|
ۋاڭ سې («نۇرلۇق گېزىتى» نىڭ مۇخبىرى) مەغپىرەت ئوسمان تەرجىمىسى
مىجىت باقىنىڭ ئالەمدىن ئۆتكەنلىك خەۋىرىنى ئاڭلاپ، ئىختىيارسىز ھالدا ئۆز - ئۆزۈمگە: «مىجىت باقىغا نېمە بولغاندۇ؟»، دەپ سالدىم. ھەتتا بۇ خەۋەرنىڭ راستلىقىدىن گۇمانلاندىم. ئۇنىڭ ھەقىقەتەن ئالەمدىن ئۆتكەنلىكىنى جەزىملەشتۈرگەندىن كېيىن بولسا كۆڭلۈم يېرىم بولۇپ، ئۇزۇنغىچە ئۈن - تىنسىز ئولتۇرۇپ كەتتىم. كومپىيۇتېرنى ئېچىشىمغا 2011 - يىلدىكى 10 چوڭ تىپىك شەخس تەسۋىرلەنگەن بەتتىكى «ئالدىراشلىق ئىچىدىكى مىجىت باقى» دېگەن ماقالە كۆزۈمگە چېلىقتى. تېخى 10 كۈننىڭ ئالدىدا ئۇنىڭ بىلەن تېلېفوندا قىلىشقان سۆزلەر قۇلاق تۈۋىمدە ياڭراشقا باشلىدى. «ۋاڭ مۇخبىر، رەھمەت سىزگە ! سىزنى ماڭا تېلېفون ئۇرىدۇ دەپ ئويلاپمۇ باقمىغانىدىم»، دېگەنىدى مىجىت باقى. مەن ئۇنىڭدىن سالامەتلىك ئەھۋالىنى سورىغاندا، ئۇ ھاياجانلانغان ھالدا: «كۆڭۈل بۆلگىنىڭىزگە رەھمەت، ھازىر سالامەتلىكىم ناھايىتى ياخشى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى بىلەن بۇ يىل شىنجاڭ تېببى ئۇنىۋېرسىتېتى قارمىقىدىكى دوختۇرخانىدا ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرتۈپ داۋالاندىم، ھازىر ناھايىتى ياخشى تۇرىۋاتىمەن»، دەپ مېنى خاتىرجەم قىلغانىدى. بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ كۆڭلۈم ئىنتايىن سۆيۈنگەن ھەم ماقالەمنىڭ بېشىغىلا: «تېلېفوندا مىجىت باقىنىڭ كۈلكە ئاۋازىنى ئاڭلاپ، قەلبىمنى بىر خىل يېقىملىق تۇيغۇ ئەسىر قىلدى»، دەپ يازغانىدىم. مەن ئىلگىرى ئۈرۈمچىدىن شىنجاڭنىڭ ئەڭ چېتىغا جايلاشقان خوتەنگە كېلىپ مىجىت باقى بىلەن بىللە يېزىلارغا بارغان؛ ئۇنىڭ پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسى توغرىسىدا سۆزلىگەن دوكلاتىنى ئاڭلىغان؛ مىجىت باقىنىڭ دېھقانلار بىلەن بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئىجىل - ئىناق ئۆتىدىغانلىقىنى كۆرگەن؛ ئۇنىڭ قىزىدىن ئۆزىنىڭ سەنئەت مەكتەپتە ئوقۇش پۇرسىتىنى دادىسىنىڭ قانداق قىلىپ باشقىلارغا ئۆتۈنۈپ بەرگەنلىكى توغرىسىدىكى ھېكايىلەرنى ئاڭلىغانىدىم. راستىنى ئېيتسام مۇخبىرلىق ساھەسىگە قەدەم قويغان نۇرغۇن يىللاردىن بۇيان سانسىزلىغان كىشىلەرنى زىيارەت قىلدىم، نۇرغۇن كىشىلەر بىلەن دوست بولدۇم. لېكىن نېمىشقىكىن، مىجىت باقىنى زىيارەت قىلساملا مەندە ھىچقانداق قورۇنۇش بولمايتتى، ئۆزۈمنى ئۇنىڭ بىلەن بۇرۇندىنلا تونۇشۇدىغاندەك ھېس قىلاتتىم. بەلكىم ئۇنىڭ چىقىشقاق مىجەزى مەندە شۇنداق يېقىملىق تەسىرات پەيدا قىلغان بولسا كېرەك. 