باش بەت قىلىش يىغىپ ساقلاش  بۈگۈن: 
ئىش بىجىرىش
办事指南
政民互动
مەمۇرىيەتنى ئاشكارىلاش
政务公开
خوتەننىڭ ئومۇمى ئەھۋالى
和田概况
رەھبەرلەر
领导专栏
باش بەت
首页
سىزنىڭ ئورنىڭىز: ساياھەتچىلىك > ئۆرپ - ئادەت

قوشنىدارچىلىق  ئادەتلىرىمىز  

:ۋاقىت:2012-01-12   ماقالىنىڭ كىلىش مەنبەسىتەڭرىتاغ  تورى


   مۇھەممەدتۇرسۇن ھەسەن

    ئادەملەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقانلىكى جايدا قوشنىدارچىلىق مۇناسىۋىتى شەكىللىنىدۇ. ئەجدادلىرىمىز ئۇزاق يىللىق تۇرمۇش ئەمەلىيىتى جەريانىدا بۇ ھەقتە ئۆزگىچە قوشنىدارچىلىق ئادەتلىرىنى شەكىللەندۈرگەن:
    بىر – بىرىگە تاماق سۇنۇش ئادىتى. قوشنىلارنىڭ ئۆز ئارا تاماق سۇنۇشۇش ئادەتلىرى ئەلمىساقتىن داۋاملىشىپ كەلگەن ئادەتلىرىمىزنىڭ بىرى. ئادىتىمىزدە يېقىن قوشنىلار مەيلى كىمنىڭ ئۆيىدە تاماق ئەتكەن ياكى ئەتمىگەن بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئۇلاردىن تىنچ – ئامانلىق سورىغاچ بىر قاچا تاماق سۇنىدۇ. قارشى تەرەپ تاماقنى ھەشقاللا ئېيتقاچ ئېلىپ، يەنە بىر قېتىم تاماق ئېتىلگەندە بىر قاچا تاماق بىلەن قاچىنى ئۆز ئىگىسىگە قايتۇرىدۇ. قاچىنى ھەرگىز قۇرۇق قايتۇرمايدۇ. بىر – بىرىگە تاماق سۇنۇش قوشنىلارنىڭ ئىناق – ئىتتىپاق ئۆتۈشىدىكى بىر خىل ئۈنۈملۈك ۋاسىتە.
    ئاغرىق يوقلاش ئادىتى. ئادەتتە، بىرەرسى ئاغرىپ يېتىپ قالسا، كۆپىنچە يېمەك – ئىچمەك، مېۋە – چېۋە ئېلىپ يوقلاش ئارقىلىق، ئاغرىقنىڭ بالدۇرراق شىپا تېپىشىنى ئۈمىد قىلىپ، ياخشى تىلەكلىرىنى ئىپادىلەيدۇ.
    يوللۇق تۇتۇش ئادىتى. خەلقىمىزدە سەپەرگە چىققان كىشىگە يوللۇق تۇتۇپ ئۇزىتىپ قويۇش ئادىتى ئومۇملاشقان بولۇپ، بۇنىڭدا قۇرۇق يەل – يېمىش ياكى نەق پۇل يوللۇق تۇتۇش ئارقىلىق سەپەرگە چىققۇچىغا بولغان ياخشى نىيەت، ياخشى كۆڭۈل، ئۇنىڭ سالامەت قايتىپ كېلىشىگە بولغان ئەزگۈ تىلەك ئىپادىلىنىدۇ.
    سوۋغات ئالغاچ كېلىش ئادىتى. سەپەر قىلغۇچى سەپەردىن قايتىپ كەلگەندە، قۇلۇم – قوشنىلار، ئۇرۇق – تۇغقانلىرىغا سوۋغات ئالغاچ كېلىشنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ. بۇ سەپەرگە چىققۇچىنىڭ سەپەردىن ئامان – ئېسەن قايتىپ كەلگەنلىكىنى، ئۇرۇق – تۇغقان، قۇلۇم – قۇشنىلار بىلەن تېزرەك كۆرۈشۈش ئارزۇسىنىڭ بارلىقىنى، ئۇلارنى سېغىنغانلىقىنى ئىپادىلەيدىغان بىر خىل كۆڭۈل ئىزھارى ھېسابلىنىدۇ.
    مۇھىم ئىشلاردا ياردەملىشىش ئادىتى. تويغا مېھمان كۆپ چاقىرىلىدىغان بولغاچقا، كۈتۈشكىمۇ كۆپ ئادەم كېتىدۇ. ئۇرۇق – تۇغقان، قۇلۇم – قۇشنىلار ئۇيۇشۇپ، مېھماننى ئورتاق كۈتۈۋالىدۇ. بۇ ئىناق – ئىتتىپاقلىقنىڭ بەلگىسى ھېسابلىنىدۇ. ئۇيغۇرلاردا مېيىت ئۇزىتىش، ئاخىرەتلىك ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش ئۇرۇق – تۇغقان، قۇلۇم – قوشنىلار ئارقىلىق بولىدۇ. ئەرلەر قازا قىلغۇچىنىڭ ئاخىرەتلىك ئىشلىرىنى قىلسا، ئاياللار ھازىدار ئائىلىگە تاماق سۇنۇش، قازا قىلغۇچىنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا تەسەللى بېرىش ئىشلىرىنى قىلىدۇ. قازا قىلغۇچىنىڭ نەزىرى بېرىلگەندىمۇ قوشنىلار ئورتاق كۈچ چىقىرىدۇ.
    قارىسىنى سۇندۇرۇش ئادىتى. قارىسىنى سۇندۇرۇش قازا قىلغانلارنىڭ ئۇرۇق – تۇغقانلىرىنىڭ قايغۇسىنى يېنىكلىتىش، ئۇلارغا تەسەللى بېرىش مەقسەت قىلىنىدۇ.
