باش بەت قىلىش يىغىپ ساقلاش  بۈگۈن: 
ئىش بىجىرىش
办事指南
政民互动
مەمۇرىيەتنى ئاشكارىلاش
政务公开
خوتەننىڭ ئومۇمى ئەھۋالى
和田概况
رەھبەرلەر
领导专栏
باش بەت
首页
سىزنىڭ ئورنىڭىز: سىياسەت قانۇن نىزام > قانۇن نىزاملار

سۇچىلىق  قۇرۇلۇشلىرىنىڭ  قۇرۇلۇش  تەرتىپىنى  باشقۇرۇش  ۋاقىتلىق  بەلگىلىمىسى  

:ۋاقىت:2007-10-23   ماقالىنىڭ كىلىش مەنبەسى


        (سۇچىلىق مىنىستىرلىكىنىڭ سۇچىلىق قۇرۇلۇشى[ 1998]16- نومۇرلۇق ھۆججىتى)
     (1998-يىل 1-ئاينىڭ 7-كۈنى ئېلان قىلىنغان)

     1-ماددا سۇچىلىق قۇرۇلۇشى بازىرىغا بولغان باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، قۇرۇلۇش تەرتىپىنى تېخىمۇ قېلىپلاشتۇرۇش، تۈر قانۇنى ئىگىسى مەسئۇل بولۇش،  نازارەتچىلىك قىلىپ باشقۇرۇش، خېرىدار چاقىرىش خېرىدار بولۇش تۈزۈمىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنىڭ ئىقتىسادى تۈزۈلمىسى ۋە ئىقتىسادنى ئاشۇرۇش ئۇسۇلىغا بولغان ئىككى تۈپ ئۆزگىرىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار سىياسەت بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن، سۇ-ئېلېكتر كەسپىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە بىرلەشتۈرۈپ مەزكۇر بەلگىلىمە تۈزۈلدى.
     2-ماددا سۇچىلىق قۇرۇلۇشلىرىنىڭ قۇرۇلۇش تەرتىپى« سۇچىلىق قۇرۇلۇش تۈرىنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى» (سۇچىلىق مىنىستىرلىكىنىڭ سۇچىلىق قۇرۇلۇشى[1995] (128- نومۇرلۇق ھۆججىتى) دە بەلگىلەنگەن قۇرۇلۇش تەرتىپى بويىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ، سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنىڭ  قۇرۇلۇش تەرتىپى ئادەتتە تۈر تەكلىپنامىسى، مۇمكىنچىلىك تەتقىقات دوكلاتى، دەسلەپكى لايىھە، قۇرۇلۇش قىلىش تەييارلىقى(خېرىدار چاقىرىش لايىھەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، قۇرۇلۇش قىلىش، ئىشلەپچىقىرىش تەييارلىقى، پۈتكەن قۇرۇلۇشنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش ۋە ئاخىرقى باھالاش قاتارلىق باسقۇچلارغا بۆلىنىدۇ.
     3-ماددا بۇ ۋاقىتلىق بەلگىلىمىسى دۆلەتنىڭ مەبلىغى، مەركەز بىلەن يەرلىكنىڭ شېرىك مەبلىغى، كارخانا كەسپى ئورۇنلارنىڭ شېرىكسىز، شېرىك مەبلىغى شۇنداقلا باشقا مەبلەغ شەكىللىرى ئارقىلىق قۇرۇلغان كەلكۈندىن مۇداپىئە كۆرۈش، ھۆلچىلىكنى تۈگىتىش، سۇغىرىش، توك چىقىرىش، سۇ بىلەن تەمىنلەش، قاشالاپ يەر ئېچىش قاتارلىق چوڭ ئوتتۇرا تىپتىكى(يېڭىدىن قۇرۇلىدىغان، داۋاملاشتۇرۇلىدىغان، ئۆزگەرتىپ قۇرۇلىدىغان، مۇستەھكەملىنىدىغان، رېمۇنت قىلىنىدىغان) قۇرۇلۇش تۈرلىرىگە مۇۋاپىق كىلىدۇ، كىچىك تىپتىكى سۇچىلىق قۇرۇلۇش تۈرلىرىمۇ  بۇ باشقۇرۇش بەلگىلىمىسىدىن پايدىلانسا بولىدۇ. چەتئەل كاپىتالى(تاشقى مەبلەغ) تۈرىنىڭ قۇرۇلۇش تەرتىپى بىرلا ۋاقىتتا يەنە مۇناسىۋەتلىك چەتئەل كاپىتالى(تاشقى مەبلەغ) تۈرىنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسىنى ئىجرا قىلىدۇ.
