|
خوتەن قاشتېشى ۋە خوتەنلىكلەر سۇڭ يۈنجاۋ ھۆرگۈل مەمەتجان تەرجىمىسى
خوتەن قاشتېشى جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئەتىۋارلىق گۆھىرى شۇنداقلا جۇڭگونىڭ «دۆلەت تېشى». ئۇ بىر نۇرلۇق گۆھەرگە ئوخشاش جۇڭگونىڭ تارىخىي مەدەنىيىتىدە پارلاق نۇر چېچىپ تۇرىدۇ. ئېلىمىزنىڭ پاساھەتلىك سۆز - ئىبارىلەرگە باي، ئاممىباب تىل - يېزىقىدا «قاشتېشى» ئىزچىل ھالدا «گۈزەل» سۆزىنىڭ مەنىداش سۆزى قاتارىدا گۈزەللىكنى، ياخشى ئىشلارنى سۈپەتلەشتە ئىشلىتىلىپ كەلگەن. مەسىلەن: قىز - ئاياللارنىڭ گۈزەل ھۆسنىنى سۈپەتلىگەندە قاشتېشى يۈزلۈك، قاشتېشىدەك سۈزۈك، قاشتېشىدەك نۇرلۇق، قاشتېشىدەك پارقىراق دېگەندەك سۆزلەر ئىشلىتىلگەن. مال - دۇنياسىنىڭ كۆپلىكىنى ئىپادىلەشتىمۇ قاشېتىشى سۆزى ئىشلىتىلگەن. ئۇنىڭدىن باشقا، قەدىمكى زامان ئەدەبىياتى ۋە ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىدا قاشتېشى سۆزى بىلەن سۈپەتلەنگەن شەخس ۋە گۈزەل مەنزىرىلەرنى دائىم ئۇچراتقىلى بولىدۇ. خوتەن قاشتېشى پاكلىق، ساداقەت، ئەخلاق - پەزىلەت، مېھرى - شەپقەت، ھەققانىيەتكە سىمۋول قىلىنغان. جۇڭگولۇقلار قەدىمدىن تارتىپلا قاشتېشىغا ئامراق، ئۇلار قاشتېشىدىن ھوزۇرلىنىش، قاشتېشىنى تاماشا قىلىش، قاشتېشى ساقلاشقا ھېرىسمەن. قاشتېشى مەدەنىيىتى بىر خىل ئۆزگىچە مەدەنىيەتنىڭ سىمۋولى، ئۇنىڭغا ئېلىمىزنىڭ 5000 يىللىق مەدەنىيىتى مۇجەسسەملەنگەن. جۇڭگودىن چىقىدىغان قاشتاشلىرىنىڭ سەركەردىسى بولغان خوتەن قاشتېشىنىڭ نەپىسلىكىنى، سېھرىي كۈچىنى ۋە ئۇنىڭغا مۇجەسسەملەنگەن مۇقەددەس روھنى باشقا ھەر قانداق جايدىن چىقىدىغان قاشتېشى بىلەن سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ. خوتەن قاشتېشى ئۆزىنىڭ ئېسىللىكى، نەپىسلىكى بىلەن جۇڭگو مەدەنىيىتىنىڭ جەۋھىرىنى تولۇق نامايەن قىلىپ بېرەلەيدۇ، شۇڭا ئۇ «دۆلەت تېشى» دېگەن گۈزەل نام بىلەن ئاتالغان. مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، خوتەن قاشتېشى قەلىبلەرگە تەسەللىي بېرىشتىكى ئەڭ ياخشى سوۋغا. بىز تولا ئاڭلاپ، قۇلىقىمىزغا سىڭىپ كەتكەن «ئالتۇننىڭ باھاسى بار، قاشتېشى بىباھا» دېگەن سۆزدە جۇڭگولۇقلارنىڭ قاشتېشىغا بولغان چوڭقۇر مېھرى ۋە قاشتېشى مەدەنىيىتىگە بولغان ھۆرمىتى ئىپادىلەنگەن. خوتەن قاشتېشى مەدەنىيىتىنىڭ قايتا گۈللىنىشى جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتىدا ئورنىنى بېسىپ بولمايدىغان مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. خوتەن