باش بەت قىلىش يىغىپ ساقلاش  بۈگۈن: 
ئىش بىجىرىش
办事指南
政民互动
مەمۇرىيەتنى ئاشكارىلاش
政务公开
خوتەننىڭ ئومۇمى ئەھۋالى
和田概况
رەھبەرلەر
领导专栏
باش بەت
首页
سىزنىڭ ئورنىڭىز: خەۋەرلەر > رەسىملىك خەۋەر

يەن  فېنشىن  قاراقاش،  خوتەن  ناھىيىلىرىدە  خىزمەتلەرنى  تەكشۈرۈپ  تەتقىق  قىلدى  

:ۋاقىت:2011-11-17   ماقالىنىڭ كىلىش مەنبەسى


    ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى يەن فېنشىن 11 - ئاينىڭ 12 -، 13 - كۈنلىرى قاراقاش، خوتەن ناھىيىلىرىدە ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى، خەلقنى بېيىتىدىغان كەسىپ، سانائەت باغچا رايونى قۇرۇلۇشى ۋە ۋىلايىتىمىزگە ياردەم بېرىش تۈرلىرىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ۋىلايىتىمىزگە ياردەم بېرىش تۈرى ۋە ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىنى ياخشى يولغا قويۇپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئولتۇراق، داۋالىنىش شارائىتىنى ياخشىلاپ، ئەۋزەللىكنى جارى قىلدۇرۇپ، ئۆزگىچە كەسىپنى زورايتىش ۋە كۈچەيتىش لازىم.
  يەن فېنشىن ئالتە مەكتەپ، تۆت دوختۇرخانىدا خىزمەتلەرنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، مائارىپ، سەھىيە ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. قاراقاش ناھىيىلىك 1 - ئوتتۇرا مەكتەپتە 1420 نەپەر ئوقوغۇچى ئوقۇيدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە ياتاقتا يېتىپ ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچى 1100 نەپەر، ھازىر مەكتەپ كېڭەيتىپ سېلىنىۋاتىدۇ، 2015 - يىلىغا بارغاندا، مەكتەپتە ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچى 9000 نەپەرگە يېتىدۇ. يەن فېنشىن مەكتەپ ئاشخانىسى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياتىقىغا كىرىپ ئەھۋال ئىگىلىدى. ئۇ مەكتەپ مەسئۇلىنىڭ تونۇشتۇرۇشىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇنداق دېدى: مەكتەپ ئىلىم-پەن ئۆگىنىدىغان، بىلىم ئىگىلەيدىغان جاي. پەننىي بىلىملەرنى ئۆگىتىشنى چىڭ تۇتۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئوقۇغۇچىلارغا بولغان ئىدىيىۋى - سىياسىي تەربىيەنى كۈچەيتىپ، مەكتەپنى زامانىۋى مەدەنىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىدىغان بازىغا ئايلاندۇرۇش لازىم.
  خوتەن ناھىيىلىك كەسپىي تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ بۇ ناھىيىدىكى ياشلارنى كەسپىي مائارىپ بويىچە تەربىيىلەيدىغان بازا بولۇپ، قۇرۇلغاندىن بۇيان ئاپتوموبىل رېمونت قىلىش، يېمەكلىك پىششىقلاپ ئىشلەش، كىيىم لايىھىلەش قاتارلىق 17 كەسىپنى تەسىس قىلىپ، 11 يېزا - بازارغا تەسىر كۆرسىتىدىغان كەسپىي مائارىپ سىستېمىسى شەكىللەندۈرگەن. يەن فېنشىن كىيىم تىكىش سىنىپىغا كىرىپ، ئوقۇغۇچىلار تىككەن كىيىملەرنى كۆردى. ئۇ مەكتەپ مەسئۇللىرىغا كەسپىي مائارىپنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، مەكتەپنىڭ يۇمشاق، قاتتىق دېتال ئەسلىھەلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ ئوقۇغۇچىغا تېخنىكا ئۆگىتىپ، ئەمگەك كۈچلىرىنى يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى تاپىلىدى. يەن فېنشىن بېيجىڭ شەھىرىنىڭ ياردىمى بىلەن قۇرۇلغان قاراقاش ناھىيىلىك خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ جىددىي قۇتقۇزۇش بىناسى قۇرۇلۇشىنىڭ جىددىي ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى، كېلەر يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا ئىشلىتىشكە ئۆتكۈزۈپ بېرىلىدىغانلىقىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇنداق دېدى: ياردەم بىلەن سېلىنىدىغان داۋالاش تۈرلىرى قۇرۇلۇشى سۈرئىتىنى سان - سۈپەتكە كاپالەتلىك قىلغان ئاساستا تىزلىتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، داۋالاش ئەسلىھەلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىسىغا بالدۇرراق بەخت يارىتىپ، ئاممىنىڭ داۋالىنىش شارائىتىنى ياخشىلاش كېرەك.
