ۋىلايىتىمىز ئاپتونوم رايوننىڭ نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتىنى نىشانلىق باشقۇرۇش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالىنى باھالاشتا 1 - دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى
:ۋاقىت:2012-01-21 ماقالىنىڭ كىلىش مەنبەسى
مۇخبىرنىڭ 1 - ئاينىڭ 8 - كۈنى ئاپتونوم رايون ئاچقان نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتى تېلېۋىزىيەلىك تېلېفون يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، ۋىلايىتىمىز ئاپتونوم رايوننىڭ نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتىنى نىشانلىق باشقۇرۇش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالىنى باھالاشتا 1 - دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، گۇما، كېرىيە ناھىيەلىرى ئاپتونوم رايون بويىچە «نىكاھ، تۇغۇت يېڭى ئىستىلىنى ھەممە ئائىلىلەرگە كىرگۈزۈش» تىكى ئۈلگىلىك ناھىيە، دېگەن نامغا ئېرىشكەن. 2011 - يىلى ۋىلايىتىمىز پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتىدە مۇكاپاتلاش، يۆلەش سىياسىتىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈردى، ۋىلايەتلىك پارتكوم، مەمۇرىي مەھكىمە ناھىيە - شەھەرلەر كىنىشكا ئېلىش نىسبىتىنى 1 پوئېنت ئۆستۈرسە 10 مىڭ يۈەن بىلەن مۇكاپاتلاش ئۆلچىمى بويىچە، ناھىيە - شەھەرلەرگە يېزا پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتىدە ئالاھىدە مۇكاپاتلاش سىياسىتى ئارقىلىق مۇكاپاتلاش ئۈچۈن 132 مىڭ يۈەن نەقلەشتۈرۈپ بېرىپ، ئاساسىي قاتلامدىكى خىزمەتچى خادىملارنىڭ خىزمەت ئاكتىپلىقىنى قوزغىدى. ۋىلايەت، ناھىيە مالىيەسى ئاجرىتىپ بەرگەن راسخوت 70 مىليون 837 مىڭ 300 يۈەنگە يېتىپ، 2010 - يىلىدىكىدىن 13 مىليون 180 مىڭ 700 يۈەن كۆپەيدى. يېزا - بازار مالىيەسىدىن يۆتكەپ چىقىم قىلىپ بېرىدىغان %15 مەبلەغنى پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتىگە ئىشلەتتى. ناھىيە - شەھەرلەر 1500 نەپەر تەشۋىقات خادىمىغا ئايدا 50 يۈەندىن 80 يۈەنگىچە نەتىجە - ئۈنۈم مۇكاپاتى تارقاتتى، مالىيەنىڭ بۇنىڭغا ئىشلىتىدىغان مەبلىغى 960 مىڭ يۈەنگە يەتتى. 2011 - يىلى 9 - ئاينىڭ 30 - كۈنىگىچە، ۋىلايىتىمىزدە پىلانلىق تۇغۇتتا «ئىككى كىنىشكا» ئالغان ئائىلە 119 مىڭ 352 گە، بۇنىڭ ئىچىدە دېھقان- چارۋىچى ئائىلىسى 99 مىڭ 511 گە، دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ «ئىككى كىنىشكا» ئېلىش نىسبىتى %29.21 كە يېتىپ، ئالدىنقى يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %3.16 كۆپەيدى. نوپۇسنىڭ تەبىئىي كۆپىيىش نىسبىتى ‰17.16 بولدى.