2 - قېتىم مىجىت باقىنى ئۈرۈمچىدە ئۇچراتتىم. ئۇ چاغدا نۇرغۇن ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ مۇخبىرلىرى ئۇنى ئورىۋېلىپ زىيارەت قىلىۋاتقانىكەن. ئالدىراشلا كۆرۈشۈپ بىر نەچچە ئېغىز پاراڭلىشىشقا ئۈلگۈرمەيلا خوشلاشتۇق، لېكىن كۆڭلۈمدە ئۇنى دائىم ئەسلەپ تۇردۇم. شۇنداق ئېنىق ئېسىمدە تۇرۇپتۇ، پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 90 يىللىقىنى تەبرىكلەش، مۇنەۋۋەر كومپارتىيە ئەزالىرىنى تەقدىرلەش يىغىنىدا ئۇ مۇنەۋۋەر كومپارتىيە ئەزالىرىغا ۋاكالىتەن سۆز قىلدى. يىغىندىن كېيىن ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشكىلى بارغىنىمدا، ئۇ ناھايىتى خۇشال ھالدا ماڭا تەقدىرنامىسىنى كۆرسەتكەنىدى. بىز بىردەم پاراڭلاشتۇق، ئۇ ماڭا: «ھازىر ئىشىم كۆپ بولسىمۇ يۇرتداشلارغا لېكسىيە سۆزلەيدىغان ئىشنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالمايمەن، خاتىرجەم بولۇڭ، مەن يەنىلا ئىلگىرىكى مەن» دېگەنىدى. كېيىن مىجىت باقى بېيجىڭدا مەملىكەتلىك 3 - نۆۋەتلىك ئەخلاق ئۈلگىلىرىنى باھالاش پائالىيىتىگە قاتنىشىپ، شەرەپ بىلەن ئىسمىنى ئاتاش مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. ئۇ ئۈرۈمچىگە قايتىپ كېلىپلا ماڭا تېلېفون ئۇرۇپ، بۇ خۇشخەۋەرنى يەتكۈزدى. ئۇ تېلېفوندا ناھايىتى شوخلۇق بىلەن: «ۋاڭ مۇخبىر، مېنىڭ يەنە قانداق شەرەپكە ئېرىشكەنلىكىمنى بىلەمسىز؟» دەپ سورىدى. مەن قەستەن ئۇقمىغان بولىۋالدىم. ئۇ ماڭا: «مەملىكەت بويىچە ئەخلاق ئۈلگىلىرىنىڭ ئىسمىنى ئاتاش مۇكاپاتىغا ئېرىشتىم، مەن «نۇرلۇق گېزىتى» گە رەھمەت ئېيتىمەن، سىلەر تەشۋىق قىلمىغان بولساڭلار، مەن بۈگۈنكىدەك شەرەپكە ئېرىشەلمىگەن بولاتتىم» دېدى. شۇ دەقىقىدە مەن ئۇنىڭ يۈرىكىنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدىن چىققان سەمىمىيلىك ۋە راستچىللىقنى ھېس قىلدىم ھەم ئۇنىڭ بىلەن بۇنداق ياخشى ئۆتەلىشىمنىڭ ئۇنىڭ ئوچۇق - يورۇق، سەمىمىي مىجەز خاراكتېرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ يەتتىم. ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغان چاغلارنى ئەسلىسەم، ئۇنى ئۈچ قېتىم زىيارەت قىلغاندا، سىرتلارغا بىللە چىققاندىن باشقا ۋاقىتلاردا ئالدىراشلا كۆرۈشۈپ تەپسىلى ئەھۋاللاشقىدەك پۇرسەت بولماپتۇ. ئەمما دائىم دېگۈدەك تېلېفوندا كۆرۈشۈپ تۇردۇق. مەن ئۇنىڭغا يىل ئاخىرىدا ئۇنى يەنە بىر قېتىم تەشۋىق قىلماقچى ئىكەنلىكىمىزنى ئېيتقاندا، ئۇ خۇشال ھالدا: «بېيجىڭغا بېرىپ جۇڭگۇ ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىپ قايتىپ كەلگەندىن بۇيان، خوتەن ۋىلايەتلىك ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ ئەزالىرىغا يىغىن روھىنى يەتكۈزۈش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتىم، قىش كىرگەندىن بۇيان يېزا - بازارغا بېرىپ يۇرتداشلارغا لېكسىيە سۆزلەيدىغان پۇرسەتمۇ ئىلگىرىكىدىن ئازلاپ قالدى، لېكىن ۋىلايەتكە بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلارغا لېكسىيە سۆزلەشنى توختۇتۇپ قويمىدىم» دېدى. ئۇ يەنە: «مەن ‹گۈللىنىۋاتقان خوتەن› ناملىق سۈرەت بىلەن ماقالە كىرىشتۈرۈلگەن بىر پارچە لېكسىيە دەرىسلىك كىتابى تۈزدۈم، كىتابنىڭ بىرىنچى قىسمى نەشىردىن چىقىپ، 40 مىڭ پارچىسى ئاممىغا ھەقسىز تارقىتىپ بېرىلدى، ھازىر ئىككىنچى قىسمىنى تەييارلاۋاتىمەن، ئۇنىڭدا ئاساسلىقى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دېھقان - چارۋىچىلار ئۈچۈن تۈزگەن ئېتىبارلىق سىياسەتلىرى تەشۋىق قىلىنىدۇ. بۇ ئوقۇشلۇق ئارقىلىق ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ غەمخورلۇقىنى ھەقىقىي ھېس قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى. خوتەن ۋىلايەتلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لياڭ جياجۈن مۇنداق دېدى: «مىجىت باقى مەملىكەتلىك 3 - نۆۋەتلىك ئەخلاق ئۈلگىلىرىنىڭ ئىسمىنى ئاتاش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەندىن بۇيان ناھايىتى ئالدىراش بولۇپ كەتتى، ئۇ ئاساسىي قاتلامغا بېرىپ لېكسىيە سۆزلەش، تۈرلۈك تەشۋىقات ئوقۇشلۇقىنى تۈزۈشكە مەسئۇل بولۇشتىن سىرت يەنە، «يېڭى قاشتېشى» ژورنىلىنىڭ نازارەتچىلىكىنىمۇ قىلىۋاتىدۇ. ئۇ بەك ئالدىراش، بىز ئۇنىڭغا ھەقىقەتەن قايىل». بۇ سۆزلەر ماڭا تېخى تۈنۈگۈنلا دېيىلگەن، بۇ ئىشلارمۇ تېخى تۈنۈگۈنلا يۈز بەرگەندەك تۇيۇلىدۇ. ئەمما بۈگۈن ئۇ بىز بىلەن مەڭگۈلۈك ۋىدالاشتى. بېشىمنى كۆتۈرۈپ ئۈرۈمچى ئاسمىنىغا قارىسام، ئۈرۈمچى ئاسمىنىمۇ قارا بۇلۇت بىلەن قاپلىنىپ خۇددى مېنىڭ كۆڭلۈمدەك ئېغىر سۈكۈتكە چۆمۈپتۇ. مەن قەلبىمنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدىن «مىجىت باقى، روھىڭىز تەسكىن تاپسۇن، ياخشى ئارام ئېلىڭ، سىز ھەقىقەتەن بەك چارچىدىڭىز» دەپ دۇئا قىلدىم.
|