جاڭ گاۋلى باشچىلىقىدىكى تيەنجىن شەھىرىنىڭ پارتىيە - ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى ۋىلايىتىمىزدە خىزمەتلەرنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى
:ۋاقىت:2011-11-16 ماقالىنىڭ كىلىش مەنبەسى
ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، تيەنجىن شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ گاۋلى باشچىلىقىدىكى تيەنجىن شەھىرىنىڭ پارتىيە - ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكى 70 تىن ئارتۇق كىشى 11 - ئاينىڭ 3 - ، 4- كۈنلىرى ئاپتونوم رايونلۇق پاتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن قاتارلىق رەھبەرلەرنىڭ ھەمراھلىقىدا ۋىلايىتىمىزدە ۋىلايىتىمىزگە ياردەم بىرىدىغان تۈرلەرنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى كۆزدىن كۆچۈردى، ياردەمگە كەلگەن كادىرلارنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى، ساھەلەر بويىچە ياردەم بىرىش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەسىلىسىنى تەتقىق قىلدى. تيەنجىن شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شەھەر باشلىقى خۇاڭ شىڭگو، تيەنجىن شەھەرلىك پارتكومنىڭ دائىمىي ئەزاسى، شەھەرلىك پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى شى ليەنشى، تيەنجىن شەھەرلىك پارتكومنىڭ دائىمىي ئەزاسى، شەھەرلىك مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى گوۋلىجۈن، تيەنجىن شەھەرلىك پارتكومنىڭ دائىمىي ئەزاسى، شەھەرلىك پارتكومنىڭ باش كاتىپى دۈەن چۈنخۇا، تيەنجىن شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لى يالى، تيەنجىن شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى ۋېنشى، تيەنجىن شەھەرلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى چېن جىفېڭ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ئەركىن ئىمىرباقى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى خەن يۇڭ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ دائىمىي ئەزاسى، باش كاتىپى بەي جىجيې، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇنىياز، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى رىزۋان ئەبەي خىزمەتلەرنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا بىللە بولدى. تيەنجىن شەھىرىنىڭ پارتىيە - ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى يەن فېنشىن، جۈرئەت ئىمىن، ئابدۇراخمان قۇربان، يالقۇن قادىر، چې يۈپىڭ، جاڭ جيەنگو، جاڭ شيۇچېڭ قاتارلىق ۋىلايىتىمىز رەھبەرلىرىنىڭ ھەمراھلىقىدا ئىككى گۇرۇپپىغا بۆلۈنۈپ، چىرا، كېرىيە ناھىيىلىرىدىكى ئېتىز بېشى، سۇلياۋ پارنىك، باغچا رايونىدىكى كارخانىلار، مەكتەپ، مەھەللە ۋە دېھقانلارنىڭ ئۆيلىرىگە بېرىپ، ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، «ئولتۇراق شارائىتىنى ياخشىلاپ، خەلقنى بېيىتىش قۇرۇلۇشى»، كونا ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىش، قول توقۇمىچىلىق بويۇملىرىنى توقۇش قاتارلىق تۈرلەرنىڭ ئىلگىرلەش ئەھۋالىنى كۆزدىن كۆچۈردى، ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى، ساھەلەر بويىچە ياردەم بېرىش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلدى. 3 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، جاڭ گاۋلى ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى چىرا ناھىيەسىدىكى تىيەنجىن شەھىرىنىڭ ياردىمىدە قۇرۇلغان يىمەكلىككە ئىشلىتىدىغان زەمبۇرۇغ ئۆستۈرۈش بويىچە پەن - تېخنىكىدا ئۈلگەكۆرسىتىش رايونىنى كۆزدىن