|
(جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى سۇچىلىق مىنىستىرلىكىنىڭ7- نومۇرلۇق بۇيرۇقى) (1997-يىل 12-ئاينىڭ 21-كۈنى ئېلان قىلغان)
1-باپ ئومۇمىي پرىنسىپ 1-ماددا« گوۋۇيۈەننىڭ سۈپەتنى يوقىرى كۆتۈرۈش تېزىسى<1996_يىلدىن2010-يىلغىچە> » ۋە مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، سۇچىلىق قۇرۇلۇشلىرىنىڭ سۈپىتىگە بولغان باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، قۇرۇلۇش سۈپتىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن مەزكۇر بەلگىلىمە تۈزۈلدى. 2-ماددا ئومۇمەن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىدە سۇچىلىق قۇرۇلۇشلىرىنى ئېلىپ بېرىش پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئورۇنلار(تۈر قانۇنى ئىگىسى(قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن)، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئورنى، لايىھەلەش ئورنى، قۇرۇلۇش قىلغۇچى ئورۇن قاتارلىقلار) ياكى شەخسلەر جەزمەن بۇ بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلىشى كېرەك. 3-ماددا بۇ بەلگىلىمىدە دېيىلگەن سۇچىلىق قۇرۇلۇشلىرى دۆلەتنىڭ مەبلىغى، مەركەز بىلەن يەرلىكنىڭ شېرىك مەبلىغى، يەرلىكنىڭ مەبلىغى شۇنداقلا باشقا مەبلەغ شەكىللىرى ئارقىلىق قۇرۇلغان كەلكۈندىن مۇداپىئە كۆرۈش، ھۆلچىلىكنى تۈگىتىش، سۇغىرىش، توك چىقىرىش، سۇ بىلەن تەمىنلەش، قاشالاپ يەر ئېچىش قاتارلىق(يۈرۈشلەشكەن قۇرۇلۇش بىلەن قوشۇمچە قۇرۇلۇشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ھەر خىل سۇچىلىق قۇرۇلۇشلىرىنى كۆرسىتىدۇ. 4-ماددا بۇ بەلگىلىمىدە دېيىلگەن سۇچىلىق قۇرۇلۇشلىرىنىڭ سۈپىتى دۆلەت ۋە سۇچىلىق كەسپىنىڭ ھازىر يۈرگۈزىلىۋاتقان مۇناسىۋەتلىك قانۇن-نىزام، تېخنىكا ئۆلچىمى ۋە تەستىقلانغان لايىھە ھۆججىتى شۇنداقلا قۇرۇلۇش توختاملىرىدىكى قۇرۇشقا كىرىشكەن سۇچىلىق قۇرۇلۇشلىرىنىڭ بىخەتەرلىكى، ياراملىقى، تېجەشلىكى، كۆركەملىكى قاتارلىق خۇسۇسىيەتلىرىگە بولغان ئۇنىۋېرسال تەلىپىنى كۆرسىتىدۇ. 5-ماددا سۇچىلىق مىنىستىرلىكى پۈتۈن مەملىكەتتىكى سۇچىلىق قۇرۇلۇشلىرىنىڭ سۈپىتىنى باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ. ھەر قايسى ۋادا ئورگىنى سۇچىلىق مىنىستىرلىكىنىڭ ھاۋالىسى بويىچە مەزكۇر ۋادىدىكى ۋادا ئورگىنىغا قاراشلىق سۇچىلىق قۇرۇلۇشلىرىنىڭ سۈپىتىنى باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ، يەرلىك سۇچىلىق مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ سۈپەت باشقۇرۇش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىدۇ. ھەر قايسى ئۆلكە، ئاپتونۇم رايۇن، بىۋاستە قاراشلىق شەھەر سۇچىلىق مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرى مەزكۇر مەمۇرىي رايۇندىكى سۇچىلىق قۇرۇلۇشلىرىنىڭ سۈپىتىنى باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ. 6-ماددا سۇچىلىق قۇرۇلۇشلىرىنىڭ سۈپىتى تۈر قانۇنى ئىگىسى(قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن) مەسئۇل بولۇش، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئورنى كونترول قىلىش، قۇرۇلۇش قىلغۇچى ئورۇن كاپالەتلىك قىلىش، ھۆكۈمەت نازارەتچىلىك قىلىش ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈلگەن سۈپەت باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى ئىجرا قىلىدۇ. سۇچىلىق قۇرۇلۇشلىرىنىڭ سۈپىتىگە تۈر قانۇنى ئىگىسى(قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن) ھەر جەھەتتىن مەسئۇل بولىدۇ. نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، قۇرۇلۇش قىلىش، لايىھەلەش ئورۇنلىرى توختام شۇنداقلا مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن ئۆزلىرى ئۈستىگە ئالغان خىزمەتلەرگە مەسئۇل بولىدۇ. سۈپەت نازارەتچىلىك ئورگىنى ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىنىڭ نازارەتچىلىك فۇنكسىيەسىنى ئىجرا قىلىدۇ، سۈپەت نازارەتچىلىك ئورگىنىنىڭ نازارەتچىلىكى تۈر قانۇنى ئىگىسى(قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن)، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، لايىھەلەش، قۇرۇلۇش قىلىش ئورۇنلىرىنىڭ سۈپەت باشقۇرۇش خىزمەتلىرىگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ. سۇچىلىق قۇرۇلۇشى قىلغۇچى ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلار ۋە سۈپەت نازارەتچىلىك ئورگىنىغا قۇرۇلۇشنىڭ سۈپەت مەسىلىلىرىنى ئىنكاس قىلىش مەجبۇرىيىتى ۋە ھوقۇقى بولىدۇ. 