باش بەت قىلىش يىغىپ ساقلاش  بۈگۈن: 
ئىش بىجىرىش
办事指南
政民互动
مەمۇرىيەتنى ئاشكارىلاش
政务公开
خوتەننىڭ ئومۇمى ئەھۋالى
和田概况
رەھبەرلەر
领导专栏
باش بەت
首页
سىزنىڭ ئورنىڭىز: خەۋەرلەر > رەسىملىك خەۋەر

ئەركىنجان  تۇراخۇن  ۋىلايىتىمىزنىڭ  مائارىپ  خىزمىتىنى  تەكشۈرۈپ  تەتقىق  قىلدى  

:ۋاقىت:2011-10-24   ماقالىنىڭ كىلىش مەنبەسى


    ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ دائىمىي ئەزاسى ئەركىنجان تۇراخۇن باشچىلىقىدىكى ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ ئالاقىدار رەھبەرلىرى 10 - ئاينىڭ 15 - كۈنىدىن 16 - كۈنىگىچە ۋىلايىتىمىزنىڭ مائارىپ خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.
  ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ ۋالىيسى جۈرئەت ئىمىن، ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ۋاڭ چاڭلىن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا بىللە بولدى.
  تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسىدىكىلەر قاراقاش ناھىيە كاۋاك يېزىسىنىڭ بوستان باشلانغۇچ مەكتىپى ۋە يېڭىيەر يېزىسىنىڭ قاراباغ باشلانغۇچ مەكتىپىدە ئوقۇتۇش ئەھۋالىنى تەكشۈردى. ئەركىنجان تۇراخۇن ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى مەكتەپ مۇدىرى، ئوقۇتقۇچىلار ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەتلىشىپ، «قوش تىل» ئوقۇتۇشى، «قوش تىل» مەكتەپلىرىنىڭ قۇرۇلۇش ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى.
  كۆپ يىل تىرىشىش ئارقىلىق ۋىلايىتىمىزنىڭ «قوش تىل» ئوقۇتۇش كۆلىمى تەدرىجىي كېڭىيىپ، ئوقۇتۇش شارائىتى كۆرۈنەرلىك ياخشىلىنىپ، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى ئۈزلۈكسىز زورىيىپ، «قوش تىل» ئوقۇتۇش سىستېمىسى تەدرىجىي شەكىللەندى. ئەركىنجان تۇراخۇن مۇنداق دېدى: مائارىپ ئەڭ چوڭ خەلق تۇرمۇشى ھېسابلىنىدۇ. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم - ھۆكۈمەتلەر ۋە مائارىپ مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرى سىياسەتتىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئوقۇتۇش شارائىتىنى ياخشىلاش بىلەن بىر ۋاقىتتا، «قوش تىل» ئوقۇتۇشىدا ئېلېكترلەشكەن مائارىپ ئەسلىھەلىرىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، مائارىپ بايلىقىنى ئىسراپ قىلماي، «قوش تىل» مائارىپىنىڭ تەرەققىياتىنى مۇۋاپىق پىلانلىشى؛ ئوقۇتۇش سۈپىتىنى چىڭ تۇتۇپ، مەكتەپنىڭ مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىغا ئەھمىيەت بېرىشى؛ ھەر دەرىجىلىك مەكتەپلەر مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش، جەمئىيەت ئامانلىقىنى قوغداش، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى تېزلىتىش قاتارلىق جەھەتلەردە پائال تىرىشىشى لازىم.



ئەتلەس
ئۇزۇن ئۆمۇر چول…
           
باشقۇرغۇچى ئورۇن: شىنجاڭ خوتەن ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمە؛ ئۈستىگە ئالغۇچى ئورۇن: شىنجاڭ خوتەن ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمە ئىشخانىسى
شىنجاڭ خوتەن ۋىلايەتلىك ئېلېكترونلۇق مەمۇرىيەت ئىشخانىسى قۇرىدۇ ۋە قوغدايدۇ
پوچتا نومۇرى:848000  تېلغۇن نومۇر:0903-2038261 2032645  ئادرىسى: شىنجاڭ خوتەن شەھەر تانار شىمالى يولى 3-نومۇر