  ئاممىنىڭ ئولتۇراق شارائىتىنى ياخشىلاش يىل بېشىدا ۋىلايەتلىك پارتكوم ئوتتۇرىغا قويغان ئاممىغا ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى. ئىككى كۈنلۈك تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا، يەن فېنشىن مەھەللە، يېزىلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، يېزىلارنىڭ ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى ۋە شەھەر- بازارلارنىڭ كاپالەت خاراكتېرلىك ئولتۇراق ئۆي قۇرۇلۇشى ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ۋىلايىتىمىز يېزىلىرىدا ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈلدى، خوتەن ناھىيىسىدە 6805 يۈرۈش ئەمىن ئۆي سېلىندى. لايقا يېزا قۇمئېرىق كەنتىدىكى دېھقان ئابلا غاپپار 80 كۋادرات مېتىرلىق، ئازادە، يورۇق ئەمىن ئۆي سالدى، كەنتتە ئۇنىڭغا ئوخشاش سۇ، توك، گاز، ئاشخانا، ھاجەتخانا قاتارلىق ئەسلىھەلىرى يۈرۈشلەشتۈرۈلگەن ئۆي سالغان ئائىلە 638 گە يەتكەن بولۇپ، ھەممە ئائىلە ياڭاق ئۆستۈرگەندىن سىرت، يەنە گىلەم توقۇپ، بۇلتۇر كىشى بېشى ساپ كىرىمىنى 4200 يۈەنگە يەتكۈزگەن. يەن فېنشىن ئابلا غاپپارنىڭ ئولتۇراق ئۆي  ۋە كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى.
  قاراقاش ناھىيىسى ۋىلايىتىمىزدىكى نوپۇسى ئەڭ كۆپ ناھىيە بولۇپ، كاپالەت خاراكتېرلىك ئۆي قۇرۇلۇشى ۋەزىپىسى ئېغىر. ناھىيە بازىرىدا نوپۇس كۆپ، كونا ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىش رايونىدىن بەشى بولۇپ، 3245 ئائىلىگە چېتىشلىق. بۇ ئۆيلەرنىڭ كۆپىنچىسى خىش، ياغاچ قۇرۇلمىلىق، ۋەدىكلىك ئۆيلەر بولۇپ، بۇ ناھىيە ناھىيە بازىرىنىڭ شەرقىدە كاپالەت خاراكتېرلىك ئولتۇراق ئۆي ۋە سودا رايونى بىر گەۋدىلەشكەن مەرھابا گۈللۈك ئولتۇراق رايونى قۇرۇش پىلانلانغان. نۆۋەتتە 1242 يۈرۈش كاپالەت خاراكتېرلىك ئولتۇراق ئۆي قۇرۇلۇشىدا ئىش باشلاندى. خوتەن ناھىيىسىدىكى بەخت گۈللۈك ئولتۇراق رايونىدا 480 يۈرۈش تۆۋەن ئىجارىلىك ئۆي سېلىنغان بولۇپ، پۈتۈش ئالدىدا تۇرماقتا. يەن فېنشىن ئولتۇراق ئۆي رايونىنىڭ قۇرۇلۇش خەرىتىسىنى كۆرگەندىن كېيىن ئۆيگە كىرىپ، ئۆينىڭ قۇرۇلمىسى ۋە ئەسلىھەلەرنى يۈرۈشلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى كۆزدىن كۆچۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: كاپالەت خاراكتېرلىك ئولتۇراق ئۆي قۇرۇلۇشىنى ئىلمىي پىلانلاپ، مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، كۆلىمىنى كىچىكلىتىۋەتمەي، يەردىن مۇۋاپىق پايدىلىنىپ، يېشىللىق كۆلىمىگە كاپالەتلىك قىلىپ، قۇرۇلۇش سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، ئاممىغا  بالدۇرراق بەخت يارىتىش لازىم.
