باش بەت قىلىش يىغىپ ساقلاش  بۈگۈن: 
ئىش بىجىرىش
办事指南
政民互动
مەمۇرىيەتنى ئاشكارىلاش
政务公开
خوتەننىڭ ئومۇمى ئەھۋالى
和田概况
رەھبەرلەر
领导专栏
باش بەت
首页
سىزنىڭ ئورنىڭىز: خەۋەرلەر > خوتەن خەۋەرلىرى

تارىم  نېفىتلىكى  خوتەن  ۋىلايىتىگە  100  مىليون  يۈەن  ياردەم  قىلدى  

:ۋاقىت:2012-01-21   ماقالىنىڭ كىلىش مەنبەسى


   «شىنجاڭ گېزىتى» خەۋىرى. مۇخبىر يېقىندا لوپ ناھىيەسىنىڭ چارىباغ يېزا كوچائېرىق كەنتىدىكى سۇ قۇدۇقىدىن بۇلدۇقلاپ سۇ چىقىۋاتقانلىقىنى كۆردى، كەنت ئاھالىلىرى خۇشال ھالدا: ئەمدى بىز پاكىز سۇ ئىچىشتىن ئەندىشە قىلمايدىغان بولدۇق، دېيىشتى. ئىگىلىنىشىچە، يولغا قويۇلغان ساھەلەر بويىچە ياردەم بېرىش تۈرى ئىچىدە تارىم نېفىتلىكى خوتەن ۋىلايىتىگە سالغان مەبلەغ، ماددىي بۇيۇم 100 مىليون يۈەندىن ئاشقان.
  تارىم نېفىتلىكى 2009 - يىلدىن باشلاپ ھەر يىلى 2 مىليون يۈەن مەبلەغ چىقىرىپ، ئۈچ يىلدا قاراقاش، لوپ ناھىيەلىرىدىكى 20 دىن ئارتۇق كەنتكە 30 سۇ قۇدۇقى كولاپ بېرىپ، شۇ جايدىكى 30 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم، 30 مىڭ موغا يېقىن يەرنىڭ بىخەتەر سۇ ئىشلىتىش ۋە سۇغىرىش مەسىلىسىنى ھەل قىلدى. بۇنىڭ ئىچىدە، لوپ ناھىيەلىك پاكىز سۇ بىلەن تەمىنلەش، پاسكىنا سۇنى چىقىرىۋېتىش شىركىتىگە كولاپ بەرگەن قۇدۇق ناھىيەدىكى 28 مىڭ ئادەمنىڭ سۇ ئىچىشى قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلدى. ئۇلار يەنە نېفىتلىك بىلەن يەرلىك تەڭ پايدىلىنىدىغان 1500 كلومېتىردىن ئارتۇق قۇملۇق تاشيولى، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى بەش ۋىلايەت، ئوبلاست، ناھىيە - شەھەرگە تەبىئىي گاز يەتكۈزۈشنى ئاساس قىلغان بىر تۈركۈم ئاساس خاراكتېرلىك قۇرۇلۇشلارنى قىلدى، لوپ، قاراقاش ناھىيەلىرىگە ساھەلەر بويىچە ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ئۈستىگە ئالدى. نامراتلارنى يۆلەش تۈرى مەدەنىيەت، مائارىپ، داۋالاش، سەھىيە، يېزا ئىگىلىكى، ئاپەتكە قارشى تۇرۇپ، خەتەردىن قۇتقۇزۇش، يول قاتنىشى قاتارلىق ئەل رايى قۇرۇلۇشلىرىغا چېتىلىدۇ. تارىم نېفىتلىكى قاراقاش ناھىيەسىگە ياردەم بېرىش سالمىقىنى زورايتىپ، 500 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ، بوستانكۆل ئېچىش رايونىدا كۆلىمى 32 مىڭ مو كېلىدىغان ئېكىئولوگىيە ئورمىنى بەرپا قىلىپ، 4 مىليون 130 مىڭ تۈپ چىلان، ياڭاق، تېرەك، جىگدە ئۆستۈردى، كۆچەتلەرنىڭ تۇتۇش نىسبىتى%80 تىن يۇقىرى بولدى.
  تارىم نېفىتلىكى 2011 - يىلى جەمئىي 4 مىليون 300 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ، بۇنى قاراقاش ناھىيەسىنىڭ قوچى يېزىسى باخشىلا كەنتىدىكى گىلەم كارخانىسى، لوپ ناھىيەسىنىڭ چارىباغ يېزىسىدىكى سودا يايمىسى قاتارلىق بىر تۈركۈم ساھەلەر بويىچە نامراتلارنى يۆلەش روناق تاپقۇزۇش قۇرۇلۇش تۈرىگە ئىشلەتتى؛ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى بەش ۋىلايەت، ئوبلاستقا 5 مىليون يۈەن ئىئانە قىلىپ، شۇ جاينىڭ ئاساس مائارىپىنىڭ تەرەققىياتىنى زور كۈچ بىلەن قوللىدى.



ئەتلەس
ئۇزۇن ئۆمۇر چول…
           
باشقۇرغۇچى ئورۇن: شىنجاڭ خوتەن ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمە؛ ئۈستىگە ئالغۇچى ئورۇن: شىنجاڭ خوتەن ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمە ئىشخانىسى
شىنجاڭ خوتەن ۋىلايەتلىك ئېلېكترونلۇق مەمۇرىيەت ئىشخانىسى قۇرىدۇ ۋە قوغدايدۇ
پوچتا نومۇرى:848000  تېلغۇن نومۇر:0903-2038261 2032645  ئادرىسى: شىنجاڭ خوتەن شەھەر تانار شىمالى يولى 3-نومۇر