     4-ماددا تۈر تەكلىپنامىسى باسقۇچى
     1. تۈر تەكلىپنامىسى خەلق ئىگىلىكى ۋە جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئوزۇن مۇددەتلىك يىرىك پىلانى، ۋادىنىڭ ئونىۋېرسال يىرىك پىلانى، رايۇننىڭ ئونىۋېرسال يىرىك پىلانى ۋە كەسپىي يىرىك پىلان  بويىچە، دۆلەتنىڭ كەسىپ سىياسىتى ۋە مۇناسىۋەتلىك مەبلەغ سېلىپ قۇرۇش فاڭجېىنىغا ئاساسەن تۈزىلىشى كېرەك، ئۇ-ئېلىپ بارماقچى بولغان قۇرۇلۇش تۈرىنىڭ دەسلەپكى ئىزاھى.
     2. تۈر تەكلىپنامىسى « سۇ ئىشلىرى سۇ-ئېلېكتر قۇرۇلۇشى تۈر تەكلىپنامىسىنى تۈزۈش ۋاقىتلىق بەلگىلىمىسى»(سۇچىلىق مىنىستىرلىكىنىڭ سۇچىلىق پىلان لايىھەسى
     [1996]608- نومۇرلۇق ھۆججىتىگە ئاساسەن تۈزىلىشى كېرەك.
     3. تۈر تەكلىپنامىسىنى تۈزۈشنى ئادەتتە ھۆكۈمەت مۇۋاپىق سالاھىيەتكە ئىگە بولغان لايىھەلەش ئورنىنىڭ ئۈستىگە ئېلىشىغا ھاۋالە قىلىدۇ ھەمدە دۆلەتنىڭ ھازىر يۈرگۈزىلىۋاتقان بەلگىلىمىسىنىڭ ھوقۇق دائىرىسىگە ئاساسەن مەسئۇل تارماقلارنىڭ تەستىقلىشىغا يوللايدۇ. تۈر تەكلىپنامىسى تەستىقلانغاندىن كېيىن ھۆكۈمەت جەمئىيەتكە ئېلان قىلىدۇ، ئەگەر مەبلەغ سېلىپ قۇرۇش مەقسىتى بولسا دەرھال تۈر قانۇنى ئىگىسى تەييارلىق ئورگىنى تەشكىللەپ كېيىنكى بىر قۇرۇلۇش تەرتىپى خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش كېرەك.
     5-ماددا مۇمكىنچىلىك تەتقىقات دوكلاتى باسقۇچى
     1. مۇمكىنچىلىك تەتقىقاتى تۈرگە نىسبەتەن لايىھە سېلىشتۇرمىسى ئېلىپ بېرىپ، تۈرنىڭ تېخنىكىلىق جەھەتتە يولغا قويۇشقا بولىدىغان بولمايدىغانلىقى ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتە مۇۋاپىق بولىدىغان بولمايدىغانلىقىنى ئىلمىي ئانالىز قىلىدۇ ۋە دەلىللەيدۇ. تەستىقلاشتىن ئۆتكەن مۇمكىنچىلىك تەتقىقات دوكلاتى- تۈرگە تەدبىر بەلگىلەش ۋە دەسلەپكى لايىھەلەشنىڭ ئاساسى. مۇمكىنچىلىك تەتقىقات دوكلاتىنى تۈزۈشنى تۈر قانۇنى ئىگىسى(ياكى تەييارلىق ئورگىنى) تەشكىللەيدۇ.
     2. مۇمكىنچىلىك تەتقىقات دوكلاتى« سۇ ئىشلىرى سۇ-ئېلېكتر قۇرۇلۇشى مۇمكىنچىلىك تەتقىقات دوكلاتىنى تۈزۈش بەلگىلىمىسى» (توك مىنىستىرلىكى، سۇچىلىق مىنىستىرلىكىنىڭ ئېلېكتر مەھكىمىسى [1993](112- نومۇرلۇق ھۆججىتى) گە ئاساسەن تۈزىلىشى كېرەك.
     3. مۇمكىنچىلىك تەتقىقات دوكلاتى دۆلەتنىڭ ھازىر يۈرگۈزىلىۋاتقان بەلگىلىمىسىنىڭ تەستىقلاش ھوقۇق دائىرىسىگە ئاساسەن تەستىقلاشقا يوللىنىدۇ. مۇمكىنچىلىك تەتقىقات دوكلاتىنى يوللىغاندا، چوقۇم تۈر قانۇنى ئىگىسىنى تەشكىللەش لايىھەسى شۇنداقلا ھەرىكەت مېخانىزمى، مەبلەغ تەييارلاش لايىھەسى، مەبلەغ قۇرۇلمىسى ۋە مەبلەغنى قايتۇرۇۋېلىش چارىسىنى بىرلا ۋاقىتتا ئوتتۇرغا قويۇش ھەمدە مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەر بويىچە، باشقۇرۇش ھوقۇقىغا ئىگە بولغان سۇچىلىق مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرى ياكى ۋادا ئورگىنىنىڭ قول قويغان يىرىك پىلان ماقۇلنامىسى، سۇ ئېلىش ئىجازەتنامىسى تەكلىپىنىڭ يازما قاراپ چىقىش پىكىرىنى قوشۇپ يوللاش كېرەك. تەستىقلىغۇچى ئورۇنلار مۇۋاپىق سالاھىيەتكە ئىگە بولغان قۇرۇلۇش مەسلىھەتچىلىك ئورگىنىغا  مۇمكىنچىلىك دوكلاتىنى باھالاشنى ھاۋالە قىلىشى ھەمدە ئۇنىۋېرسال كەسپىگە توغرىلانغان مەسئۇل تارماقلار، مەبلەغ سېلىش ئورگىنى(كارخانىسى)، تۈر قانۇنى ئىگىسى(ياكى تۈر قانۇنى ئىگىسى تەييارلىق ئورگىنى) قاتارلىق تەرەپلەرنىڭ پىكىرىنى تەستىقلىشى كېرەك.