كۆچۈردى. تيەنجىن شەھىرى چىرا ناھىيەسىگە ياردەم بەرگەندىن بۇيان، «قان بىرىش بىلەن قان ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش»نى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، چىرا ناھىيەسىنىڭ زامانىۋىي يېزا ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇشىغا ياردەم بەردى. يىمەكلىككە ئىشلىتىدىغان زەمبۇرۇغ ئۆستۈرۈش بويىچە پەن - تېخنىكىدا ئۈلگە كۆرسىتىش باغچا رايونىنىڭ كۆلۈمى 1500 مو بولۇپ، باشقۇرۇش، تەربىيىلەش رايونى، ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى رايونى ۋە مېۋە - چىۋىنى ھۆل پېتى ساقلاش، پىششىقلاپ ئىشلەش رايونىدىن ئىبارەت ئۈچ رايونغا بۆلۈنىدۇ، يىمەكلىككە ئىشلىتىدىغان زەمبۇرۇغ ئىشلەپچىقىرىدىغان پارنىكتىن 500 نى ياساش پىلانلانغان، تۈرگە سېلىنىدىغان مەبلەغ 176 مىليون يۈەن. تۈر پۈتكەندىن كېيىن يىلىغا 20 مىليون 572 مىڭ كىلوگرام موگۇ ئىشلەپچىقىرىش، پايدا ئومۇمىي سوممىسىنى 27 مىليون 710 مىڭ يۈەنگە يەتكۈزۈش، 700 نەپەر ئەمگەك كۈچىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، يىللىق كىشى بېشى كىرىمىنى 20 مىڭ يۈەنگە يەتكۈزۈش مۆلچەرلەنمەكتە. جاڭ گاۋلى ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىدىكى چاي موگۇسى، شياڭگۇ قاتارلىق يېمەكلىككە ئىشلىتىدىغان تۈرلۈك زەمبۇرۇغ ۋە مېھرىگىياھنىڭ ياخشى ئۆسكەنلىكى، كۈنىگە 1500 كىلوگرام موگۇ ئىشلەپچىقىرىلىپ بازارغا سېلىنىدىغانلىقىنى ئوقۇپ ئىنتايىن خۇشال بولدى. ئۇ ياردەمگە كەلگەن كادىرلاردىن كەسىپ باغچا رايونىنى ياخشى پىلانلاپ، ياخشى قۇرۇپ، ياخشى باشقۇرۇپ، ئاممىنى تېزلىكتە بېيىتىشنى تەلەپ قىلدى. چىرا ناھىيەسىدىكى چىرا بازىرى چاقما كەنتىدىكى تيەنجىن شەھىرىنىڭ ياردىمى بىلەن سېلىنغان «ئولتۇراق شارائىتىنى ياخشىلاپ، خەلقنى بېيىتىش قۇرۇلۇشى» نۇقتىسىدا جاڭ گاۋلى ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى مەمىتىمىن سايىتنىڭ ئۆيىگە كىردى، مەمىتىمىن سايىت 80 كۋادراتمېتىر ئەمىن ئۆي، ھويلىغا سۇلياۋ پارنىك سالغان بولۇپ، ئايالى گىلەم توقۇۋاتاتتى. مەمىتىمىن سايىت جاڭ گاۋلىغا: دېھقانچىلىقنىڭ ئارىسالدى ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ گىلەم توقۇپ 10 مىڭ يۈەن كىرىم قىلدۇق، بۇنىڭغا باشقا كىرىمنى قوشقاندا ئائىلىمىزدىكىلەرنىڭ يىللىق كىرىمى 30 مىڭ يۈەندىن ئاشىدۇ، دېدى. جاڭ گاۋلى مەمىتىمىن سايىتقا: يېڭى ئۆي سېلىپسىز، قول ھۈنەرۋەنچىلىك بىلەن شۇغۇللانسىڭىز، سۇلياۋ پارنىكتا كۆكتات ئۆستۈرسىڭىز، تۇرمۇشىڭىز چۇقۇم بارغانسېرى ياخشىلىنىدۇ، دېدى. تيەنجىن شەھىرى ساھەلەر بويىچە ياردەم بېرىشتە «بىر تۈركۈم تايانچىلارنى تەربىيەلەش، كېلىشىم ئىمزالاش، زاكاز توختامى ئىمزالاش، بىر تۈركۈم ئادەمنىڭ ئىشقا ئۇرۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولۇش» تىن ئىبارەت خىزمەت نىشانىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ھازىرغىچە، 50 نەچچە قارار قول ھۈنەرۋەنچىلىك بۇيۇملىرىنى توقۇش ماھىرلىرىنى تەربىيەلەش كۇرسى ئېچىپ، 5180 نەپەر ئايالنى تەربىيەلىگەن، 1400 دىن كۆپرەك ئايال دۆلەت تارقاتقان سالاھىيەت كىنىشكىسىگە ئېرىشكەن. چىرا ناھىيەلىك قول ھۈنەرۋەنچىلىك بۇيۇملىرىنى توقۇش، كۆرگەزمە قىلىپ سېتىش مەركىزىدە جاڭ گاۋلى ئاياللار توقۇغان قول ھۈنەرۋەنچىلىك بۇيۇملىرىنى ئاغزى - ئاغزىغا تەگمەي ماختىدى. قول ھۈنەرۋەنچىلىك بۇيۇملىرىنى توقۇش ماھىرى گۈلنىساخان ئىمىن جاڭ گاۋلىغا: ئىلگىرى قىلغىلى ئىش يوق بىكار ئولتۇراتتىم، ھازىر قول ھۈنەرۋەنچىلىك بۇيۇملىرىنى توقۇپ، ئايدا 1000 يۈەن كىرىم قىلدىم، دېدى. جاڭ گاۋلى