باش بەت قىلىش يىغىپ ساقلاش  بۈگۈن: 
ئىش بىجىرىش
办事指南
政民互动
مەمۇرىيەتنى ئاشكارىلاش
政务公开
خوتەننىڭ ئومۇمى ئەھۋالى
和田概况
رەھبەرلەر
领导专栏
باش بەت
首页
سىزنىڭ ئورنىڭىز: خەۋەرلەر > رەسىملىك خەۋەر

شى  داگاڭ  ۋىلايىتىمىزدە  خىزمەتلەرنى  تەكشۈرۈپ  تەتقىق  قىلدى  

:ۋاقىت:2011-11-28   ماقالىنىڭ كىلىش مەنبەسى


  ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شى داگاڭ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى 11- ئاينىڭ 16-، 17 -، 18- كۈنلىرى ۋىلايىتىمىزدە سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ كىرگۈزۈش، ساھەلەر بويىچە ياردەم بېرىش، ساياھەتچىلىك خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ، ئاپتونوم رايون سىياسەت جەھەتتە خوتەنگە ئېتىبار بېرىدۇ، خوتەننىڭ تەرەققىياتىنى قوللايدۇ، دېدى.
  شى داگاڭ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى يەن فېنشىن، ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ ۋالىيسى جۈرئەت ئىمىننىڭ ھەمراھلىقىدا، چىرا ناھىيەسىدىكى يېمەكلىككە ئىشلىتىلىدىغان زەمبۇرۇغ ئۆستۈرۈش بويىچە پەن - تېخنىكىدا ئۈلگە كۆرسىتىش باغچا رايونى، كونا ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىش رايونى، لوپ ناھىيەسىدىكى «تەڭرىتاغ» سېمونت چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى قۇرۇلۇش مەيدانى، لوپ بازىرىدىكى خەلچە چۈگە كەنتىنىڭ ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى، خوتەن شەھىرىدىكى 9 - نومۇرلۇق كونا ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىش رايونى، خوتەن ناھىيە باغچى بازىرىنىڭ چالۋاش كەنتىدىكى ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش نۇقتىسى، گۇما ناھىيەسىنىڭ گۇما بازىرىدىكى ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى تۈرى ۋە ئەنخۇي سانائەت باغچا رايونىدا خىزمەتلەرنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى ھەمدە ساھەلەر بويىچە ياردەم بېرىش خىزمىتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش ئەھۋالى، سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ كىرگۈزۈش تۈرىنىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالى، ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى.
  يېڭى بىر نۆۋەتلىك ساھەلەر بويىچە ياردەم بېرىش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ۋىلايىتىمىزگە ساھەلەر بويىچە ياردەم بېرىدىغان بېيجىڭ، تيەنجىن شەھىرى ۋە ئەنخۇي ئۆلكىسى ياردەمگە ئېرىشىدىغان ناھىيە - شەھەرلەرنىڭ زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇشىنى زور كۈچ بىلەن قوللىدى، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، كونا ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىش، ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتتى، «دېھقانلار شادلىقى» ساياھەتچىلىك كەسپىنى راۋاجلاندۇردى. شى داگاڭ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى خوتەن ناھىيەسىنىڭ باغچى بازىرى چالۋاش كەنتىدىكى دېھقان ئابدۇللا مەخمۇتنىڭ ئەمىن ئۆي سالغانلىقىنى، ئۆيىنىڭ ئالدى - ئارقىسىدىكى باغدا «دېھقانلار شادلىقى» ساياھەتچىلىكىنى يولغا قويۇپ، بۇلتۇر ساياھەتچىلىكتىن 15 مىڭ يۈەن كىرىم قىلغانلىقىنى، بۇ يىل گەرچە «18 - ئىيۇل» ۋەقەسى تۈپەيلى ئۇنىڭ ساياھەتچىلىك كەسپى تەسىرگە ئۇچرىغان بولسىمۇ، ساياھەتچىلىك كىرىمىنىڭ 13 مىڭ يۈەنگە يەتكەنلىكىنى ئۇقۇپ خۇشال بولدى، ۋىلايىتىمىزنىڭ ئائىلە مېھمانخانىسى، مىللىي ئۆرپ - ئادەت كەنتى ئېچىشنى سىناق قىلىش، مىللىي ناخشا - ئۇسسۇل ئورۇنلاش شەكلى ئارقىلىق «دېھقانلار شادلىقى» ساياھەتچىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرغانلىقىنى ماختىدى ھەمدە بۇ خىل تەجرىبىنى زور كۈچ بىلەن كېڭەيتىپ، بوستانلىق يېزا ئىگىلىكى ساياھەتچىلىك كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇشنى ئۈمىد قىلدى. 



ئەتلەس
ئۇزۇن ئۆمۇر چول…
           
باشقۇرغۇچى ئورۇن: شىنجاڭ خوتەن ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمە؛ ئۈستىگە ئالغۇچى ئورۇن: شىنجاڭ خوتەن ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمە ئىشخانىسى
شىنجاڭ خوتەن ۋىلايەتلىك ئېلېكترونلۇق مەمۇرىيەت ئىشخانىسى قۇرىدۇ ۋە قوغدايدۇ
پوچتا نومۇرى:848000  تېلغۇن نومۇر:0903-2038261 2032645  ئادرىسى: شىنجاڭ خوتەن شەھەر تانار شىمالى يولى 3-نومۇر