     4. مۇمكىنچىلىك تەتقىقات دوكلاتى تەستىقلانغاندىن كېيىن خالىغانچە تۈزىتىش كىرگۈزۈشكە ۋە ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ، ئاساسلىق مەزمۇنلاردا مۇھىم ئۆزگىرىش بولسا، ئەسلى تەستىقلىغۇچى ئورۇننىڭ قايتا تەكشۈرۈپ قوشۇلۇشىدىن ئۆتكۈزۈش كېرەك. مۇمكىنچىلىك تەتقىقات دوكلاتى تەستىقلانغاندىن كېيىن تۈر قانۇنى ئىگىسىنى رەسمىي تۇرغۇزۇش ھەمدە تۈر قانۇنى ئىگىسىنىڭ  مەسئۇل بولۇش تۈزۈمى بويىچە تۈر باشقۇرۇش كېرەك.
     6-ماددا دەسلەپكى لايىھە باسقۇچى
     1. دەسلەپكى لايىھە تەستىقلانغان مۇمكىنچىلىك تەتقىقات دوكلاتى ۋە مەلۇم زۆرۈرىيەتكە ئاساسەن بېكىتىلگەن ماتېرىيال بولۇپ، لايىھە ئوبيېكتىغا نىسبەتەن ھەر تەرەپلىمە تەتقىقات ئېلىپ بارىدۇ، قۇرۇلماقچى بولغان قۇرۇلۇشنىڭ تېخنىكىلىق جەھەتتىكى مۇمكىنچىلىكى ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىكى مۇۋاپىقلىقىنى شەرھلەيدۇ، تۈرنىڭ ھەر قايسى ئاساسىي تېخنىكىلىق پارامېترلىرىنى بەلگىلەيدۇ، تۈرنىڭ باش تەخمىنچوتىنى تۈزىدۇ. تۈرنىڭ دەسلەپكى لايىھە ۋەزىپىسىنى ئەلالىرىنى تاللاش پىرىنسىپى بويىچە مۇۋاپىق سالاھىيەتكە ئىگە بولغان لايىھەلەش  ئورنى ئۈستىگە ئېلىپ، مۇناسىۋەتلىك  دەسلەپكى لايىھەنى تۈزۈش بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن لايىھەنى تۈزۈپ چىقىدۇ.
     2. دەسلەپكى لايىھە دوكلاتى« سۇ ئىشلىرى سۇ-ئېلېكتر قۇرۇلۇشى دەسلەپكى لايىھە دوكلاتىنى تۈزۈش بەلگىلىمىسى»(توك مىنىستىرلىكى، سۇچىلىق مىنىستىرلىكىنىڭ ئېلېكتر مەھكىمىسى[1993]113- نومۇرلۇق ھۆججىتى) گە ئاساسەن تۈزىلىشى كېرەك.
     3. دەسلەپكى لايىھە ھۆججىتىنى يۇقىرىنىڭ تەستىقلىشىغا يوللاشتىن ئىلگىرى ئادەتتە تۈر قانۇنى ئىگىسى مۇۋاپىق سالاھىيەتكە ئىگە بولغان قۇرۇلۇش مەسلىھەتچىلىك ئورگىنىغا ھاۋالە قىلىپ ياكى كەسىپنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرى(باشقۇرۇش، لايىھەلەش، قۇرۇلۇش قىلىش، مەسلىھەتچىلىك قاتارلىق تەرەپلىرى)دىكى مۇتەخەسىسلەرنى  تەشكىللەپ، دەسلەپكى لايىھەدىكى زور مەسىلىلەرنى مەسلىھەتلىشىدۇ ۋە دەلىللەيدۇ. لايىھەلەش  ئورنى مەسلىھەت ۋە دەلىللەش پىكىرىگە ئاساسەن، دەسلەپكى لايىھە ھۆججىتىنى تولۇقلايدۇ، تۈزىتىدۇ ۋە ئەۋزەللەشتۈرىدۇ. دەسلەپكى لايىھە تۈر قانۇنى ئىگىسىنىڭ تەشكىللەپ قاراپ چىقىشىدىن كېيىن، دۆلەتنىڭ ھازىر يۈرگۈزىلىۋاتقان بەلگىلىمىسىنىڭ ھوقۇق دائىرىسىگە ئاساسەن باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ تەستىقلىشىغا يوللىنىدۇ.
