشتا  ئەلالاشتۇرۇپ سەپلىشى،  ھەركەتلىك باشقۇرۇشى، قۇرۇلۇش قىلىشنى باشقۇرۇشتا نىشانلىق باشقۇرۇشى لازىم.
     2. تۈر دىرېكتورى (تۈر مەسئۇلى)- تۈرنى ئىجرا قىلىش جەريانىدىكى ئەڭ يوقىرى تەشكىللىگۈچى ۋە  جاۋاپكار. تۈر دىرېكتورى (تۈر مەسئۇلى) چوقۇم دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلمىلىرى بويىچە مەخسۇس تەربىيەلىنىشى گۇۋاھنامە بىلەن ئىشقا چىقىشى لازىم.
    
     5-باپ  باشقا باشقۇرۇش تۈزۈملىرى
    
     20-ماددا سۇچىلىق  قۇرۇلۇش تۈرلىرى "غايىۋى ئۇلۇغ پىلاندا سۈپەت  بىرىنچى" دىگەن فاڭجېننى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ساغلام بولغان سۈپەت باشقۇرۇش سىستېمىسىنى تۇرغۇزىشى لازىم.
     1. سۇچىلىق مىنىستىرلىكى سۇ قۇرۇلۇش سۈپەت نازارەتچىلىكى باش پونكىتى شۇنداقلا ھەر دەرىجىلىك سۈپەت نازارەتچىلىك تارماقلىرى ئۆزلىرىنىڭ سۈپەت نازارەتچىلىك مەجبۇرىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىشى، تۈر قۇرۇلۇشىدىكى ھەرقايسى تەرەپ (قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى، نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى، لايىھەلىگۈچى، قۇرۇلۇش قىلغۇچى) لەر چوقۇم ئۇلارنىڭ نازارەتچىلىكىنى قۇبۇل قىلىپ ۋە ھۆرمەتلەپ، ئۇلارنىڭ خىزمەتلىرنى ياخشى قوللىشى لازىم.
     2. قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن ساغلام بولغان قۇرۇلۇش سۈپتىنى تەكشۈرۈش سىستېمىسىنى تۇرغۇزۇزۇپ، دۆلەت ۋە كەسىپىي-تېخنىكا ئۆلچىمى، لايىھە توختام ھۆججىتى بويىچە قۇرۇلۇش سۈپتىنى تەكشۈرۈشى ۋە كونترول قىلىشى لازىم.
     3. قۇرۇلۇش قىلغۇچى ئورۇن قۇرۇلۇش قىلىشتا ئومۇميۈزلۈك سۈپەت باشقۇرۇشنى كېڭەيتىپ ساغلام بولغان قۇرۇلۇش سۈپىتى كاپالەت سىستېمىسىنى تۇرغۇزۇزۇپ، دۆلەتنىڭ كەسىپىي-تېخنىكا ئۆلچىمى ۋە سۇچىلىق مىنىستىرلىكىنىڭ قۇرۇلۇش سۈپىتىنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى،  قۇرۇلۇش سۈپىتىنى باھالاپ بېكىتىش ئۆلچىمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىشى لازىم.
     4. سۈپەت ھادىسىلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم كەسكىن بىر تەرەپ قىلىش لازىم. ئېغىر سۈپەت ھادىسىلىرىگە قارىتا  قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن (ياكى نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى ئورۇن) مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنى تەشكىللەپ بىرلىكتە تەھلىللەپ  ھەل قىلىشى شۇنداقلا  مەسئۇل تارماقلارغا ۋاقتىدا دوكلات قىلىشى لازىم.
     21-ماددا سۇچىلىق  قۇرۇلۇشلىرى "بىخەتەرلىك  بىرىنچى، ئالدىنى ئېلىش ئاساس" دىگەن فاڭجېننى ئىزچىللاشتۇرۇشى لازىم. تۈرگە مەسئۇل ئورۇنلار تەكشۈرۈپ نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىشى لازىم، قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇنلار بىخەتەرلىك تەشۋىقاتى ۋە تەربىيە خىزمىتىنى كۈچەيتىپ قۇرۇلۇش قىلىشقا قاتناشقان ھەرقايسى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشغا ھەيدەكچىلىك  قىلىشى لازىم. بارلىق قۇرۇلۇش توختاملىرىدا بىخەتەرلىكنى باشقۇرۇش ماددىسى(تارمىقى) بولۇشى، بارلىق خىزمەت پىلانلىرىدا بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش  تەدبىرلىرى بولۇشى لازىم.