7-ماددا سۇچىلىق قۇرۇلۇشى تۈر قانۇنى ئىگىسى(قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن)، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، لايىھەلەش ۋە قۇرۇلۇش قىلىش ئورۇنلىرىنىڭ مەسئۇل خادىملىرى ئۆز ئورۇنلىرىنىڭ سۈپەت خىزمەتلىرىگە قارىتا رەھبەرلىك مەسئۇلىيتىنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ. ھەر قايسى ئورۇنلارنىڭ قۇرۇلۇش نەق مەيدانىدىكى مەسئۇل خادىملىرى ئۆز ئورۇنلىرىنىڭ قۇرۇلۇش نەق مەيدانىدىكى سۈپەت خىزمەتلىرىگە قارىتا بىۋاستە رەھبەرلىك مەسئۇلىيتىنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ. ھەر قايسى ئورۇنلارنىڭ تېخنىكىغا مەسئۇل خادىملىرى سۈپەت خىزمەتلىرىگە قارىتا تېخنىكىلىق مەسئۇلىيتىنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ. كونكرېتنى خىزمەتچى خادىملار بىۋاستە جاۋاپكار بولىدۇ. 8-ماددا سۇچىلىق قۇرۇلۇشى قىلغۇچى ھەرقايسى تەرەپلەر ھەر تەرەپلىمە سۈپەت باشقۇرۇشنى ئاكتىپ كېڭەيتىپ، ئىلغار بولغان سۈپەت باشقۇرۇش ئەندىزىسى ۋە باشقۇرۇش ۋاستىلىرىدىن پايدىلىنىپ، ئىلغار پەن-تېخنىكا ۋە قۇرۇلۇش قىلىش تېخنولوگىيەسىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، پەن-تېخنىكىغا تايىنىپ ئىلگىرىلەپ ۋە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، تىرىشىپ ئەلا سۈپەتلىك ئىنشائات قۇرۇپ، قۇرۇلۇش سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك سۇچىلىق مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرى قۇرۇلۇش سۈپىتىنى يوقىرى كۆتۈرۈشتە تۆھپە كۆرسەتكەن ئورۇن ۋە شەخسلەرنى مۇكاپاتلايدۇ. 9-ماددا سۇچىلىق قۇرۇلۇشى قىلغۇچى ھەر قايسى ئورۇنلار سۈپەت قانۇنچىلىق تەربىيىسىنى كۈچەيتىپ، سۈپەت قانۇنچىلىق ئېڭىنى ئۆستۈرۈشى، ئەمگەكچىلەرنىڭ ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى سۈپەتنى يوقىرى كۆتۈرۈشتىكى مۇھىم ھالقا ھېسابلاپ، باشقۇرۇش خادىملىرى ۋە ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ سۈپەت ئېڭى ۋە سۈپەت باشقۇرۇش بىلىملىرىگە بولغان تەربىيەلەشنى كۈچەيتىشى، سۈپەت باشقۇرۇشنىڭ قوزغىتىش مېخانىزمىنى تۇرغۇزۇپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاممىۋى خاراكتېرلىك سۈپەت باشقۇرۇش ۋە ئاقىلانە تەكلىپ بىرىش پائالىيىتىنى ئاكتىپ قانات يايدۇرۇشى لازىم. 2-باپ قۇرۇلۇش سۈپتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش 10-ماددا ھۆكۈمەت سۇچىلىق قۇرۇلۇشلىرىنىڭ سۈپىتىگە قارىتا نازارەتچىلىك تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ. سۇچىلىق قۇرۇلۇشلىرىنىڭ سۈپىتىگە دەرىجىلىك باشقۇرۇشنىڭ پرىنسىپى بويىچە مۇناسىپ سۇچىلىق مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرى ھوقۇق بەرگەن سۈپەت نازارەتچىلىك ئورگىنى نازارەتچىلىك قىلىدۇ. 11-ماددا سۇچىلىق قۇرۇلۇشلىرىنىڭ سۈپەت نازارەتچىلىك ئورگىنى چوقۇم سۇچىلىق مىنىستىرلىكىنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن تەسىس قىلىنىشى، ئۆلكە دەرىجىلىكتىن يوقىرى سۇچىلىق مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ سالاھىيەت تەكشۈرۈشىدىن ئۆتۈپ لاياقەتلىك بولۇشى كېرەك، شۇنداق بولغاندا سۇچىلىق قۇرۇلۇشلىرىنىڭ سۈپەت نازارەتچىلىك خىزمىتىنى ئۈستىگە ئالالايدۇ. ھەر دەرىجىلىك سۇچىلىق قۇرۇلۇش سۈپەت نازارەتچىلىك ئورگىنى چوقۇم ساغلام بولغان سۈپەت نازارەتچىلىك خىزمەت مېخانىزمىنى تۇرغۇزۇپ، نازارەتچىلىك ۋاستىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سۈپەت نازارەتچىلىكىنىڭ ئابرويى ۋە ئۈنۈمدارلىقىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك سۇچىلىق قۇرۇلۇش سۈپەت نازارەتچىلىك ئورگىنى دۆلەت ۋە سۇچىلىق مىنىستىرلىكىنىڭ مۇناسىۋەتلىك سۈپەت