قاشتېشى خوتەن روھىنىڭ نامايەندىسى. سىز بىپايان قۇملۇق ياكى دەشتى- باياۋان چۆلدە كېتىۋاتقىنىڭىزدا، تەبىئەتنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى ھېس قىلىسىز؛ قۇملۇق ئەتراپىدىكى بوستانلىقتا كېتىۋاتقىنىڭىزدا بولسا، خوتەنلىكلەرنىڭ جاسارىتىدىن ھەيران قالىسىز. قاتار - قاتار كەتكەن تېرەكلەر، سالا - سالا ئېتىزلار، مېۋە - چېۋىلەرنىڭ خۇش ھىدى بىلەن تولغان يېشىللىق كارىدورى خوتەنلىكلەرنىڭ ناچار شارائىت ئۈستىدىن غالىپ كېلىپ، گۈزەل يۇرت - ماكان قۇرغانلىقىنىڭ جانلىق كارتىنىسى. قۇملۇقنىڭ گىرۋىكىدە ياشاۋاتقان خوتەنلىكلەرنىڭ ماددىي شارائىتى گەرچە ناچار بولسىمۇ، ئەمما ئۇلاردا كەڭ قورساقلىق، خۇشخۇيلۇق، ئۈمىدۋارلىق، ئاقكۆڭۈللۈك، دوستانىلىقتىن ئىبارەت گۈزەل خىسلەتلەر بار؛ ناخشا - ئۇسسۇلغا ھېرىسمەن بولۇشتەك مىجەز - خۇلق خوتەنلىكلەرنى ھاياتنى قىزغىن سۆيىدىغان، تۇرمۇشتا گۈزەللىكنى بايقاشقا، گۈزەللىك يارىتىشقا، گۈزەللىكتىن بەھرىمان بولۇشقا ماھىر قىلىپ يېتىلدۈرگەن. شۇڭا تۇرمۇش مەيلى قانچىلىك جاپالىق بولمىسۇن، ئۇلار تۇرمۇشنى يەنىلا شۇنچە گۈزەل، شۇنچە تاتلىق دەپ چۈشىنىدۇ. خوتەنلىكلەر ئۆزىنىڭ ئەمگەكچانلىقى ۋە ئەقىل - پاراستىگە تايىنىپ، مۆجىزە ياراتتى ۋە داۋاملىق يارىتىۋاتىدۇ. «جاپاغا ئالاھىدە چىداملىق بولۇش، ئالاھىدە تۆھپە قوشۇش، ئالاھىدە ماسلىشىش، ئالاھىدە يېڭىلىق يارىتىش»تەك خوتەن روھى ئۇلارنىڭ جىسمىدا نامايان بولغان. خوتەن بوستانلىقى خوتەنلىكلەرنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈردى، خوتەن قاشتېشى ۋە خوتەنلىكلەر خوتەن بوستانلىقىنى ئۆزگەرتتى ۋە ئۆزگەرتىۋاتىدۇ، خوتەن قاشتېشى خوتەن بوستانلىقىنى بېيىتتى ۋە بېيىتىۋاتىدۇ، بۇ ئۈچى ئاللىقاچان بىرىكىپ، بىر - بىرىدىن ئايرىۋالغىلى بولمايدىغان بىر گەۋدىگە ئايلىنىپ كەتتى، ئۇلار خوتەننىڭ ئۆتمۈشىگە ئورتاق گۇۋاھ بولدى، شۇنداقلا خوتەن تەرەققىياتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئورتاق ياراتتى. خوتەنگە كەلگەن ئادەم نەپىس خوتەن قاشتېشىدىن ھوزۇرلانمىسا، قەدىمىي سىرلىق خوتەن مەدەنىيىتىدىن بەھىرلەنمىسە، خوتەنگە بىكار كەلگەن ھېسابلىنىدۇ. ئەگەر بىر ئادەم ئۆمۈر بويى خوتەن بوستانلىقىغا كېلەلمىسە، خوتەنلىكلەرنىڭ كەڭ قورساق، خۇشخۇي، گۈزەللىكنى سۆيىدىغان خاراكتېرىنى ھېس قىلىش پۇرسىتىگە ئىگە بولالمىسا، ئۇنداقتا بۇ ئۇنىڭ ھاياتىدىكى ئەڭ ئەپسۇسلىنارلىق ئىشلارنىڭ بىرى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.
|