     22-ماددا سۇچىلىق  قۇرۇلۇشلىرىنىڭ  ئۇچۇر ئالماشتۇرۇشنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى كۈچەيتىش لازىم.
     1. جۇڭگو سۇ ئىشلىرى ئىلمىي جەمئىيىتى سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇش  كەسپىي كومىتېتى قاتارلىق ئىلمىي تەشكىلاتلارنىڭ  رولىدىن ئاكتىپلىق بىلەن پايدىلىنىپ، ئىلمىي پائالىيەتلەرنى تەشكىللەپ  تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ،  باشقۇرۇش تۈزۈلمە ئىسلاھاتى ۋە پەن-تېخنىكا تەرەققىياتىنى ئالغا سۈرۈپ، سۇ قۇرۇلۇش قوشۇن ئالاقىسى ۋە باشقۇرۇشنى  كۈچەيتىش لازىم.
     2.سۇچىلىق قۇرۇلۇش ئەھۋالىدىن دوكلات بىرىش تۈزۈمىنى تۇرغۇزۇش لازىم.
     (1) قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن بەلگىلىك مۇددەتتە تۈرنىڭ قۇرۇلۇش ئەھۋالىنى مەسئۇل تارماقلارغا مەلۇم قىلىشى لازىم. نۇقتىلىق قۇرۇلۇشلارنىڭ تاماملىنىش ئەھۋالى، جۈملىدىن  تاماملانغان ئىش مىقدارى، ھەل قىلغۇچ سۈرئىتى، مەبلەغنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالى ۋە ساقلانغان ئاساسلىق مەسلىلەرسۇچىلىق مىنىستىرلىكىنىڭ ئايلىق ئىشلەپچىقىرىشنى ماسلاشتۇرۇش يىغىنىدىن بەش كۈن بورۇن  يوللىنىشى كېرەك، ئايلىق ۋە يىللىق مەلۇماتلار مۇناسىۋەتلىك ستاتىستىكا مەلۇمات جەدىۋىلى بەلگىلىمىسى بويىچە ۋاقتىدا يوللىنىشى، يىللىق مەلۇماتقا قۇرۇلۇش باشقۇرۇش دوكلاتى كىرگۈزۈلىشى كېرەك.
     (2) مەھكىمىگە قاراشلىق چوڭ ئوتتۇرا تىپتىكى سۇچىلىق قۇرۇلۇشلىرىنىڭ ئەھۋالىنى قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن ۋادا ئورگىنى بىلەن سۇچىلىق مىنىستىرلىكىگە بىۋاستە دوكلات قىلىدۇ، يەرلىك چوڭ تىپتىكى سۇچىلىق قۇرۇلۇشلىرىنىڭ ئەھۋالىنى قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن يەرلىك سۇچىلىق مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىغا يوللاش بىلەن بىرگە سۇچىلىق مىنىستىرلىكىگە يوللايدۇ، ھەر قايسى ۋادا ئورگىنى ۋە سۇچىلىق(سۇ-ئېلېكتر) نازارىتى(ئىدارىسى) ئۆزلىرىگە تەۋە بولغان سۇچىلىق قۇرۇلۇشلىرىنىڭ قۇرۇلۇش ئەھۋالى، قۇرۇلۇش سۈرئىتى ۋە قۇرۇلۇش باشقۇرۇشتىكى تەجرىبە خۇلاسىلىرىنى ھەر يىلى يىل ئاخىرى سۇچىلىق مىنىستىرلىكىگە بىر قېتىم يوللايدۇ.
    
     6-باپ  باشقا باشقۇرۇش تۈزۈملىرى
    
     23-ماددا بۇ بەلگىلىمىنى چۈشەندۈرۈشكە سۇچىلىق مىنىستىرلىكى مەسئۇل بولىدۇ.
     24-ماددا بۇ بەلگىلىمە ئېلان قىلغان كۈندىن باشلاپ سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويىلىدۇ.



ئەتلەس
ئۇزۇن ئۆمۇر چول…
           
باشقۇرغۇچى ئورۇن: شىنجاڭ خوتەن ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمە؛ ئۈستىگە ئالغۇچى ئورۇن: شىنجاڭ خوتەن ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمە ئىشخانىسى
شىنجاڭ خوتەن ۋىلايەتلىك ئېلېكترونلۇق مەمۇرىيەت ئىشخانىسى قۇرىدۇ ۋە قوغدايدۇ
پوچتا نومۇرى:848000  تېلغۇن نومۇر:0903-2038261 2032645  ئادرىسى: شىنجاڭ خوتەن شەھەر تانار شىمالى يولى 3-نومۇر