ئۆلچىمى، قائىدە-نىزامىنى ئىجرا قىلىش ئەھۋاللىرىغا قارىتا تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، قانۇن بولسىمۇ ئىجرا قىلماسلىق، ئىجرا قىلسىمۇ قاتتىق بولماسلىق، قانۇنغا خىلاپلىق قىلسىمۇ سۈرۈشتۈرمەسلىك شۇنداقلا خىزمەت ھوقۇقىدىن قالايمىقان پايدىلىنىشتەك قىلمىشلارنى كەسكىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك. 12-ماددا سۇچىلىق مىنىستىرلىكىنىڭ سۇچىلىق قۇرۇلۇش سۈپەت نازارەتچىلىك ئورگىنى ۋادا ئورگىنى، ئۆلكە دەرىجىلىك سۈپەت نازارەتچىلىك ئورگىنى ۋە سۇچىلىق قۇرۇلۇشى سۈپىتىنى تەكشۈرۈپ ئۆلچەش ئورۇنلىرىنى بىر تۇتاش پىلانلاش، باشقۇرۇش ۋە ئۇلارنىڭ سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ. ھەر قايسى ئۆلكە، ئاپتونۇم رايۇن، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلەر تەسىس قىلغان سۇچىلىق قۇرۇلۇش سۈپەت نازارەتچىلىك ئورگىنى مەزكۇر مەمۇرىي رايۇندىكى ئۆلكە دەرىجىلىكتىن تۆۋەن سۈپەت نازارەتچىلىك ئورگىنى ۋە سۇچىلىق قۇرۇلۇشى سۈپىتىنى تەكشۈرۈپ ئۆلچەش ئورۇنلىرىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ باشقۇرۇش ۋە ئۇلارنىڭ سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ. 13-ماددا سۇچىلىق قۇرۇلۇش سۈپەت نازارەتچىلىك ئورگىنى لايىھەلەش، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، قۇرۇلۇش قىلىش ئورۇنلىرىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ سالاھىيەت دەرىجىسى يولغا قويغان دائىرىدە سۇچىلىق قۇرۇلۇشلىرىنىڭ سۈپەت خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىپ، قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئورنى، لايىھەلەش ئورنى ۋە قۇرۇلۇش قىلغۇچى ئورۇنلارنىڭ ساغلام بولغان سۈپەت سىستېمىسىنى تۇرغۇزىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىدۇ. سۇچىلىق قۇرۇلۇش سۈپەت نازارەتچىلىك ئورگىنى دۆلەت ۋە سۇچىلىق كەسپىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئىنشائات قۇرۇش قانۇن-نىزامى، تېخنىكا ئۆلچىمى ۋە لايىھە ھۆججىتىگە ئاساسەن قۇرۇلۇش سۈپىتىگە نازارەتچىلىك قىلىپ، قۇرۇلۇش قىلىش نەق مەيدانىدىكى قۇرۇلۇش سۈپىتىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان قىلمىشلارغا قارىتا نازارەتچىلىك ۋە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدۇ. 14-ماددا سۇچىلىق قۇرۇلۇش سۈپەت نازارەتچىلىكى ئارىلاپ تەكشۈرۈشنى ئاساس قىلغان نازارەتچىلىك شەكلىنى يولغا قويۇپ، قانۇن ۋە مەمۇرىي ۋاسىتىلار ئارقىلىق ئارىلاپ تەكشۈرۈشتىن كېيىنكى بىر تەرەپ قىلىش خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەيدۇ. پۈتكەن قۇرۇلۇشنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋالغاندا، سۈپەت نازارەتچىلىك ئورگىنى قۇرۇلۇشنىڭ سۈپەت دەرىجىسىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىدۇ. سۈپىتى تەكشۈرۈپ بېكىتىلمىگەن ياكى لاياقەتسىز بولغان قۇرۇلۇشنى قۇرۇلۇش قىلغۇچى ئورۇن تەكشۈرۈشكە ئۆتكۈزۈپ بەرمەيدۇ، قۇرۇلۇشقا مەسئۇل تارماقلار تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋالمايدۇ، قۇرۇلۇشنى ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. 15-ماددا ئېھتىياجغا ئاساسەن، سۈپەت نازارەتچىلىك ئورگىنى ئۆلچەم ئارقىلىق ئىتراپ قىلىنىپ لاياقاتلىك بولغان تەكشۈرۈپ ئۆلچەش ئورنىغا ھاۋالە قىلىپ، سۇچىلىق قۇرۇلۇشلىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىك قىسىملىرى شۇنداقلا ئىشلىتىلگەن قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى ۋە قۇرۇلۇش ئۈسكۈنىلىرىنى نۇسخا ئېلىپ سىنايدۇ. سۇچىلىق مىنىستىرلىكىنىڭ سۇچىلىق قۇرۇلۇش سۈپەت نازارەتچىلىك ئورگىنى ئىتراپ قىلغان سۇچىلىق قۇرۇلۇش سۈپىتىنى تەكشۈرۈپ ئۆلچەش ئورگىنى چىقارغان سانلىق-مەلۇمات پۈتۈن مەملىكەتتىكى سۇچىلىق سىستېمىسىنىڭ ئاخىرقى تەكشۈرۈش ئۆلچىمى ھېسابلىنىدۇ. ھەر قايسى ئۆلكە دەرىجىلىك سۇچىلىق قۇرۇلۇش سۈپەت نازارەتچىلىك ئورگىنى ئىتراپ قىلغان سۇچىلىق قۇرۇلۇش سۈپىتىنى تەكشۈرۈپ ئۆلچەش ئورگىنى چىقارغان سانلىق-مەلۇمات مەزكۇر مەمۇرىي رايۇندىكى سۇچىلىق سىستېمىسىنىڭ ئاخىرقى تەكشۈرۈش ئۆلچىمى ھېسابلىنىدۇ. 