     4. لايىھەلەش  ئورنى لايىھە سۈپىتىگە قاتتىق كاپالەتلىك قىلىپ، دەسلەپكى لايىھەنىڭ توختام جاۋاپكارلىقىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشى لازىم. دەسلەپكى لايىھە ھۆججىتى تەستىقلانغاندىن كېيىن خالىغانچە تۈزىتىش كىرگۈزۈشكە ۋە ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ ھەمدە تۈر قۇرۇلۇشى قىلىشتىكى تېخنىكىلق ھۆججەتلەرنىڭ ئاساسى قىلىنىدۇ، ئەگەر مۇھىم تۈزىتىش ۋە ئۆزگەرتىش بولسا، ئەسلى تەستىقلىغۇچى ئورۇننىڭ قايتا تەكشۈرۈپ قوشۇلۇشىدىن ئۆتكۈزۈش كېرەك.
     7-ماددا قۇرۇلۇش قىلىش تەييارلىقى باسقۇچى
     1.تۈرنىڭ ئاساسى گەۋدە قۇرۇلۇشىغا ئىش باشلاشتىن بۇرۇن، قۇرۇلۇش قىلىشنىڭ ھەر تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلىرى جەزمەن تاماملىنىشى كېرەك، ئۇنىڭ ئاساسى مەزمۇنى تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:
     (1) قۇرۇلۇش قىلىش نەق مەيدانىدىكى يەر سېتىۋېلىش ۋە ئاھالە كۆچۈرۈش؛
     (2) قۇرۇلۇش قىلىشتىكى سۇ، توك، ئالاقە، يول ۋە مەيدان تەكشىلەش قاتارلىق قۇرۇلۇشلارنى تاماملاش؛
     (3) زۆرۈر بولغان ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشقا لازىملىق ۋاقىتلىق بىناكارلىق قۇرۇلۇشى؛
     (4) لايىھەلەش، مەسلىھەت بىرىش، ئۈسكۈنە بىلەن تەمىنلەش ۋە ماددىي ئەشيا سېتىۋېلىش قاتارلىق مۇلازىمەتلەرگە خېرىدار چاقىرىشنى تەشكىللەش؛
     (5) نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ۋە گەۋدە قۇرۇلۇشىغا خېرىدار چاقىرىش خېرىدار بولۇشنى تەشكىللەپ،  ئەلالىرىنى تاللاش پىرىنسىپى بويىچە قۇرۇلۇشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئورنى ۋە قۇرۇلۇشنى ھۆددىگە ئېلىش قوشۇنىنى تاللاپ چىقىش؛
     2.قۇرۇلۇشقا تەييارلىق قىلىش خىزمىتى باشلىنىشتىن بۇرۇن، تۈر قانۇنى ئىگىسى ياكى ئۇنىڭ ۋاكالەتچىلىك ئورگىنى« سۇچىلىق قۇرۇلۇش تۈرىنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى» (سۇچىلىق مىنىستىرلىكىنىڭ سۇچىلىق قۇرۇلۇشى[1995](128- نومۇرلۇق ھۆججىتى) دىكى"باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ۋە مەجبۇرىيەتلەر"دە بەلگىلەنگەن دەرىجىلىك باشقۇرۇش ھوقۇق دائىرىسىگە ئاساسەن، سۇچىلىق مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرىغا قۇرۇلۇش رەسمىيەتلىرىنى يوللايدۇ، تۈر يوللاش پۈتكەن قۇرۇلۇشنى ئۆتكۈزۈپ بىرىشتىكى مۇناسىۋەتلىك تەستىق ھۆججەتلەردىن بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. قۇرۇلۇش تۈرى يوللىنىپ تىزىمغا ئېلىنغاندىن كېيىن قۇرۇلۇش قىلىشقا تەييارلىق قىلىش خىزمىتىنى ئىشلەشكە بولىدۇ.
     3. قۇرۇلۇش تۈرىگە ئىشلەشتە، بەزى خېرىدار چاقىرىشقا ماس كەلمەيدىغان ئالاھىدە قۇرۇلۇش تۈرىدىن باشقا(سۇچىلىق مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ تەستىقلىشىدىن ئۆتكەن بولۇشى لازىم)، ھەممىسى خېرىدار چاقىرىش خېرىدار بولۇشنى يولغا قويىدۇ. سۇچىلىق قۇرۇلۇش تۈرىگە خېرىدار چاقىرىش خېرىدار بولۇش« سۇچىلىق قۇرۇلۇش تۈرىنى ئىشلەشكە خېرىدار چاقىرىش خېرىدار بولۇشنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى» (سۇچىلىق مىنىستىرلىكىنىڭ سۇچىلىق قۇرۇلۇشى[1995](130- نومۇرلۇق ھۆججىتى) بويىچە بىجىرىلىدۇ.
