باش بەت قىلىش يىغىپ ساقلاش  بۈگۈن: 
ئىش بىجىرىش
办事指南
政民互动
مەمۇرىيەتنى ئاشكارىلاش
政务公开
خوتەننىڭ ئومۇمى ئەھۋالى
和田概况
رەھبەرلەر
领导专栏
باش بەت
首页
سىزنىڭ ئورنىڭىز: ئەدەبىيات-سەنئەت > ئەدەبىيات ساھەسى

ئۆرتەندى  بۇ  يۈرەك  نادامەت  چېكىپ  

:ۋاقىت:2012-01-13   ماقالىنىڭ كىلىش مەنبەسى


  ۋاڭ جىڭچيەن
  مەغپىرەت ئوسمان تەرجىمىسى
  كەلگەندە شۇم خەۋەر تۈن نىسپىدە،
  ھەسرەتتىن يىغلىدىم، ئېزىلدى يۈرەك.
  ساداقەت بابىدىن دوستقا ئاتىغان،
  بار ئىدى قەلىبدە مىڭلارچە تىلەك.
  
  كېزەتتى ھەر زامان يېزا - قىشلاقنى،
  ئۈمىدى دېھقانغا ئۇچۇر يەتكۈزۈش.
  ئۇنىڭ ماڭغان ھەر بىر قەدەملىرىدىن،
  تەس ئەمەس گۈزەل بىر داستاننى پۈتۈش.
  
  جاپانى تارتسىمۇ ۋايسىمىدى ئۇ،
  بولغاچقا قەلبىدە ۋەتەن سۆيگۈسى.
  تىكلىدى ئابىدە ھەممە جايلاردا،
  ھەقىقەت جارچىسىنىڭ بوپ ئۈلگىسى،
  
  ئۆزىنى ئۇنتۇپ كۆپ قان - تەر ئاققۇزۇپ،
  ئۆتكەنتى ھاياتى مۇنبەرگە چىقىپ،
  كەلدى بۇ شۇم خەۋەر ماڭا قاياقتىن؟!
  ئۆرتەندى بۇ يۈرەك نادامەت چېكىپ.



ئەتلەس
ئۇزۇن ئۆمۇر چول…
           
باشقۇرغۇچى ئورۇن: شىنجاڭ خوتەن ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمە؛ ئۈستىگە ئالغۇچى ئورۇن: شىنجاڭ خوتەن ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمە ئىشخانىسى
شىنجاڭ خوتەن ۋىلايەتلىك ئېلېكترونلۇق مەمۇرىيەت ئىشخانىسى قۇرىدۇ ۋە قوغدايدۇ
پوچتا نومۇرى:848000  تېلغۇن نومۇر:0903-2038261 2032645  ئادرىسى: شىنجاڭ خوتەن شەھەر تانار شىمالى يولى 3-نومۇر