3-باپ تۈر قانۇنى ئىگىسى(قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن)نىڭ سۈپەت باشقۇرۇشى 16-ماددا تۈر قانۇنى ئىگىسى(قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن) دۆلەت ۋە سۇچىلىق مىنىستىرلىكىنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسى بويىچە قانۇنلۇق تەسىس قىلىنىپ، سۇچىلىق قۇرۇلۇش سۈپەت نازارەتچىلىك ئورگىنىنىڭ ئۇنىڭ سۈپەت سىستېمىسىغا بولغان نازارەتچىلىك تەكشۈرۈشىنى ئاكتىپ قوبۇل قىلىشى كېرەك. 17-ماددا تۈر قانۇنى ئىگىسى(قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن) قۇرۇلۇشنىڭ كۆلىمى ۋە ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، سۇچىلىق مىنىستىرلىكىنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسى بويىچە سالاھىيەت تەكشۈرۈپ خېرىدار چاقىرىش ئارقىلىق تەكشۈرۈپ لايىھەلەش، قۇرۇلۇش قىلىش، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئورۇنلىرىنى تاللىشى ھەمدە توختاملىق باشقۇرۇشى كېرەك. توختام ھۆججىتىدە چوقۇم قۇرۇلۇش سۈپەت ماددىسى(تارمىقى)بولۇشى، قۇرۇلۇش چېرتيوژى، ھۆججىتى، ئىنشائاتى، ماتېرىيالى، ئۈسكۈنىلىرى قاتارلىقلارنىڭ سۈپەت ئۆلچىمى شۇنداقلا توختامدىكى ئىككى تەرەپنىڭ سۈپەت مەجبۇرىيەتلىرى ئېنىق بەلگىلەنگەن بولۇشى كېرەك. 18-ماددا تۈر قانۇنى ئىگىسى(قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن) قۇرۇلۇشنىڭ سۈپەت باشقۇرۇشىنى كۈچەيتىپ، ساغلام بولغان قۇرۇلۇش قىلىش سۈپىتىنى تەكشۈرۈش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشى، قۇرۇلۇشنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن سۈپەت باشقۇرۇش ئورگىنى ۋە سۈپەت باشقۇرۇش تۈزۈمىنى تۇرغۇزىشى كېرەك. 19-ماددا تۈر قانۇنى ئىگىسى(قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن) قۇرۇلۇشقا ئىش باشلاشتىن بۇرۇن بەلگىلىمە بويىچە سۇچىلىق قۇرۇلۇش سۈپەت نازارەتچىلىك ئورگىنى بىلەن قۇرۇلۇشنىڭ سۈپەت نازارەتچىلىك رەسمىيىتىنى بېجىرىشى، قۇرۇلۇش قىلىش جەريانىدا سۈپەت نازارەتچىلىك ئورگىنىنىڭ قۇرۇلۇش سۈپىتىگە بولغان نازارەتچىلىك تەكشۈرۈشىنى ئاكتىپ قوبۇل قىلىشى كېرەك. 20-ماددا تۈر قانۇنى ئىگىسى(قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن) لايىھەلەش ۋە قۇرۇلۇش قىلىش ئورۇنلىرىنى تەشكىللەپ لايىھەنىڭ تېگى-تەكتىنى ئېنىقلىشى، قۇرۇلۇش قىلىش جەريانىدا قۇرۇلۇش سۈپىتىنى تەكشۈرۈشى، قۇرۇلۇش پۈتكەندىن كېيىن دەرھال مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنى قۇرۇلۇش سۈپىتىنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش ۋە ۋىزا رەسمىيىتىنى ئۆتەشكە تەشكىللىشى كېرەك. 4-باپ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئورنىنىڭ سۈپەت باشقۇرۇشى 21-ماددا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئورۇنلىرى چوقۇم سۇچىلىق مىنىستىرلىكى تارقاتقان نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئورنى سالاھىيەت دەرىجە گۇۋاھنامىسى بىلەن بېكىتىلگەن نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش دائىرىسىگە ئاساسەن مۇۋاپىق سۇچىلىق قۇرۇلۇشلىرىنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ۋەزىپىلىرىنى ئۈستىگە ئېلىشى، سۇچىلىق قۇرۇلۇش سۈپەت نازارەتچىلىك ئورگىنىنىڭ ئۇنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سالاھىيىتى، سۈپەت تەكشۈرۈش سىستېمىسى شۇنداقلا سۈپەتنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمىتىگە بولغان نازارەتچىلىك تەكشۈرۈشىنى ئاكتىپ قوبۇل قىلىشى كېرەك. 22-ماددا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئورۇنلىرى چوقۇم دۆلەتنىڭ قانۇنى، سۇچىلىق كەسپىنىڭ قانۇن-نىزامى ۋە تېخنىكىلىق ئۆلچىمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىشى، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش توختامىغا قاتتىق ئەمەل قىلىشى كېرەك. 