     4. سۇچىلىق قۇرۇلۇش تۈرلىرى تۆۋەندىكى شەرتلەرنى ھازىرلىغاندا، ئاندىن قۇرۇلۇش قىلىشقا تەييارلىق قىلىشقا بولىدۇ:
     (1) دەسلەپكى لايىھە  تەستىقلاشتىن ئۆتكەن بولۇشى؛
     (2) تۈر قانۇنى ئىگىسى تۇرغۇزۇلغان بولۇشى؛
     (3) قۇرۇلۇش تۈرى دۆلەت ياكى يەرلىكنىڭ سۇچىلىق قۇرۇلۇشى مەبلەغ پىلانىغا كىرگۈزۈلگەن، مەبلەغ توپلاش لايىھەسى بېكىتىلگەن بولۇشى؛
     (4) مۇناسىۋەتلىك يەردىن پايدىلىنىش ھوقۇقى تەستىقلاشتىن ئۆتكەن بولۇشى؛
     (5) قۇرۇلۇش رەسمىيىتى بىجىرىلگەن بولۇشى كېرەك.
     8-ماددا قۇرۇلۇش قىلىش باسقۇچى
     1.قۇرۇلۇش قىلىش باسقۇچى گەۋدە قۇرۇلۇشىنى ئىشلەش باشقۇچىنى كۆرسىتىدۇ،  تۈر قانۇنى ئىگىسى تەستىقلانغان قۇرۇلۇش ھۆججىتىگە ئاساسەن قۇرۇلۇش قىلىشنى تەشكىللەپ، تۈر قۇرۇلۇش نىشانىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ؛
     2. تۈر قانۇنى ئىگىسى ياكى ئۇنىڭ ۋاكالەتچىلىك ئورگىنى تەستىقلاش ھوقۇق دائىرىسىگە ئاساسەن، باشقۇرۇش تارماقلىرىغا گەۋدە قۇرۇلۇشىنىڭ ئىش باشلاش ئىلتىماسىنى سۇنىدۇ، ئىلتىماس تەستىقلانغاندىن كېيىن  گەۋدە قۇرۇلۇشىغا رەسمىي ئىش باشلاشقا بولىدۇ. گەۋدە قۇرۇلۇشىغا ئىش باشلاش ئۈچۈن«سۇچىلىق قۇرۇلۇش تۈرىنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى» (سۇچىلىق مىنىستىرلىكىنىڭ سۇچىلىق قۇرۇلۇشى〔1995〕(128- نومۇرلۇق ھۆججىتى) دىكى شەرتلەر ھازىرلانغان بولۇشى كېرەك، يەنى:
      (1) دەسلەپكى مەزگىللىك قۇرۇلۇشنىڭ ھەر قايسى باسقۇچتىكى ھۆججەتلىرى بەلگىلىمە بويىچە تەستىقلىنىپ، قۇرۇلۇش چېرتيوژى  دەسلەپكى مەزگىللىك گەۋدە قۇرۇلۇشىغا ئىشلەش تەلىپىنى قاندۇرالايدىغان بولۇشى كېرەك؛
      (2) قۇرۇلۇش تۈرى دۆلەت ياكى يەرلىكنىڭ سۇچىلىق قۇرۇلۇشى مەبلەغ پىلانىغا كىرگۈزۈلگەن، يىللىق قۇرۇلۇش مەبلىغى ئەمەلىيلەشكەن بولۇشى كېرەك؛
     (3) گەۋدە قۇرۇلۇشىنىڭ خېرىدارلىققا چىققۇچىسى بەلگىلەنگەن، ھۆددىگە ئېلىش توختامى ئىمزالانغان ھەمدە باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ ماقۇللىقىغا ئېرىشكەن بولۇشى كېرەك؛
     (4) نەق مەيداندىكى قۇرۇلۇش قىلىش تەييارلىقى، يەر سېتىۋېلىش ۋە ئاھالە كۆچۈرۈش قاتارلىق قۇرۇلۇش سىرتقى شەرتلىرى گەۋدە قۇرۇلۇشىنىڭ ئىش باشلاش تەلىپىنى قاندۇرالايدىغان بولۇشى كېرەك.