سورۇندىكى ئاياللارنى ئۆزىنىڭ ئىشچان قولىغا تايىنىپ، تۇرمۇشىنى تېخىمۇ ياخشىلاشقا رىغبەتلەندۈردى. تيەنجىن شەھىرىنىڭ پارتىيە - ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى يەنە چىرا ناھىيەسىدىكى تيەنجىن ئېكولوگىيە باغچىسى، تيەنجىن ئولتۇراق رايونى، كېرىيە ناھىيەسىدىكى تيەنجىن سانائەت باغچا رايونى، كېرىيە ناھىيەلىك كەسپىي مائارىپ مەركىزى، كېرىيە - تيەنجىن مەركىزىي يېزا ئىگىلىك سودا بازىرى ۋە كېرىيە ناھىيەلىك ئاياللار قول ھۈنەرۋەنچىلىك بۇيۇملىرىنى توقۇش، كۆرگەزمە قىلىپ سېتىش مەركىزى، كۆكيار يېزىسىدىكى مايسا يېتىشتۈرۈش ۋە سۇلياۋ پارنىكتا كۆكتات ئۆستۈرۈش بازىسىدا خىزمەتلەرنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. 4 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، تيەنجىن شەھىرى بىلەن شىنجاڭنىڭ ساھەلەر بويىچە ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ھەمكارلىق، ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىش سۆھبەت يىغىنى ۋىلايەتلىك پارتكوم 2 - قەۋەت يىغىن زالىدا ئۆتكۈزۈلدى. جاڭ گاۋلى تيەنجىن شەھەرلىك پارتكوم، شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى، شەھەرلىك ھۆكۈمەت، شەھەرلىك سىياسىي كېڭەش ۋە شەھەر خەلقىگە ۋاكالىتەن ئاپتونوم رايون، ۋىلايىتىمىزدىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ۋە ھەر مىللەت كادىرلىرى ۋە ئاممىسىغا ئالىي ئېھتىرام بىلدۈردى ۋە ئۇلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: شىنجاڭ خىزمىتى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ خىزمەت ئومۇمىيىتىدە مۇھىم ئىستىراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە. شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ۋە مۇقىملىقى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ئومۇمىيىتى، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكى، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىگە مۇناسىۋەتلىك. بىز پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ساھەلەر بويىچە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ مۇھىملىقىغا بولغان تونۇشىمىزنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىلگىرىكى ئاساستا، سالماقنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، خىزمەتلەرنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈپ، بۇ مۇھىم سىياسىي ۋەزىپىنى يۇقىرى سەۋىيە بىلەن ئورۇنداپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەش، شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۆھپە قۇشىمىز. جاڭ گاۋلى مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېڭى بىر نۆۋەتلىك ساھالەر بويىچە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلغان بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، شەھىرىمىز ئەمەلىيەتكە، ئاممىغا، كەسىپكە يېقىنلىشىش، قەدەمنى بۇرۇن ئېلىش، مەبلەغنى بۇرۇن سېلىش، بالدۇر ئۈنۈم ھاسىل قىلىش، باشلىنىش نۇقتىسى، سەۋىيەسى، ئۈنۈمى يۇقىرى بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ ئولتۇراقلاشتۇرۇپ، خۇشال - خۇرام تىرىكچىلىك قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش، قان ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش، ئىلمىي تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلىدى، تەرەققىيات ئىقتىدارىنى كۈچەيتتى، ئاممىۋى مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈردى، قوشۇن قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتتى، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلار ھەم ياخشى ھەم تېز تەرەققىي قىلدى، ساھەلەر بويىچە ياردەم بېرىش خىزمىتىدە دەسلەپكى ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلدى. جاڭ گاۋلى مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: گەرچە ساھەلەر بويىچە ياردەم بېرىش خىزمىتىدە مۇئەييەن نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلگەن بولسىمۇ، لېكىن پەرق يەنىلا مەۋجۇت، ۋەزىپە يەنىلا مۈشكۈل، بىز ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، راستچىل، ئەمەلىيەتچىل بولۇش روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ھەقىقىي تۇتۇپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، سەۋىيەنى ئۆستۈرۈپ، 10 جەھەتتىكى خىزمەتنى ياخشى ئىشلەيمىز: بىرىنچىدىن، خىزمەت نىشانىنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئۈچ يىلدا سالىدىغان مەبلەغنى ئىككى يىلدا سېلىپ، ئۈچ يىللىق ۋەزىپىنى ئىككى يىلدا تاماملايمىز، بەش يىلدا سالىدىغان مەبلەغنى ئۈچ يىلدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بەش يىللىق ۋەزىپىنى ئۈچ يىلدا تاماملاپ، ساھەلەر بويىچە ياردەم بېرىش خىزمىتىدە ئالدىدا ماڭىمىز؛ ئىككىنچىدىن، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ، تۈر قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتىمىز، شەھىرىمىزدىكى ھەرقايسى رايون، ناھىيەلەر، تارماقلار ۋە دۆلەت ئىلكىدىكى كارخانىلارنى كەسىپ جەھەتتە شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە پائال سەپەرۋەر قىلىپ، كەسىپكە مەبلەغ سېلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، سىجىل تەرەققىيات ئىقتىدارىنى ئاشۇرىمىز؛ ئۈچىنچىدىن، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ ۋە ياخشىلاپ، «بىر ئادەمنىڭ بىرمو مېۋىلىك بېغى، بىر ئائىلىنىڭ بىر پارنىكى بولۇش، بىر ئائىلىدىن بىر ئادەمنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» نىشانى بويىچە، ئامما ھەل قىلىشقا جىددىي ئېھتىياجلىق قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ ھەر مىللەت ئاممىسىنى نەپكە ئېرىشتۈرىمىز؛ تۆتىنچىدىن، سەۋىيەنى ئۆستۈرۈپ، «ئولتۇراق شارائىتىنى ياخشىلاش، خەلقنى بېيىتىش قۇرۇلۇشى» نى چىڭ تۇتۇپ، مۇستەھكەم، چىداملىق بۇلۇش، قۇرۇلمىسى مۇۋاپىق بولۇش، قولايلىق، مۇھىتى گۈزەل بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرىمىز؛ بەشىنچىدىن، ئۈچ ناھىيەنىڭ ناھىيە بازىرىنى پىلانلىشىغا ياردەملىشىمىز، ئالدى بىلەن چىرا ناھىيەسىنى نۇقتىدا سىناق قىلىپ، شەھەر رايونىنى پىلانلاش، قۇرۇش، باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىمىز؛ ئالتىنچىدىن، خوتەن ۋىلايىتى ئوتتۇرىغا قويغان ئالاقىدار تەكلىپلەرنى ئەستايىدىل تەتقىق قىلىمىز ۋە بىر - بىرلەپ ئەمەلىيلەشتۈرىمىز؛ يەتتىنچىدىن، ئومۇميۈزلۈك ياردەم بېرىش خىزمىتىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، كادىرلار، ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، مائارىپ، پەن - تېخنىكا، سەھىيە ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرىمىز، قاتتىق دېتال قۇرۇلۇشى بىلەن يۇمشاق دېتال قۇرۇلۇشىنى بىرلەشتۈرىمىز؛ سەككىزىنچىدىن، خىزمەت لايىھەسىنى، باسقۇچلۇق، يىللىق پىلاننى تۈزۈپ چىقىپ، قەرەللىك ھالدا ماسلاشتۇرۇش، ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنى ئېچىپ، مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا تەتقىق قىلىپ، ھەل قىلىپ، ئاساسنى پۇختىلاپ، بالدۇرراق