23-ماددا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئورۇنلىرى زىممىسىگە ئالغان نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ۋەزىپىسىگە ئاساسەن قۇرۇلۇش قىلىش نەق مەيدانىغا مۇۋاپىق نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئورگىنىنى ئەۋەتىشى، خادىملار تەقسىماتى چوقۇم تۈر تەلىپىنى قاندۇرالايدىغان بولۇشى كېرەك. نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىنژېنېرلىرى خىزمەتكە چىققاندا چوقۇم سۇچىلىق مىنىستىرلىكى تارقاتقان نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىنژېنېرلىرىنىڭ ئىش ئورنى گۇۋاھنامىسىغا ئىگە بۇلىشى، ئادەتتىكى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خادىملىرى خىزمەتكە چىققاندا ئىش ئورنىغا چىقىشتىن بورۇنقى تەربىيىلەپ يېتىشتۈرۈشكە قانتنىشى كېرەك. 24-ماددا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئورۇنلىرى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش توختىمىغا ئاساسەن خېرىدار چاقىرىش خىزمىتىگە قاتنىشىپ، قۇرۇلۇش سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىشتا قۇرۇلۇشنى كۆتۈرىگە ئېلىش توختىمىغا تولۇق ئەمەل قىلىشتىن چىقىپ، قۇرۇلۇش چېرتيوژىنى ئىمزا قويۇپ تارقىتىشى، قۇرۇلۇش قىلغۇچى ئورۇننىڭ قۇرۇلۇش قىلىشقا ئويۇشتۇرۇش لايىھەسى ۋە تېخنىكىلق تەدبىرلىرىنى تەكشۈرۈشى، توختامدىكى مۇناسىۋەتلىك سۈپەت ئۆلچەملىرى، تەلەپلىرىنىڭ يولغا قويۇلىشىغا يېتەكچىلىك ۋە نازارەتچىلىك قىلىشى، قۇرۇلۇشنىڭ سۈپىتىنى تەكشۈرۈش، قۇرۇلۇشنىڭ سۈپەت ھادىسىلىرىنى تەكشۈرۈپ بىرتەرەپ قىلىش ۋە قۇرۇلۇشنىڭ تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزىۋېلىش خىزمەتلىرىگە قاتنىشىشى كېرەك. 5-باپ لايىھەلەش ئورنىنىڭ سۈپەت باشقۇرۇشى 25-ماددا لايىھەلەش ئورۇنلىرى چوقۇم ئۆزلىرىنىڭ سالاھىيەت دەرىجىسى شۇنداقلا تىجارەت دائىرىسىگە ئاساسەن تەكشۈرۈپ لايىھەلەش ۋەزىپىلىرىنى ئۈستىگە ئېلىشى ھەمدە سۇچىلىق قۇرۇلۇش سۈپەت نازارەتچىلىك ئورگىنىنىڭ ئۇنىڭ سالاھىيەت دەرىجىسى ۋە سۈپەت سىستېمىسىغا بولغان نازارەتچىلىك تەكشۈرۈشىنى ئاكتىپ قوبۇل قىلىشى كېرەك. 26-ماددا لايىھەلەش ئورۇنلىرى چوقۇم ساغلام بولغان لايىھە سۈپەت كاپالەت سىستېمىسىنى تۇرغۇزۇپ، لايىھەلەش جەريانىدىكى سۈپەتنى كونترول قىلىشنى كۈچەيتىشى، لايىھە ھۆججىتىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش، بىللە ئىمزا قويۇپ تەستىقلاش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ لايىھە ھۆججىتىنىڭ تېگى-تەكتىنى ئېنىقلاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك. 27-ماددا لايىھە ھۆججىتى چوقۇم تۆۋەندىكى ئاساسىي تەلەپكە ماس كېلىشى لازىم: 1. لايىھە ھۆججىتى دۆلەت، سۇچىلىق كەسپىنىڭ مۇناسىۋەتلىك قانۇن-نىزامى، قۇرۇلۇشنى تەكشۈرۈپ لايىھەلەش تېخنىكا قائىدىسى، ئۆلچىمى ۋە توختام تەلىپىگە مۇۋاپىق بولۇشى كېرەك. 2. لايىھەلەشتە ئاساس قىلىنغان تۈپ ماتېرىياللار تولۇق، توغرا، ئىشەنچلىك بولۇشى، لايىھە دەلىلى تولۇق، ھېسابلاش نەتىجىسى ئىشەنچلىك بولۇشى كېرەك. 3. لايىھە ھۆججىتىنىڭ چوڭقۇرلىقى مۇۋاپىق لايىھەلەش باسقۇچىدىكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەرنىڭ تەلىپىنى، لايىھە سۈپىتى قۇرۇلۇش سۈپىتى، بىخەتەرلىك تەلىپى ھەمدە لايىھەلەش ئۆلچەملىرىنىڭ تەلىپىنى قانائەتلەندۈرەلەيدىغان بولۇشى كېرەك. 28-ماددا لايىھەلەش ئورۇنلىرى چوقۇم توختامدىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن لايىھە ھۆججىتى بىلەن قۇرۇلۇش چېرتيوژىنى ۋاقتىدا تەمىنلىشى، قۇرۇلۇشقا ئىشلەش جەريانىدا قۇرۇلۇش قىلىش نەق مەيدانىدىكى ئەھۋاللارنى ۋاقتىدا ئىگەللەپ تۇرۇشى، لايىھەنى ياخشىلاپ مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشى لازىم. چوڭ ئوتتۇرا تىپتىكى قۇرۇلۇشلارغا نىسبەتەن توختامدىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن قۇرۇلۇش قىلىش نەق مەيدانىدا لايىھەلەش ۋەكىللەر ئورگىنى قۇرۇشى ياكى لايىھەلەش ۋەكىللىرىنى ئەۋەتىپ تۇرغۇزىشى كېرەك. 