     3. سوتسىيالىستىك بازار ئىقتىسادىي تۈزۈلمىسىنىڭ ئورنىتىلىشىغا ئەگىشىپ، تۈر قانۇنى ئىگىسى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمى ئىجرا قىلىنىپ، گەۋدە قۇرۇلۇشىغا ئىش باشلاش يەنە تۆۋەندىكى شەرتلەرنى ھازىرلاشنى تەلەپ قىلىدۇ:
     (1) قۇرۇلۇش باشقۇرۇش ئەندىزىسى بېكىتىلىپ، مەبلەغ  سۇبيېكتى (ئاساسى قىسمى)بىلەن تۈر سۇبيېكتى (ئاساسى قىسمى)نى باشقۇرۇش مۇناسىۋىتى مۇۋاپىقلاشقان بولۇشى؛
     (2) تۈر قۇرۇلۇشى ئېھتىياجلىق بولغان بارلىق مەبلەغ مەنبەسى ئېنىق بېكىتىلگەن ھەمدە مەبلەغ قۇرۇلمىسى مۇۋاپىق بولۇشى؛
     (3) تۈر مەھسۇلاتىنى سېتىشقا خېرىدار ۋەدە بەرگەن ھەمدە باھا پرىنسىپى بېكىتىلگەن بولۇشى كېرەك.
     4. تۈر قانۇنى ئىگىسى قۇرۇلۇش باشقۇرۇشتىكى يېتەكچىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، قۇرۇلۇش قىلىشقا ياخشى شارائىت ھازىرلىشى، قۇرۇلۇشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ھوقۇقىنى تولۇق بىرىپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئورنىنىڭ تۈرنىڭ قۇرۇلۇش قەرەلى، سۈپىتى، مەبلەغنى كونترول قىلىش ۋە نەق مەيداندىكى قۇرۇلۇش قىلىشنى تەشكىللەش،  ماسلاشتۇرۇشنى مۇستەقىل  ئۈستىگە ئالدۇرۇشى كېرەك. نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئورنىنى تاللاش« سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى»(سۇچىلىق مىنىستىرلىكىنىڭ سۇچىلىق قۇرۇلۇشى[1999](396-نومۇرلۇق ھۆججىتى)نىڭ تەلىپىگە مۇۋاپىق بولۇشى كېرەك.
     5. "ھۆكۈمەت نازارەتچىلىك قىلىش، تۈر قانۇنى ئىگىسى مەسئۇل بولۇش، جەمئىيەت نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، كارخانا كاپالەت بىرىش"نىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، ساغلام بولغان سۈپەت باشقۇرۇش سىستېمىسىنى تۇرغۇزۇش، مۇھىم قۇرۇلۇش تۈرلىرىگە نىسبەتەن سۈپەت نازارەتچىلىك تۈر پونكىتىنى تەسىس قىلىپ، ھۆكۈمەتنىڭ تۈر قۇرۇلۇشىغا بولغان نازارەتچىلىك فۇنكسىيەسىنى يۈرگۈزۈش كېرەك.
     9-ماددا ئىشلەپچىقىرىش تەييارلىقى باسقۇچى
     1. ئىشلەپچىقىرىش تەييارلىقى _ تۈرنى ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈشتىن ئىلگىرى ئېلىپ بېرىلىدىغان بىر تۈرلۈك مۇھىم خىزمەت، ئۇ-قۇرۇلۇش باسقۇچىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش-تىجارىتىگە ئۆتۈشىدىكى زۆرۈر شەرت. تۈر قانۇنى ئىگىسى قۇرۇلۇش بىلەن باشقۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈش ۋە تۈر قانۇنى ئىگىسى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنىڭ تەلىپى بويىچە، دەل ۋاقتىدا مۇناسىۋەتلىك ئىشلەپچىقىرىش تەييارلىقى خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلىشى لازىم.
     2. ئىشلەپچىقىرىش تەييارلىقى ئوخشاش بولمىغان تىپ قۇرۇلۇشىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن بەلگىلىنىدۇ، ئادەتتە تۆۋەندىكى مۇھىم مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:
     (1) ئىشلەپچىقىرىش تەسكىلىي تەييارلىقى. ئىشلەپچىقىرىش-تىجارىتىنى باشقۇرۇش ئورگىنى شۇنداقلا ماس ھالدىكى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى تۇرغۇزۇش؛
     (2)  خادىملارنى قوبۇل قىلىش ۋە تەربىيىلەش. ئىشلەپچىقىرىش-تىجارىتىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، ئىشلەپچىقىرىشنى باشقۇرۇش خادىملىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ھەمدە ھەرخىل شەكىللەر ئارقىلىق  ئۇلارنى تەربىيىلەپ، ساپاسىنى يوقىرى كۆتۈرۈپ، تىجارەت قىلىش تەلىپىنى قاندۇرۇش لازىم.  ئىشلەپچىقىرىشنى باشقۇرۇش خادىملىرى ئىمكانقەدەر بۇرۇنراق قۇرۇلۇش قىلىشقا ئارىلىشىپ ئۈسكۈنىلەرنى قۇراشتۇرۇپ تەڭشەشكە قاتنىشىشى، ئەھۋالنى پىششىق بىلىشى، ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسى ۋە تېخنولوگىيىلىك تەرتىپنى ياخشى ئىگەللەپ ئاساسىي قۇرۇلۇش بىلەن ئىشلەپچىقىرىش-تىجارەت باسقۇچىنى  ئوڭۇشلۇق باغلاش ئۈچۈن ياخشى تەييارلىق قلىشى لازىم؛
     (3) ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسى تەييارلىقى. بۇ ئاساسەن تېخنىكىلىك ماتېرىياللارنى جەملەش، ئىجرا قىلىش تېخنىكا لايىھەسى، ئىش ئورنى مەشغۇلات تەرتىپىنى بېكىتىش ۋە يېڭى تېخنىكا  تەييارلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛
     (4) ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ماددىي ئەشيا تەييارلىقى. ئاساسلىقى تۈرنى ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرگەندىن كېيىنكى تىجارەت ئېھتىياجلىق بولغان خام ئەشيالارنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ھەمكارلىق مەھسۇلاتلىرى، قورال-سايمان، زاپاس بويۇملار ۋە باشقا ھەمكارلىق  شەرتلىرىنى ھازىرلاشنى  ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛
     (5) نورمال بولغان تۇرمۇش پاراۋانلىق مۇئەسسەسە تەييارلىقى.
