خوتەن گېزىتىنىڭ «ئاۋام ھەپتىلىكى» سانى ئاساسىي قاتلامدىكىلەرنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى
:ۋاقىت:2012-01-21 ماقالىنىڭ كىلىش مەنبەسى
1-ئاينىڭ 11-كۈنى گۇما ناھىيە گۇما بازىرىنىڭ ئوتتۇراقاش كەنت قىرائەتخانىسىدا «10 ئائىلە باشلىقى» نۇرەخمەت مامۇت ئەتراپىدىكى دېھقانلارغا «خوتەن گېزىتى»نىڭ يېقىندا بېسىلغان «ئاۋام ھەپتىلىكى» سانىنى ئوقۇپ بەردى. دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى بېيىتىش ئۈچۈن، ۋىلايەتلىك پارتكوم، مەمۇرىي مەھكىمە، ۋىلايەتلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى بۇلتۇر 9-ئايدا «ئاۋام ھەپتىلىكى» سانى چىقىرىشنى قارار قىلدى. «خوتەن گېزىتى» ئىدارىسى بۇنىڭغا ئاساسەن، ئامما كۆڭۈل بۆلىدىغان ۋە ياقتۇرۇپ كۆرىدىغان ستونلارنى تەسىس قىلىپ، ھەر ھەپتىدە بىر سان چىقىرىپ، بىر ساننى 40 مىڭ پارچە بېسىپ، مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ ماسلىشىشى بىلەن دېھقان - چارۋىچىلارغا ھەقسىز تارقاتتى. بۇ، ۋىلايىتىمىز قانات يايدۇرغان «يېزا، كەنتلەردە مەدەنىيەت مەھسۇلاتى ئارقىلىق خەلقنى نەپكە ئېرىشتۈرۈش پائالىيىتى» نىڭ بىر مەزمۇنى. دېھقان ئەسقەر روزىمەمەت مۇنداق دېدى: «ئاۋام ھەپتىلىكى» سانىدا ئەتراپىمىزدا يۈز بەرگەن ئىشلار، سىياسەت ۋە تۇرمۇشىمىزغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلار خەۋەر قىلىنغان بولۇپ، قىزىقىپ ئوقۇپ كېلىۋاتىمىز. نۇرەخمەت مامۇت مۇنداق دېدى: كەنتىمىزگە «ئاۋام ھەپتىلىكى» گېزىتىدىن 22 سان تەقسىم قىلىنىدىغان بولۇپ، ئون ئائىلە باشلىقىغا بىردىن بېرىدۇ. ئۇلار ھەر ھەپتىدە گېزىتنى كەنت ئاھالىلىرىگە ئوقۇپ بېرىدۇ. كەنت ئاھالىلىرىگە گېزىت ئوقۇپ بېرىش ئارقىلىق ئۇلار بىز بىلەن بولغان ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىدىيەۋى ئەھۋالىنى ۋاقتىدا ئىگىلەپلا قالماستىن، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ پارتىيەنىڭ فاڭجېن - سىياسەتلىرىنى ۋاقتىدا ئىگىلىشىگە، قانۇن - قائىدە نىزاملارنى بىلىشىگە ياردەم بەردى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ۋىلايىتىمىز ئامما ياقتۇرۇپ كۆرىدىغان «يۈز كۈنلۈك مەيدان مەدەنىيىتى پائالىيىتى مۇسابىقىسى»، «يېزا، كەنىتلەردىكى يۈز كۈنلۈك زېھىن سىناش مۇسابىقىسى» ۋە مەدەنىيەتنى يېزىلارغا يەتكۈزۈش قاتارلىق ئاممىۋى تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇپ، مەدەنىيەت پائالىيىتى تور قۇرۇلۇشىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، «ھەممە كەنتكە يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى»، «شەرق شامىلى قۇرۇلۇشى» نىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، يېزىلاردىكى مەدەنىيەت پائالىيىتى مەركىزى ۋە كەنتلەردىكى «دېھقانلار كۇتۇپخانىسى» نى دېھقان - چارۋىچىلار ياقتۇرىدىغان جايغا ئايلاندۇردى. ھەرخىل پائالىيەتلەر ئارقىلىق دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت ئېھتىياجىنى قاندۇردى.