29-ماددا لايىھەلەش ئورۇنلىرى سۇچىلىق مىنىستىرلىكىنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسى بويىچە باسقۇچلۇق تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش، بىرلىك قۇرۇلۇشنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش ۋە پۈتكەن قۇرۇلۇشنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشتا قۇرۇلۇش قىلىش سۈپتىنىڭ لايىھەدىكى تەلەپلەرنى قاندۇرۇشىغا نىسبەتەن باھالاش پىكىرىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. 6-باپ قۇرۇلۇش قىلغۇچى ئورۇننىڭ سۈپەت باشقۇرۇشى 30-ماددا قۇرۇلۇش قىلغۇچى ئورۇنلار چوقۇم ئۆزلىرىنىڭ سالاھىيەت دەرىجىسى شۇنداقلا تىجارەت دائىرىسىگە ئاساسەن قۇرۇلۇش قىلىش ۋەزىپىلىرىنى ھۆددىگە ئېلىشى، سۇچىلىق قۇرۇلۇش سۈپەت نازارەتچىلىك ئورگىنىنىڭ ئۇنىڭ سالاھىيىتى ۋە سۈپەت كاپالەت سىستېمىسىغا بولغان نازارەتچىلىك تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك. 31-ماددا قۇرۇلۇش قىلغۇچى ئورۇنلار چوقۇم دۆلەت ۋە سۇچىلىق كەسپىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئىنشائات قۇرۇش قانۇن-نىزامى، تېخنىكا قائىدىسى، تېخنىكا ئۆلچىمى شۇنداقلا لايىھە ھۆججىتى ۋە قۇرۇلۇش توختىمىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىشى ھەمدە ئۆزلىرى ئىشلىگەن قۇرۇلۇشنىڭ سۈپىتىگە مەسئۇل بولۇشى كېرەك. 32-ماددا قۇرۇلۇش قىلغۇچى ئورۇنلار ئۆزلىرى ئالغان سۇچىلىق قۇرۇلۇش تۈرلىرىنىڭ گەۋدە قۇرۇلۇشىنى ئۆتۈنمە ھۆددە قىلىشقا (قۇرۇلۇشنىڭ ھۆددىگەرلىكىنى ئۆتۈنۈپ بېرىشكە)بولمايدۇ. قۇرۇلۇشنى بۆلۈنمە ھۆددە قىلىشقا نىسبەتەن بۆلۈنمە ھۆددىگە ئالغۇچى ئورۇن چوقۇم مۇۋاپىق سالاھىيەت دەرىجىسىگە ئىگە بولۇشى ھەمدە ئۆزلىرى بۆلۈنمە ھۆددىگە ئالغان قۇرۇلۇشنىڭ قۇرۇلۇش قىلىش سۈپىتىگە قارىتا ئومۇمىي ھۆددىگە ئالغان ئورۇنغا مەسئۇل بولۇشى، ئومۇمىي ھۆددىگە ئالغان ئورۇن پۈتۈن قۇرۇلۇشنىڭ سۈپىتىگە قارىتا تۈر قانۇنى ئىگىسى(قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن)گە مەسئۇل بولۇشى بولۇشى كېرەك. قۇرۇلۇشنى بۆلۈنمە ھۆددە قىلىش چوقۇم تۈر قانۇنى ئىگىسى(قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن)نىڭ رۇخسىتىدىن ئۆتىشى كېرەك. 33-ماددا قۇرۇلۇش قىلغۇچى ئورۇنلار ئومۇميۈزلۈك سۈپەت باشقۇرۇشنى كېڭەيتىپ، ساغلام بولغان سۈپەت كاپالەت سىستېمىسىنى تۇرغۇزىشى، ئىش ئورنى سۈپەت قائىدىسى، سۇپەت مەسئۇلىيىتى شۇنداقلا تەكشۈرۈش چارىسىنى بېكىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ سۈپەت مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. قۇرۇلۇش قىلىش جەريانىدا تەجرىبە قىلىش ئارقىلىق تەكشۈرۈش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، "ئۈچ تەكشۈرۈش تۈزۈمى"(دەسلەپكى تەكشۈرۈش، قايتا تەكشۈرۈش، ئاخىرقى تەكشۈرۈش)نى ئەستايىدىل ئىجرا قىلىپ، قۇرۇلۇش سۈپىتىنىڭ پۈتۈن جەريان كونترولى خىزمىتىنى ھەقىقىي تۈردە ياخشى ئىشلىشى كېرەك. 34-ماددا قۇرۇلۇشتا سۈپەت ھادىسىسى كېلىپ چىقسا قۇرۇلۇش قىلغۇچى ئورۇنلار چوقۇم مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەر بويىچە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئورنى، تۈر قانۇنى ئىگىسى(قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن) شۇنداقلا مۇناسىۋەتلىك تارماقلارغا دوكلات قىلىشى ھەمدە نەق مەيداننى ياخشى قوغدىشى، قۇرۇلۇشنىڭ سۈپەت ھادىسىسىنى تەكشۈرۈشكە قوشۇلۇپ ھادىسىنى ئەستايىدىل بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك. 35-ماددا پۈتكەن قۇرۇلۇشنىڭ سۈپىتى چوقۇم دۆلەت ۋە سۇچىلىق كەسپىنىڭ ھازىر يۈرگۈزىلىۋاتقان قۇرۇلۇش ئۆلچىمى شۇنداقلا لايىھە ھۆججىتىنىڭ تەلىپىگە ماسلىشىشى ھەمدە تۈر قانۇنى ئىگىسى(قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن)گە مۇكەممەل بولغان تېخنىكا ئارخىپى، تەجرىبە نەتىجىسى شۇنداقلا مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى تاپشۇرۇشى كېرەك. 7-باپ قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، ئۈسكۈنە سېتىۋېلىشتىكى سۈپەت باشقۇرۇش ۋە قۇرۇلۇشنىڭ رېمونتىغا كېپىللىك قىلىش 36-ماددا قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى ۋە ئۈسكۈنىلەرنىڭ سۈپىتىگە نىسبەتەن مال سېتىۋېلىش ئورۇنلىرى مۇۋاپىق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ. ئومۇمەن قۇرۇلۇش قىلىش نەق مەيدانىغا كىرگۈزۈلگەن قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى ۋە ئۈسكۈنىلەرنىڭ ھەممىسى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن تەجرىبە قىلىش ئارقىلىق تەكشۈرۈلىدۇ. تەكشۈرۈپ لاياقەتسىز بولغان مەھسۇلاتلارنى قۇرۇلۇشقا ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. 