 |
 |
|
خوتەنلىكلەرنىڭ چوڭ ئۆي مەدەنىيىتى
:ۋاقىت:2012-01-09 ماقالىنىڭ كىلىش مەنبەسىخوتەن گېزىتى
|
|
مەتتۇرسۇن ھەسەن
خوتەنلىكلەر چەكسىز كەتكەن تەكلىماكان ساھىلى بىلەن قاراقۇرۇم گىرۋەكلىرىدە توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان بولغاچقا، ئۇلارنىڭ مەيلى ئەدەبىيات - سەنئەت ياكى مەدەنىيەت ئىشلىرى بولسۇن، ھەممىسىگە بىر خىل ئىناقلىق، ئىتتىپاقلىق، مەرتلىك، ئەركەكلىك پۇرىقى سىڭىپ كەتكەن. خوتەنلىكلەر لەۋزىدىن يانمايدۇ، خۇشپېئىل، مېھماندوست كېلىدۇ. گەپنى كېسىپ ئېيتىدۇ، كۆكسى - قارنىنى كەڭ تۇتىدۇ، ئاداۋەت ساقلىمايدۇ. ئۇلار ئازادە، ساددا كىيىملەرنى كىيىشكە، قەھرىتان قىش كۈنلىرىدىمۇ سىرتتا يۈرۈشكە ئامراق. خوتەنلىكلەرنىڭ چوڭ ئۆي مەدەنىيىتى ئۇلارنىڭ مانا مۇشۇنداق ئالاھىدىلىكلىرى ئاساسىدا بىر جەمەتنى ئاساس قىلىپ شەكىللەنگەن. چوڭ ئۆيلەر ئادەتتە بىر قەدەر كەڭ- كۇشادە، ئازادە كېلىدۇ. بىر قورۇغا 10 ئېغىزدىن 20 ئېغىزغا قەدەر ئۆي سېلىنىدۇ. بۇ ئۆيلەرنىڭ بەزىسى ئايۋان شەكلىدە، بەزىسى شىپاڭ شەكلىدە بولىدۇ. چوڭ ئۆينىڭ بىرلا دەرۋازىسى بولۇپ، ئوغرى - يالغاندىن ساقلىنىشقا ناھايىتى ئەپلىك. چوڭ ئۆيدە بوۋاي، موماي، ئاندىن قالسا ئۇلارنىڭ ئوغۇللىرى، كېلىنلىرى، ئوغۇل نەۋرىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئاياللىرى، ياتلىق بولمىغان قىزلار بىرلىكتە بىر ھويلىدا تۇرمۇش كۆچۈرىدۇ. قىزلار چوڭ بولغاندىن كېيىن ياتلىق بولۇپ چىقىپ كېتىدۇ. بىراق ئوغۇللار داۋاملىق چوڭ ئۆيدە تۇرىدۇ. ئوغۇللار توي قىلغاندىن كېيىن ھويلا ئىچىدىن ئايرىم ھوجرىغا ئىگە بولىدۇ، ئەمما تاماقلىنىش ۋە بارلىق ئائىلە ئىشلىرى بوۋاي، موماينىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە كوللېكتىپ ئاساستا بولىدۇ. چوڭ ئۆيدە ئىقتىسادنى، تاماق، كىيىم - كېچەكنى، پارچە خىراجەتلەرنى، ئېتىز - ئېرىق ئىشلىرىنى باشقۇرىدىغان ئايرىم - ئايرىم باشقۇرغۇچىلار بولىدۇ. كېلىنلەر ئاساسەن ئائىلە ئىشلىرىنى قىلىدۇ. ئوغۇل، كېلىنلەر ھەر كۈنى ئەتىگەن چوڭلارنىڭ ئالدىغا سالامغا كىرىدۇ. بەزى چوڭراق جەمەتلىك ئۆيلەردە 60- 70 ئادەم بىر ھويلىدا ياشايدۇ. مەنمۇ چوڭ ئۆيدە چوڭ بولغان، مەن تۇغۇلغان ئۆينىڭ ئورنى ئۈچ مودىن ئارتۇقراق كېلەتتى. ھويلىدا تەخمىنەن ئوتتۇز ئېغىزدىن ئارتۇق ئۆي بولۇپ، 100گە يېقىن ئادەم بىر ھويلىدا ياشايتتۇق. ھويلىنىڭ ئوتتۇرىسىدا چوڭ بىر تۈپ ئاق ئۈجمە دەرىخى بولۇپ، ئۇنىڭ تۈۋىگە 50 چىلەك ئەتراپىدا سۇ سىغىدىغان ياغاچ سوغا ئورنىتىلغان ئىدى، ھويلىنى بىر قېتىم تازىلاش ئۈچۈنمۇ خېلى كۆپ ۋاقىت كېتەتتى. بۇنداق كۆپ جەمەتلىك چوڭ ئۆيلەر ئەينى يىللىرى مەھەللىمىزدە خېلى كۆپ ئىدى. ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 60 - يىللىرىدىن كېيىن يەرلەرنى سالالاشتۇرۇش، ئائىلىلەرنى بىر يەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ سېلىش جەريانىدا كونا ئۆيلەر چېقىپ تاشلاندى. ھەممە ئائىلىلەر بىر يەرگە مەركەزلەشتۈرۈلۈپ سېلىنغاچقا، چوڭ ئۆيلەر ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى يوقاتتى، بۇنداق ئۈچ، تۆت ئەۋلاد كىشى بىر قورۇدا بىرلىكتە ياشايدىغان ئادەتنى ھازىر ئۇچراتقىلى بولمايدۇ. ھازىر خوتەنلىكلەر ئارىسىدا ئۈچ، تۆت ئەۋلاد كىشى بىر ئۆيدە ياشايدىغانلار ئاساسەن قالمىغان بولسىمۇ، لېكىن ئىككى ئەۋلاد، سەككىز، توققۇز ئادەم بىر ئائىلىدە ياشايدىغانلار سەھرالاردا خېلى كۆپ ئۇچرايدۇ. گەرچە بۇرۇنقىدەك كەڭ قورۇلۇق چوڭ ئۆيلەر بولمىسىمۇ، ھېيت - بايرام كۈنلىرى ئۈچ - تۆت ئەۋلاد تۇغقانلار چوڭ ئۆيگە يىغىلىپ ھېيت - بايرام ئۆتكۈزىدۇ. بۇ جەرياندا چوڭلار بالىلارغا نۇرغۇن نەسىھەتلەرنى قىلىدۇ. ئەدەپ - ئەخلاق، قائىدە ئۆگىتىدۇ. چوڭ ئۆي بىر خىل مەدەنىيەتنىڭ سىمۋولى، بالىلارنىڭ مىجەز - خاراكتېرى، ئەخلاق - پەزىلىتى، ئادىمىيلىك خۇسۇسىيىتى، ئىنسانىي خىسلىتى چوڭ ئۆيدە شەكىللىنىدۇ. بالىلار چوڭلار بىلەن بىرگە تۇرۇش جەريانىدا ئۇلارنىڭ بىۋاسىتە تەربىيەسىنى قوبۇل قىلىدۇ. چوڭ ئۆي ماھىيەتتىن ئالغاندا بالىلار ئۈچۈن بىر مەكتەپ، بالىلارنىڭ نۇرغۇن ئالاھىدىلىكلىرى چوڭ ئۆيدە ياشاش جەريانىدا شەكىللىنىدۇ. چوڭ ئۆيلەر ئائىلە ئەزالىرىنى ئۇيۇشتۇرۇش، ئىناقلىق، ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئۇرۇق - تۇغقانلارنىڭ كوللېكتىپچانلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇش، ئائىلىنى قەدىرلەيدىغان، چوڭلارنى ھۆرمەتلەيدىغان روھ يېتىلدۈرۈش، گۈزەل ئائىلە مەدەنىيىتى بەرپا قىلىش جەھەتتە ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ. كەڭ قورۇلۇق، كۆپ جەمەت توپلىشىپ بىرگە تۇرىدىغان چوڭ ئۆي مەدەنىيىتى شەكىل جەھەتتىن قىسمەن تارايغان بولسىمۇ، لېكىن مەدەنىيەت ئەندىزىسى جەھەتتىن يەنىلا ئۆز ئالاھىدىلىكىنى ساقلاپ قالغان. شەھەرلىشىش سۈرئىتى تېزلىشىۋاتقان، ئائىلە كۆپىيىپ، ئۆيلەر تارىيىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، ئائىلە ئەزالىرىغا نىسبەتەن چوڭ ئۆي مەدەنىيىتىنى سىڭدۈرۈش ئۇلارغا كوللېكتىپچانلىق ئېڭىنى، ئىناقلىق، ئىتتىپاقلىقىنى قەدىرلەيدىغان خاراكتېرىنى سىڭدۈرۈشتە ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. خوتەنلىكلەرنىڭ چوڭ ئۆي مەدەنىيىتى مۇكەممەل، خاسلاشقان، سىستېمىلاشقان مەدەنىيەت. ئۇ ئۇيغۇر ئائىلە مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇش سۈپىتى بىلەن مۇھىم تەتقىقات قىممىتىگە ئىگە.
|
|
|
|
 |
|
 |
 |
 |
 |
|
|
 |
 |
 |
|
|
|
|
|
|
 |
|