    چاي قۇيۇش ئادىتى. قۇلۇم –قوشنىلار ئارىسىدا ئارازلىق بولۇپ قالغاندا قوشنىلار ئەپلەشتۈرۈپ قويۇش مەقسىتىدە ئائىلىدە تاماق تەييارلاپ، ئىككى تەرەپنى ئەپلەشتۈرۈپ قويىدۇ. جېدەللەشكەنلەرمۇ ئۆزئارا چاي تۇتۇشۇپ، بىر – بىرىدىن تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئەپۇ سوراپ، ئاداۋەتنى كۆڭلىدىن چىقىرىۋېتىپ يېڭىباشتىن دوستلۇق ئورنىتىدۇ. بۇنداق قىلىش خەلقىمىزدە ساۋابلىق ئىش، دەپ قارىلىدۇ.
    سەپەردىن قايتىپ كەلگەنلەردىن ھاردۇق سوراش ئادىتى. خەلقىمىزدە سەپەردىن قايتىپ كەلسە قۇلۇم – قوشنىلىرى ئۇنىڭ ئائىلىسىگە بېرىپ ھاردۇق سورايدۇ. بۇ، ئۇلارنىڭ سەپەر قىلغۇچىنىڭ ئامان – ئېسەن قايتىپ كەلگەنلىكىنى تەبرىكلەش، خۇشال بولۇشتەك ھېسسىياتىنى ئىپادىلىشىنىڭ ئۈنۈملۈك يولى.
    تۇغۇت يوقلاش ئادىتى. بىزدە ئايال تۇغسا قۇلۇم – قوشنا، ئۇرۇق – تۇغقانلار ئاتىغىنىنى ئېلىپ، ئۆيىگە كىرىپ يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنى يوقلىغاچ، ئانىغا ۋە بوۋاققا ياخشى تىلەكلىرىنى ئىپادىلەيدۇ.
    خەتنە قىلىنغان، قۇلىقى تېشىلگەن پەرزەنتلەرنى يوقلاش ئادىتى. ئادەتتە، ئوغۇللار يەتتە – سەككىز ياشقا كىرگەندە خەتنىسى قىلىنىدۇ، قىزلار بەش – ئالتە ياشقا كىرگەندە قۇلىقى تېشىلىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئۇلارنىڭ دوستلىرى، يەنى قۇلۇم – قوشنىلارنىڭ پەرزەنتلىرى بالىلار ئامراق نەرسىلەرنى ئېلىپ كىرىپ ئۇلاردىن ئەھۋال سورايدۇ. بەزىدە چوڭلارمۇ يوقلايدۇ ۋە ئۇلارغا ياخشى تىلەكلىرىنى بىلدۈرۈشىدۇ.
    يۇقىرىدا ئەجدادلىرىمىز ئۇزاق تارىخىي دەۋرلەردىن بۇيان قوشنىدارچىلىق مۇناسىۋىتىدە شەكىللەندۈرگەن ئادەتلىرىنىڭ بىر قىسمىنى ئىزاھات خاراكتېرىدە قىسقىچە تونۇشتۇردۇم. بۇ ئادەتلەرنىڭ ھەممىسىدە خەلقىمىزنىڭ ئىناقلىق، ئىتتىپاقلىق، تىنچ – خاتىرجەملىك، مېھرىبانلىق، كۆيۈمچانلىق، ئۇيۇشۇشچانلىق ئېڭى ئىپادىلەنگەن. قوشنىدارچىلىق ئادەتلىرىنىڭ ھەممە شەكلىدە بۇ تەرەپلەرنى ئېنىق كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. بۇ مۇھاكىمە، چۈشەندۈرۈش تەلەپ قىلمايدىغان، ئۆزلىرىنىڭ ئىناقلىق، ئىتتىپاقلىق ئىدىيەسىنى ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئىسپاتلايدىغان بىر خىل پائالىيەت. بۈگۈنكى كۈندە بۇنداق ئادەتلىرىمىزنى تەكىتلەش، تەشەببۇس قىلىش يەنىلا زۆرۈر. قوشنىدارچىلىق مەڭگۈ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. قوشنىدارچىلىق ئادەتلىرىمىز تېخىمۇ مۇكەممەللەشسە، ئۇنىڭ ئىناق – ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىش، ئۇيۇشۇشچانلىقنى ئاشۇرۇش، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە پايدىسى زور.



ئەتلەس
ئۇزۇن ئۆمۇر چول…
           
باشقۇرغۇچى ئورۇن: شىنجاڭ خوتەن ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمە؛ ئۈستىگە ئالغۇچى ئورۇن: شىنجاڭ خوتەن ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمە ئىشخانىسى
شىنجاڭ خوتەن ۋىلايەتلىك ئېلېكترونلۇق مەمۇرىيەت ئىشخانىسى قۇرىدۇ ۋە قوغدايدۇ
پوچتا نومۇرى:848000  تېلغۇن نومۇر:0903-2038261 2032645  ئادرىسى: شىنجاڭ خوتەن شەھەر تانار شىمالى يولى 3-نومۇر