  قاراقاش ناھىيىسى ئادەم كۆپ، يەر ئاز بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن 1998 - يىلىدىن باشلاپ شىمالىي ئېچىش رايونى، غەربىي ئېچىش رايونىنى قۇرغان، ئون نەچچە يىل تىرىشىش ئارقىلىق 100 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ، 60 مىڭ مو يەر ئېچىپ، 25 مىڭ 200 مو ئېكولوگىيە ئورمىنى، 19 مىڭ 200 مو ئۆزگىچە مېۋىلىك دەرەخ سېلىپ، يول، ئۆستەڭ قاتارلىق ئەسلىھەلەرنى يۈرۈشلەشتۈرگەن. خوتەن ناھىيىسىدىكى ئىقتىسادىي يېڭى تەرەققىيات رايونى تۆت يىل تىرىشىش ئارقىلىق دەسلەپكى كۆلەمگە ئىگە بولغان، ئېچىپ پايدىلانغىلى بولىدىغان يەر 220 مىڭ موغا يەتكەن. يەن فېنشىن نەق مەيداننى كۆزدىن كۆچۈرگەندىن كېيىن مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يۇقىرى ئۈنۈملۈك، سۇ تېجىگىلى بولىدىغان يېزا ئىگىلىكىنى يولغا قويۇپ، ئۆزگىچە باغۋەنچىلىكنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئەسلى قىياپىتىنى ساقلاپ قالغان ئاساستا قاقاس يەرلەرنى ئېچىش تەننەرخىنى ئازايتىپ، بوراندىن مۇداپىئەلىنىپ قۇمنى تىزگىنلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىقتىسادىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈپ، يېڭى بوستانلىق بەرپا قىلىش لازىم.
   يەن فېنشىن يېزىلارنىڭ كەسىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى كۆپەيتىش خىزمىتىگە ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلدى. ئۇ دېھقانلارنىڭ ئۆيلىرىگە كىرىپ، ئۇلارنىڭ كەسىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. ئىككى ناھىيىدىكى ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى كەسپى ئائىلىلىرى، تېرىقچىلىق، باقىمىچلىق كەسپى ئائىلىلىرىنى كۆزدىن كۆچۈردى. جاھانباغ يېزا دەريا بويى كەنتى قاراقاش دەرياسىنىڭ غەربىي گىرۋىكىگە جايلاشقان بولۇپ، قاراقاش ناھىيىسىنىڭ ئاساسلىق شال ئىشلەپچىقىرىدىغان رايونى بولۇپ، ئۆزگىچە تەبئىي بايلىقىغا تايىنىپ ئۆي قۇشلىرى باقمىچىلىقنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرغان. بۇ كەنتتىكى دېھقان تۇرسۇن توختى بۇ يىل 1300 دىن كۆپرەك غاز بېقىپ، 50 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلغان. بۇ كەنتتە ئۇنىڭغا ئوخشاش غاز باقمىچىلىقى كەسپى ئائىلىسىدىن بىر نەچچىسى بولۇپ، يەن فېنشىن دېھقانلارنىڭ تونۇشتۇرۇشىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇنداق دېدى: كەسىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ئۆز جايىنىڭ شارائىتىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، ئەۋزەللىكنى جارى قىلدۇرۇپ، كەسىپنى زورايتىپ، يېتەكلەش ۋە تەشۋىقاتنى كۈچەيتىپ، كۆلەم شەكىللەندۈرۈپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئۈزلۈكسىز كۆپەيتىش لازىم.
  يەن فېنشىن يەنە سانائەت باغچە رايونى قۇرۇلۇشى ۋە سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش خىزمىتى ئەھۋالىنى ئىگىلىدى.
  ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بېيجىڭ شەھىرىنىڭ ساھەلەر بويىچە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خوتەن ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ باش قوماندانى لۇ يېڭچۈەن، ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ ئەزاسى، قاراقاش ناھىيىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى لۇ شۇجياڭ، خەلق قۇرۇلتىيى ۋىلايەتلىك خىزمەت كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ باش كاتىپى رېن شياۋنەن خىزمەتلەرنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا بىللە بولدى. 



ئەتلەس
ئۇزۇن ئۆمۇر چول…
           
باشقۇرغۇچى ئورۇن: شىنجاڭ خوتەن ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمە؛ ئۈستىگە ئالغۇچى ئورۇن: شىنجاڭ خوتەن ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمە ئىشخانىسى
شىنجاڭ خوتەن ۋىلايەتلىك ئېلېكترونلۇق مەمۇرىيەت ئىشخانىسى قۇرىدۇ ۋە قوغدايدۇ
پوچتا نومۇرى:848000  تېلغۇن نومۇر:0903-2038261 2032645  ئادرىسى: شىنجاڭ خوتەن شەھەر تانار شىمالى يولى 3-نومۇر