37-ماددا قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى ۋە ئۈسكۈنىلەرنى سېتىۋېلىش ئورۇنلىرى توختامدا بەلگىلەنگەن ئۆز ئالدىغا مال سېتىۋېلىش ھوقۇقىغا ئىگە بولۇپ، باشقا ئورۇن ياكى شەخسلەرنىڭ ئارىلىشىشىغا بولمايدۇ. 38-ماددا قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى ياكى ئۈسكۈنىلەر چوقۇم تۆۋەندىكى تەلەپكە ئۇيغۇن كېلىشى لازىم: 1. مەھسۇلاتلار سۈپتىنىڭ تەجرىبە قىلىپ تەكشۈرۈشتە لاياقەتلىك بولغان ئىسپاتى بولۇشى لازىم؛ 2.خەنزۇچە يېزىلغان مەھسۇلات نامى، ئىشلەپچىقارغان زاۋۇت ئىسمى ۋە ئادرىسى بولۇشى لازىم؛ 3. مەھسۇلاتلارنىڭ ئوراپ قاچىلاش ۋە ماركا پاسۇنى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسى ۋە ئۆلچەم تەلىپىگە مۇۋاپىق بولۇشى لازىم؛ 4. قۇرۇلۇش ئۈسكۈنىلىرىدە مەھسۇلاتلارنىڭ تەپسىلىي بولغان ئىشلىتىش چۈشەندۈرۈشى بولۇشى، ئېلېكترىك ئۈسكۈنىلەردە يەنە لىنيە سخېمىسى قۇشۇمچە قىلىنغان بولۇشى لازىم؛ 5. ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى ياكى سۈپەت ئىسپاتى بىرىشنى يولغا قويغان مەھسۇلاتلارنىڭ ماس ئىجازەتنامىسى ياكى ئىتراپ قىلىنغان گۇۋاھنامىسى بولۇشى كېرەك. 39-ماددا سۇچىلىق قۇرۇلۇشلىرىنىڭ رېمونتىغا كېپىللىك قىلىش مۇددىتى قۇرۇلۇشنى ئۆتكۈزۈپ بىرىش گۇۋاھنامىسىدىكى قۇرۇلۇش پۈتكەن كۈندىن باشلاپ ھېسابلىغاندا ئادەتتە بىر يىلدىن كەم بولمايدۇ. ئالاھىدە تەلىپى بار قۇرۇلۇشلارنىڭ رېمونتىغا كېپىللىك قىلىش مۇددىتى توختامدا بەلگىلىنىدۇ. قۇرۇلۇش سۈپىتىدە مۇقىم كەمتۈكلۈك كۆرۈلسە جاۋاپكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىش چېكى يۇقىردىكى رېمونتىغا كېپىللىك قىلىش مۇددىتىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ. 40-ماددا سۇچىلىق قۇرۇلۇشلىرىنىڭ بەلگىلەنگەن رېمونتىغا كېپىللىك قىلىش مۇددىتى ئىچىدە قۇرۇلۇشتا سۈپەت مەسىلىلىرى كۆرۈلسە ئادەتتە ئەسلىدىكى قۇرۇلۇش قىلغۇچى ئورۇن ئۇنىڭ رېمونتىغا كېپىللىك قىلىدۇ، لازىملىق خىراجەتنى مەسئۇل تەرەپ ئۈستىگە ئالىدۇ. 8-باپ جازا پرىنسىپى 41-ماددا سۇچىلىق قۇرۇلۇشلىرىدا زور قۇرۇلۇش سۈپەت ھادىسىسى كۆرۈلسە كەسكىن بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. مەسئۇل ئورۇنغا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ تەنقىد بىرىپ، ئۇنىڭ سالاھىيەت دەرىجىسى تۆۋەنلىتىلىش ياكى سالاھىيەت كېنىشكىسىنى ئۆتكۈزۈۋېلىش، جاۋاپكارغا مەمۇرىي ئىنتىزام جازاسى بىرىش، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنى ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بىرىش كېرەك. 42-ماددا سۇچىلىق قۇرۇلۇشلىرىنىڭ سۈپەت ھادىسىسى بىلەن شەخسلەرنىڭ يارىلىنىش ۋە ئۆلۈش شۇنداقلا مال-مۈلكىنىڭ زىيانغا ئۇچراش ئەھۋاللىرى كۆرۈلسە مەسئۇل ئورۇن بەلگىلىمە بويىچە زىيانغا ئۇچرىغۇچى تەرەپكە ئىقتىسادىي تۈلەم بىرىشى كېرەك. 43-ماددا تۈر قانۇنى ئىگىسى(قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن)دە تۆۋەندىكى قىلمىشلاردىن بىرى بولسا ئۇنىڭ مەسئۇل تارمىقى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ ئۇنى تەنقىد قىلىدۇ ياكى باشقا ئىنتىزام جازاسى بىرىدۇ. 1. بەلگىلىمىگە ئاساسەن مۇۋاپىق سالاھىيەت دەرىجىسىدىكى تەكشۈرۈپ لايىھەلەش، قۇرۇلۇش قىلىش ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئورۇنلىرىنى تاللىمىغان؛ 2. بەلگىلىمىگە ئاساسەن قۇرۇلۇش سۈپەت نازارەتچىلىك رەسمىيىتىنى بېجىرمىگەن؛ 3.بەلگىلىمىگە ئاساسەن پۈتكەن قۇرۇلۇشنى ئۆز ۋاقتىدا تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋالماي تۇرۇپ كېيىنكى بىر باسقۇچتىكى قۇرۇلۇشنى ئېلىپ بارغان ۋە پۈتكەن قۇرۇلۇشنى تەكشۈرۈشتىن ئۆتكۈزمەي ياكى قۇرۇلۇشنى باسقۇچلۇق تەكشۈرۈشتىن ئۆتكۈزمەي تۇرۇپ ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇپ بەرگەن؛ 4. زور قۇرۇلۇش سۈپەت ھادىسىسى كۆرۈلسە مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمە بويىچە ئۆز ۋاقتىدا مۇناسىۋەتلىك تارماقلارغا دوكلات قىلمىغان. 