     3. ئۆز ۋاقتىدا مەھسۇلات سېتىش توختام-كېلىشىمى ئىمزالاپ، ئىشلەپچىقىرىش باشقۇرۇش ئۈنۈمىنى يوقىرى كۆتۈرۈپ، قەرز قايتۇرۇش ۋە مۈلۈك قىممىتىنى ساقلاش ۋە ئاشۇرۇش ئۈچۈن شارائىت ھازىرلاش كېرەك.
     10-ماددا پۈتكەن قۇرۇلۇشنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش
     1. پۈتكەن قۇرۇلۇشنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش- تۈرنىڭ قۇرۇلۇش نىشانى تاماملانغانلىقنىڭ بەلگىسى، ئۇ- ئاساسىي قۇرۇلۇش نەتىجىسىنى تەكشۈرۈش، لايىھە ۋە قۇرۇلۇش سۈپىتىنى باھالاشنىڭ مۇھىم باسقۇچى. تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشتا لاياقەتلىك بولغان قۇرۇلۇش تۈرى ئاساسىي قۇرۇلۇشتىن  ئىشلەپچىقىرىش ياكى ئىشلىتىشكە باسقۇچىغا ئۆتىدۇ.
     2. قۇرۇلۇش تۈرىنىڭ قۇرۇلۇش مەزمۇنى پۈتۈنلەي تاماملانغان ھەمدە بىرلىك قۇرۇلۇش تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىنىپ (قۇرۇلۇش ئارخىپ ماتېرىياللىرىنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، لايىھە تەلىپىگە مۇۋاپىق بولغان شۇنداقلا«سۇچىلىق ئاساسىي قۇرۇلۇش تۈرى ئارخىپ ماتېرىياللىرىنى باشقۇرۇش ۋاقىتلىق بەلگىلىمىسى»(سۇچىلىق مىنىستىرلىكىنىڭ سۇچىلىق مەھكىمىسى[1997](275-نومۇرلۇق ھۆججىتى)نىڭ تەلىپى بويىچە ئارخىپ ماتېرىياللىرىنىڭ رەتلەش خىزمىتى تاماملىنىپ، پۈتكەن قۇرۇلۇش دوكلاتى، پۈتكەن قۇرۇلۇش نەقچوتى قاتارلىق زۆرۈر ھۆججەتلەر تۈزۈپ چىقىلغاندىن كېيىن، تۈر قانۇنى ئىگىسى « سۇچىلىق قۇرۇلۇش تۈرىنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى» (سۇچىلىق مىنىستىرلىكىنىڭ سۇچىلىق قۇرۇلۇشى[1995](128- نومۇرلۇق ھۆججىتى) گە ئاساسەن تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش مەسئۇل تارماقلىرىغا ئىلتىماس سۇنۇپ، دۆلەت ۋە سۇچىلىق مىنىستىرلىكى ئېلان قىلغان تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشنى تەشكىللەيدۇ.
     3. پۈتكەن قۇرۇلۇش نەقچوتى تۈزۈپ چىقىلغاندىن كېيىن، ئىقتىسادىي تەپتىش ئورگىنى پۈتكەن قۇرۇلۇشنى تەپتىش قىلىدۇ، ئۇنىڭ ئىقتىسادىي تەپتىش دوكلاتى پۈتكەن قۇرۇلۇشنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشنىڭ  تۈپ ماتېرىيالى قىلىنىدۇ.
     4. كۆلىمى نىسبەتەن زور، تېخنىكىسى نىسبەتەن مۇرەككەپ بولغان قۇرۇلۇش تۈرلىرىگە قارىتا  ئالدى بىلەن دەسلەپكى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشنى ئېلىپ بېرىشقا بولىدۇ، لاياقەتسىز قۇرۇلۇشلار تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزىۋېلىنمايدۇ، مەسىلە بار تۈرلەردە مەسىلىلەرنى كونكرېت بىر تەرەپ قىلىش پىكىرى ھەمدە ۋاقىت بەلگىلەپ بىر تەرەپ قىلىش تەلىپى شۇنداقلا ئەمەلىيلەشتۈرگۈچى جاۋاپكار بولۇشى كېرەك.