ئۈنۈم ھاسىل قىلىمىز؛ توققۇزىنچىدىن، مەبلەغنى ياخشى باشقۇرۇپ، چەكلىك مەبلەغنى جايىغا ئىشلىتىپ، بازار مېخانىزمىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، مەبلەغدىن پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرىمىز؛ ئونىنچىدىن، ماسلاشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ياردەم بېرىش ئارقىلىق ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەمكارلىق ئارقىلىق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەمكارلىشىش ساھەسىنى كېڭەيتىپ، ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشتا ئۇزۇن مۇددەت ئۈنۈم بېرىدىغان مېخانىزم بەرپا قىلىپ، خوتەن خەلقى رازى بولغۇدەك جاۋاب قايتۇرىمىز. جاڭ چۈنشيەن ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ۋە شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىگە ۋاكالىتەن، تيەنجىن شەھىرىنىڭ كۆپ يىللاردىن بۇيان ئاپتونوم رايونىمىزنى زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقى ۋە بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان ۋىلايىتىمىزگە ياردەم بېرىش خىزمىتىدە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: تيەنجىن شەھەرلىك پارتكوم، شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى يېڭى بىر نۆۋەتلىك ساھەلەربويىچە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئىلمىي پىلانلاشنى يېتەكچى، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى مۇھىم نۇقتا، كەسپ جەھەتتە ياردەم بېرىشنى باشلامچى قىلىپ، باشلىنىش نۇقتىسى، ئۆلچىمى، ئۈنۈمى يۇقىرى بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، خىزمەتلەرنى ئىجادىي يۇسۇندا قانات يايدۇرۇپ، ياردەم بىرىدىغان تۈرلەردە بالدۇرراق ئىش باشلاش، بالدۇر ئۈنۈم ھاسىل قىلىش، بالدۇر نەپكە ئېرىشتۈرۈش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ياردەمگە ئېرىشىدىغان ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلاپ، يەرلىكنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى. جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: بىز تيەنجىن شەھىرى بىلەن زىچ ھەمكارلىشىپ، بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈپ، ساھەلەر بويىچە ياردەم بېرىش خىزمىتىدە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرىمىز. خەلق تۇرمۇشىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، «ئولتۇراق شارائىتىنى ياخشىلاپ، خەلقنى بېيىتىش قۇرۇلۇشى»، «چارۋىچىلارنى ئولتۇراقلاشتۇرۇپ، چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈش قۇرۇلۇشى» ۋە كاپالەت خاراكتېرلىك ئولتۇراق ئۆي قۇرۇلۇشى قاتارلىق چوڭ - چوڭ خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇپ، كەسپىي جەھەتتە تەربىيەلەش ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش ماھارىتى بويىچە تەربىيەلەشنى داۋاملىق قانات يايدۇرۇپ، ئەمگەكچىلەرنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ، شەھەر - بازارلاردىكى ئىش كۈتۈپ تۇرغان خادىملار ۋە يېزىلاردىكى ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرىمىز. كەسىپ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كەسىپنى يۆتكەش بىلەن ئۈستۈنلۈككە ئىگە كەسىپ، ئۆزگىچە كەسپنى بىرلەشتۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ كارخانىلارنى ئاپتونوم رايونىمىزغا مەبلەغ سېلىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، كۆپ خىل ھەمكارلىقنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئاممىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىغا ياردەم بېرىمىز. ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەشنى تېزلىتىپ، كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق ياردەمگە ئېرىشىدىغان جايغا مائارىپ، سەھىيە، پەن - تېخنىكا، پارتىيە - ھۆكۈمەت خىزمىتى ئىختىساس ئىگىلىرىنى تەربىيەلەپ بېرىپ، كادىر، ئىختىساسلىق خادىم كەمچىل بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىمىز. ئاپتونوم رايون ۋە خوتەن ۋىلايىتى ماسلاشتۇرۇش، مۇلازىمەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، تۈرنى تەكشۈرۈپ، تەستىقلاشنى تېزلىتىپ، ئېتىبارلىق سىياسەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۈرۈشلەشتۈرۈش مەبلىغىنى نەقلەشتۈرۈپ، ئازادە مەبلەغ سېلىش مۇھىتى، قانۇن - تۈزۈم مۇھىتى، ئىجتىمائىي مۇھىت يارىتىپ، ساھەلەر بويىچە ياردەم بېرىش تۈرلىرىدە كۆلەم شەكىللەندۈرۈپ، بالدۇرراق ئۈنۈم ھاسىل قىلىپ، خوتەن خەلقىگە نەپ يەتكۈزۈشى لازىم. خۇاڭ شىڭگو مۇنداق دېدى: شەھىرىمىز ساھەلەر بويىچە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ياردەمگە ئېرىشىدىغان جايدىكى ئاممىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش ۋە خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ئادەمنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پۇقرالارنىڭ كىرىمىنى كۆپەيتتۇق؛ ئولتۇراقلاشتۇرۇشنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، ئاممىنىڭ ئولتۇراق شارائىتىنى ياخشىلىدۇق؛ شۇ جاينىڭ شارائىتىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، باغۋەنچىلىك، كۆكتاتچىلىقنى راۋاجلاندۇردۇق؛ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىپ، ئۆزگىچە، ئەۋزەل كەسىپنى تەرەققىي قىلدۇردۇق؛ خەلق تۇرمۇشىنى ئاساس قىلىپ، بارلىق چارە - ئاماللار ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىش دائىرىسىنى كېڭەيتتۇق؛ مائارىپنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەپ، ساھەلەر بويىچە ياردەم بېرىش خىزمىتىدە دەسلەپكى نەتىجىنى قولغا كەلتۈردۇق. خۇاڭ شىڭگو مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: كېيىنكى باسقۇچلۇق ساھەلەر بويىچە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى پۇختا ئىشلەپ، ياردەم بېرىش تۈرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شەرقتىكى ئۈچ ناھىيەدىكى ئاممىنى بالدۇرراق نەپكە ئېرىشتۈرۈش؛ خەلقنىڭ تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلاشنى تېزلىتىپ، «ئولتۇراق شارائىتىنى ياخشىلاش، خەلقنى بېيىتىش»، «چارۋىچىلارنى ئولتۇراقلاشتۇرۇپ، چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈش»، كونا ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىش، ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى، قول ھۈنەرۋەنچىلىك بۇيۇملىرىنى توقۇش تۈرلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ پەن مائارىپ ئارقىلىق ياردەم بېرىش قەدىمىنى تېزلىتىپ، «قان بىرىش بىلەن قان ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش» نى بىرلەشتۈرۈپ، تەربىيەلەش ۋە داۋالاش جەھەتتە ياردەم بېرىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئۈچ ناھىيەنىڭ كەسىپ دەرىجىسى ۋە ئۆز - ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش؛ خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەبلەغنىڭ تولۇق ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىپ، ھۆكۈمەت، كارخانا، ئىجتىمائىي تەشكىلات ۋە شەخسلەر ساھەلەر بويىچە ياردەم بېرىشكە قاتنىشىدىغان ئەندىزە شەكىللەندۈرۈش لازىم. ياردەمگە كەلگەن كادىرلار جان تىكىپ ئىشلەش، تۆھپە قوشۇش روھى ۋە راستچىل، ئەمەلىيەتچىل بولۇشتەك خىزمەت ئىستىلىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، ساھەلەر بويىچە ياردەم بېرىش ۋەزىپىسىنى يۇقىرى سەۋىيە بىلەن ئورۇنداپ، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشى لازىم. ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى يەن فېنشىن ۋىلايىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى. ئۇ مۇنداق دېدى: شۇجى جاڭ گاۋلى باشچىلىقىدىكى تيەنجىن شەھىرىنىڭ پارتىيە - ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى شۇجى جاڭ چۈنشيەننىڭ ھەمراھلىقىدا، ۋىلايىتىمىزدە خىزمەتلەرنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. بۇ، تيەنجىن شەھەرلىك پارتكوم، شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىىڭ ۋىلايىتىمىزگە ساھەلەر بويىچە ياردەم بېرىش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ، بىز پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى، تيەنجىن شەھىرىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى ئارقىسىدا، تېخىمۇ قەتئىي ئىشەنچ ۋە ئىرادە بىلەن خىزمەتلەرنى پۇختا ئىشلەپ، ۋىلايىتىمىزنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرىمىز. ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، تيەنجىن شەھىرىنىڭ ساھەلەر بويىچە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خوتەن ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ باش قوماندانى جاڭ جيەنگو تيەنجىن شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا ساھەلەر بويىچە ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى دوكلات قىلدى. 4- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، تيەنجىن شەھىرىنىڭ پارتىيە - ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى ياردەمگە كەلگەن كادىرلار ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەتلەشتى. جاڭ گاۋلى تيەنجىن شەھەرلىك پارتكوم، شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ۋە شەھەر خەلقىگە ۋاكالىتەن ياردەمگە كەلگەن كادىرلارغا رەھمەت ئېيتتى. ئۇلاردىن ھال سورىدى ۋە ئۇلارغا ئالىي ئېھتىرام بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: ساھەلەر بويىچە ياردەم بېرىش خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەرگە ياردەمگە كەلگەن كادىرلارنىڭ يۈرەك قېنى سىڭگەن. مەركەزنىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ مىللەت، دىن سىياسىتىنى باشلامچىلىق بىلەن ئىجرا قىلىپ، راستچىل، ئەمەلىيەتچىل بولۇش روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، خىزمەتلەرنى ئىجادىي يۇسۇندا قانات يايدۇرۇپ، ئەلا نەتىجە يارىتىش؛ ئومۇمىيلىققا، ئىتتىپاقلىققا ئەھمىيەت بېرىپ، ئۆز ئارا ياردەم بېرىپ، ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇش، ياردەمگە كەلگەن كادىرلارنىڭ ياخشى ئوبرازىنى تۇرغۇزۇش؛ ياردەمگە كەلگەن كادىرلارغا كۆڭۈل بۆلۈپ ۋە ئۇلارنىڭ ئەمەلىي قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ بېرىپ، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قۇشۇش لازىم. سۆھبەت يىغىنىدا ئىككى جاي رەھبەرلىرى «سۆھبەت خاتىرىسى» ئىمزالىدى. سۆھبەت يىغىنىغا ۋىلايىتىمىزدىكى تۆت بەنزە رەھبەرلىرى ۋە چىرا، كېرىيە، نىيە ناھىيەلىرىنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى قاتناشتى.