44-ماددا تەكشۈرۈپ لايىھەلەش، قۇرۇلۇش قىلىش ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئورۇنلىرىدا تۆۋەندىكى قىلمىشلاردىن بىرى بولسا ئەھۋالىنىڭ ئېغىر-يېنىكلىكىگە قاراپ ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ تەنقىد قىلىش، سالاھىيەت دەرىجىسى تۆۋەنلىتىلىشتىن سالاھىيەت كېنىشكىسىنى ئۆتكۈزۈۋېلىشقىچە جازا بىرىلىدۇ، ئىقتىسادىي جازا توختامدىكى بەلگىلىمە بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ، قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلار دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك قانۇنلىرىغا ئاساسەن بىر تەرەپ قىلىنىدۇ: 1. كېنىشكىسىز ياكى سالاھىيەت دەرىجىسىدىن ھالقىپ ۋەزىپە قوبۇل قىلغان؛ 2. سۇچىلىق قۇرۇلۇش سۈپەت نازارەتچىلىك ئورگىنىنىڭ نازارەتچىلىكىنى قوبۇل قىلمىغان؛ 3. لايىھە ھۆججىتى مەزكۇر بەلگىلىمىنىڭ 27-ماددىسىدىكى تەلەپكە ماس كەلمىگەن؛ 4. پۈتۈپ ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇپ بېرىلگەن قۇرۇلۇش مەزكۇر بەلگىلىمىنىڭ 35-ماددىسىدىكى تەلەپكە ماس كەلمىگەن؛ 5. بەلگىلىمىگە ئاساسەن سۈپەت رېمونتىغا كېپىللىك قىلمىغان؛ 6. تەجرىبە قىلىپ تەكشۈرۈشتىن ئۆتمىگەن ياكى تەكشۈرۈشتە لاياقەتسىز بولغان قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى ۋە قۇرۇلۇش ئۈسكۈنىلىرىنى ئىشلەتكەن، ياكى قۇرۇلۇش قىلىش جەريانىدا قول ئۇچىدا ئىشلىگەن، ئەپلەپ-سەپلەپ بولدى قىلغان، ساختا خاتىرە يازغان؛ 7. زور قۇرۇلۇش سۈپەت ھادىسىسى كۆرۈلسە مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمە بويىچە ئۆز ۋاقتىدا مۇناسىۋەتلىك تارماقلارغا دوكلات قىلمىغان؛ 8. سۇچىلىق قۇرۇلۇش سۈپەت نازارەتچىلىك ئورگىنىنىڭ تەكشۈرۈپ بېكىتىشى ئارقىلىق قۇرۇلۇش سۈپەت دەرىجىسى لاياقەتسىز ياكى قۇرۇلۇش مۇستەھكەملەشكە ياكى چېقىۋېتىشكە ئېھتىياجلىق بولغان. 45-ماددا تەكشۈرۈپ ئۆلچەش ئورنى تەجرىبە قىلىپ تەكشۈرۈش سانلىق-مەلۇماتى ياكى تەكشۈرۈش يەكۈنىنى ئويدۇرۇپ چىقارغان بولسا ئەھۋالىنىڭ ئېغىر-يېنىكلىكىگە قاراپ ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ تەنقىد قىلىش، سالاھىيەت دەرىجىسى تۆۋەنلىتىلىشتىن سالاھىيەت كېنىشكىسىنى ئۆتكۈزۈۋېلىشقىچە جازا بىرىلىدۇ، ساختىلىق قىلمىشى ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى شەكىللەندۈرگەن بولسا، دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. 46-ماددا سۇچىلىق قۇرۇلۇش سۈپەت نازارەتچىلىك مەجبۇرىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلمىغان سۈپەت نازارەتچىلىك ئورگىنىنى مۇۋاپىق سۇچىلىق مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرى ياكى ئۇنىڭدىن بىر دەرىجە يوقىرى بولغان سۇچىلىق قۇرۇلۇش سۈپەت نازارەتچىلىك ئورگىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ تەنقىد قىلىدۇ، مەسئۇل خادىمنى ئالماشتۇرۇۋېتىدۇ ياكى ھوقۇق بىرىشىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇۋېتىدۇ ھەمدە ئورگاننى ئۆزگەرتىپ قايتىدىن تەشكىل قىلىدۇ. قۇرۇلۇش سۈپەت نازارەتچىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان خىزمەتچى خادىملارنىڭ قانۇننى ئىجرا قىلىشى قاتتىق بولماسلىق، قانۇنغا خىلاپلىق قىلسىمۇ سۈرۈشتۈرمەسلىك ياكى خىزمەت ھوقۇقىدىن قالايمىقان پايدىلىنىش، خىيانەت قىلىپ پارا ئېلىش قىلىمىشلىرىغا نىسبەتەن ئۇلار تۇرۇشلۇق ئورۇن ياكى يوقىرى دەرىجىلىك مەمۇرىي تارماقلار مەمۇرىي جازا بىرىدۇ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋاپكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ. 9-باپ قوشۇمچە پرىنسىپ 47-ماددا بۇ بەلگىلىمىنى چۈشەندۈرۈشكە سۇچىلىق مىنىستىرلىكى مەسئۇل بولىدۇ. 48-ماددا بۇ بەلگىلىمە ئېلان قىلغان كۈندىن باشلاپ سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويىلىدۇ.
|