     11-ماددا ئاخىرقى باھالاش
     1.قۇرۇلۇش تۈرى ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ ئادەتتە بىر يلىدىن ئىككى يىلغىچە ئىشلەپچىقىرىش تىجارىتى قىلغاندىن كېيىن، تۈرگە نىسبەتەن بىر قېتىم سىستېمىلىق بولغان ئاخىرقى باھالاش ئېلىپ بىرىلىدۇ، ئۇنىڭ ئاساسى مەزمۇنى: تەسىرىنى باھالاش - تۈر ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن تۈرنىڭ ھەر قايسى تەرەپلەرگە بولغان تەسىرىگە قارىتا باھالاش ئېلىپ بارىدۇ؛ ئىقتىسادىي ئۈنۈمىنى باھالاش - تۈر مەبلىغى، خەلق ئىگىلىكى ئۈنۈمى، كەسپىي مالىيە ئۈنۈمى، تېخنىكىلىق ئىلگىرىلەش ۋە كۆلەملىك ئۈنۈمى، مۇمكىنچىلىك تەتقىقات چوڭقۇرلىقى قاتارلىقلارغا باھالاش ئېلىپ بارىدۇ؛ جەريانىنى باھالاش - تۈرنى تۇرغۇزۇش، قۇرۇلۇش قىلىشنى لايىھەلەش، قۇرۇلۇشنى باشقۇرۇش، پۈتكەن قۇرۇلۇشنى ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈش، ئىشلەپچىقىرىش- تىجارىتى قاتارلىق پۈتۈن جەريانغا باھالاش ئېلىپ بارىدۇ؛
     2. تۈرنى ئاخىرقى باھالاش ئادەتتە ئۈچ قاتلام بويىچە تەشكىللەپ ئېلىپ بېرىلىدۇ، يەنى تۈر قانۇنى ئىگىسى ئۆزى باھالاش، كەسپىي باھالاش ۋە پىلان تارماقلىرى(ياكى ئاساسلىق مەبلەغ سالغۇچى تەرەپ) باھالاشتىن ئىبارەت.
     3. تۈرنى ئاخىرقى باھالاش خىزمىتى ئوبيېكتىپ، ئادىل ۋە ئىلمىي بولۇش پرىنسىپىغا ئەمەل قىلىپ، تەھلىلنى مۇۋاپىق، باھالاشنى ئادىل ئېلپ بېرىشى كېرەك. تۈرنى ئاخىرقى باھالاش ئارقىلىق نەتىجىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش، تەجرىبىلەرنى خۇلاسىلەش، مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىش، ساۋاق ئېلىش، تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويۇش، خىزمەتنى ياخشىلاش، تۈرگە تەدبىر بەلگىلەش سەۋىيىسى ۋە مەبلەغ نەتىجىسىنى ئۆزلۈكسىز يوقىرى كۆتۈرۈش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.
     12-ماددا ئومۇمەن قۇرۇلۇش تەرتىپىنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلغۇچىلارنى تۈر كەسپىي باشقۇرۇش ئورگىنى مۇناسىۋەتلىك قانۇن-نىزام ۋە قائىدە بەلگىلىمىلەر بويىچە، ئەھۋالىنىڭ ئېغىر-يېنىكلىكىگە ئاساسەن بىر تەرەپ قىلىدۇ.
     13-ماددا بۇ ۋاقىتلىق بەلگىلىمە« سۇچىلىق قۇرۇلۇش تۈرىنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى» (سۇچىلىق مىنىستىرلىكىنىڭ سۇچىلىق قۇرۇلۇشى[1995](128- نومۇرلۇق ھۆججىتى)نىڭ قوشۇمچىسىدىن ئىبارەت.
     14-ماددا بۇ بەلگىلىمىنى چۈشەندۈرۈشكە سۇچىلىق مىنىستىرلىكى مەسئۇل بولىدۇ.
     15-ماددا بۇ بەلگىلىمە ئېلان قىلغان كۈندىن باشلاپ سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويىلىدۇ.



ئەتلەس
ئۇزۇن ئۆمۇر چول…
           
باشقۇرغۇچى ئورۇن: شىنجاڭ خوتەن ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمە؛ ئۈستىگە ئالغۇچى ئورۇن: شىنجاڭ خوتەن ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمە ئىشخانىسى
شىنجاڭ خوتەن ۋىلايەتلىك ئېلېكترونلۇق مەمۇرىيەت ئىشخانىسى قۇرىدۇ ۋە قوغدايدۇ
پوچتا نومۇرى:848000  تېلغۇن نومۇر:0903-2038261 2032645  ئادرىسى: شىنجاڭ خوتەن شەھەر تانار شىمالى يولى 3-نومۇر