 |
 |
|
ئۇيغۇرلارنىڭ يېمەك - ئىچمەك ئۆرپ - ئادەتلىرى
:ۋاقىت:2011-12-05 ماقالىنىڭ كىلىش مەنبەسى
|
|
ئۇيغۇرلارنىڭ يېمەك - ئىچمەك ئۆرپ–ئادەتلىرى ئىچىدە ھېيت–ئايەم ، توي–تۆكۈن ، مۇراسىملار ۋە سەيلە–باراۋەت يېمەك–ئىچمەكلىرى ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇپ ، روشەن مىللىي تۈسكە ئىگە . ھەربىر ھېيت–ئايەمنىڭ ئۆزىگە خاس ئەنئەنىۋىي تاماقلىرى بار . مەسىلەن ، "نورۇز" كۈنى بۇغداي يارمىسىدىن قىلىنغان مەخسۇس "نورۇز كۆجىسى" ئېتىپ ، كوللېكتىپ ئېغىز تەگكۈزىدۇ . دېھقانلار كالېندارى بويىچە ھوشۇر ئېيىدا مول ھوسۇل خاتىرىسى ۋە دىنىي ئەقىدە بويىچە كۆكۋاش يارمىسى بىلەن گۈلە ، جىگدە ، قاق ، گۆش ، ھەر خىل قۇرۇق گۈلە - قاق سېلىنغان "كۆجە" ئېتىدۇ ۋە شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ياغ پۇرىتىپ يىت (پوشكال) سالىدۇ . مەۋلۇت ئېيىدا ياغ پۇرىتىپ پولۇ ۋە باشقا تاماقلارنى ئېتىپ دۇئا–تەكبىر قىلىدۇ . بارات ئېيتىدا ھەربىر ئائىلە ياغ پۇرىتىپ قۇيماق سالىدۇ ۋە باشقا ئېسىل تاماقلارنى ئېتىپ تۈنەيدۇ . رامزان ئېيىدا روزا تۇتۇش مۇناسىۋىتى بىلەن زولۇق ۋە ئىپتار ۋاقتىدا خىلمۇخىل ياخشى تاماقلارنى ئېتىپ ، روزا تۇتىدۇ ، ئىپتار قىلىدۇ . روزا ھېيت كۈنى ئەتىگەندە ھەرقانداق ئائىلە ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان تاماقلىرىنى ئېتىش بىلەن روزىنى ئۇزاتتۇق ، دېيىشىدۇ . يەنە روزا ھېيت ئۈچۈن ساڭزا ، پېچىنە - پىرەنىك ، پوشكال ، سامبۇسا ، قەنت - گېزەك ، ھۆل ، قۇرۇق يېمىشلەرنى تەييار قىلىدۇ . ئۆيمۇ ئۆي پەتىلەپ ، خىلمۇ خىل نازۇ نېمەتلەرگە ئېغىز تەگكۈزىدۇ . روزا ھېيتتا گەرچە قۇربانلىق قىلىنمىسىمۇ ، ھەربىر ئائىلە ئۆزىنىڭ ھالىغا يارىشا ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان تاماقلىرى بىلەن ئوزۇقلىنىدۇ . قۇربان ھېيت ئالاھىدە بولۇپ ، قۇربى يەتكەن ئائىلىلەرنىڭ ھەممىسى قۇربانلىق قوي سويىدۇ . بۇ كۈندىكى تۇنجى تاماق قۇربانلىق قىلىنغان قوينىڭ دۈمبىجىگىرى بولۇپ ، ئاندىن پىشۇرۇلغان گۆش يېيىلىدۇ . قۇربانلىق قىلغان ئۆيلەرنىڭ ھەممىسىدە ئۆپكە – ھېسىپ قۇيۇلىدۇ . قۇربانلىق قىلىشقا قۇربى يەتمىگەن يوقسۇل ئائىلىلەر بولسا ھەرقايسى قوي سويغان ئائىلىلەر كىرگۈزگەن خامتالاش (خام تارقىتىلغان ) گۆشنى پىشۇرۇپ يەيدۇ . ھەرقانداق ئائىلە گۆشسىز قالمايدۇ . بالىلارغا ئىسىم قويۇش (ئات) تويىدا ، ئۆمرى ئۇزۇن بولسۇن ئۈچۈن لەڭمەن قاتارلىق تاماق ئەتسە ، قىرىق تويىدا بالىلار ئۈچۈن مەخسۇس ئاتىلا ئېتىپ كىچىك توقاچلار بىلەن بېرىدۇ . سۈننەت تويىدا ، كۆپ مېھمان چاقىرىپ قوي ، كالا سويۇپ ئاش (پولۇ ) ئېتىشتىن تاشقىرى ، ئائىلىدە تۇخۇم يېيىش ئەنئەنىسىمۇ بار . قىز - يىگىت تويلىرىدا ئاساسىي تاماق پولۇ بولىدۇ . بىر لېگەن ئاش ئۈچ كىشىگە قويۇلىدۇ . توي داستىخىنى ھەر خىل نازۇ نېمەتلەر بىلەن تولىدۇ . ئاياللار داستىخىنى تېخىمۇ مولراق بولىدۇ . بەزى جايلار (جەنۇبىي شىنجاڭ)دا ئاياللارغا نىشالا قويۇش ، نان قورداق قىلىش ئادەتلىرىمۇ بار . توي چېيى قاتارلىقلاردا پولۇ ۋە قورداق ئېتىلىدۇ . دېمەك ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھېيت- ئايەم ، توي - تۆكۈن تاماقلىرى ئالاھىدە بولۇشتىن تاشقىرى ، يەنە مول بولىدۇ .
|
|
|
|
 |
|
 |
 |
 |
 |
|
|
 |
 |
 |
|
|
|
|
|
|
 |
|