2012 - يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە يېزا، كەنت ساقچى ئىشلىرى ئىشخانىلىرىغا مەخسۇس تۈر بويىچە ساقچى قوبۇل قىلىش توغرىسىدا ئېلان
:ۋاقىت:2012-01-10 ماقالىنىڭ كىلىش مەنبەسى
ئاپتونوم رايون 2012 - يىلى 1 - پەسىلدە ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، قەشقەر، ئاقسۇ، خوتەن ۋىلايىتى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى ۋە بايىنغۇلىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ بىر قىسىم ناھىيەلىرىدىكى يېزا، كەنت ساقچى ئىشلىرى ئىشخانىلىرىغا «ئاشكارە، ئادىل بولۇش، رىقابەتلىشىش، سەرخىللىرىنى تاللاش» ئۇسۇلىنىپ قوللىنىپ، مەخسۇس تۈر بويىچە 5000 نەپەر ساقچى قوبۇل قىلىشنى قارار قىلدى. بۇنىڭ ئىچىدە خوتەن ۋىلايىتىگە قوبۇل قىلىنىدىغان ساقچى 1105 نەپەر. قوبۇل قىلىش شەرتلىرى 1. ئالىي تېخنىكوملارنى پۈتتۈرۈپ دىپلوم ئالغان، شىنجاڭ نوپۇسىدىكىلەر ياكى شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلار. 2. شىنجاڭدىكى پۈتۈن كۈنلۈك ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرۈپ دىپلوم ئالغان، ئىچكىرىدىن چىققان ئوقۇغۇچىلار. 3. شىنجاڭدىكى ئاساسىي قاتلامغا مۇلازىمەت قىلىش تۈرلىرىگە قاتنىشىپ، مۇلازىمەت مۇددىتى توشقان ۋە تەكشۈرۈشتە لاياقەتلىك بولغانلار (ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرۈپ غەربىي رايون ئاۋانگارتلىرى پىلانىغا قاتناشقانلار) «ئۈچنى قوللاش، بىرنى يۆلەش» خادىملىرى ۋە كەنت كادىرلىقىغا ئەۋەتىلگەن ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەنلەر. 4. شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ھەر قايسى قىسىملار (قوراللىق ساقچى قىسىم ۋە ساقچى قىسىم)لاردىن چېكىنگەن تولۇق ئوتتۇرىدىن يۇقىرى مەلۇماتلىقلار. 5. شىنجاڭ نوپۇسىدا بولغان ھەمدە ئۇدا قوغداش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان قوغداش خادىملىرى، ج خ ئورۇنلىرىدا ئىككى يىلدىن ئارتۇق ياردەمچى ساقچى بولۇپ ئىشلىگەن تولۇق ئوتتۇرىدىن يۇقىرى مەلۇماتلىقلار. قوبۇل قىلىنغانلار ناھىيە - شەھەر دەرىجىلىك ج خ ئورگانلىرىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولىدۇ، ئىشتاتى تولۇق سوممۇلۇق كەسپىي ئىشتات بولۇپ، مەخسۇس يېزا، كەنت ساقچى ئىشلىرى ئىشخانىلىرىدا خىزمەت قىلىدۇ. قوبۇل قىلىنغانلار بىلەن ئەڭ تۆۋەن بولغاندا سەككىز يىللىق خىزمەت كېلىشىمى ئىمزالىنىدۇ. بۇ قېتىمقى يېزىقچە ئىمتىھانىغا ئاپتونوم رايونلۇق كادىرلار ئىشلىرى ئىمتىھان مەركىزى ئىش ئورنىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، تولۇق ئوتتۇرا مەدەنىيەت سەۋىيەسىنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ، بىر تۇتاش ئۇنىۋېرسال خاراكتېرلىك ئىمتىھان سوئالى چىقىرىدۇ. توردا تىزىملىتىش ۋاقتى: 2012 - يىلى 1 - ئاينىڭ 10 - كۈنى ئەتىگەن سائەت 10:00 دىن باشلاپ 1 - ئاينىڭ 19 - كۈنى كەچ سائەت 19:30 غىچە بولىدۇ (بېيجىڭ ۋاقتى). پۇل تاپشۇرۇش ۋاقتى: 2012 - يىلى 1 - ئاينىڭ 11 - كۈنىدىن 21 - كۈنى كەچ سائەت 18:00 گىچە بولىدۇ. يېزىقچە ئىمتىھان ۋاقتى: 2012 - يىلى 2 - ئاينىڭ 18 - كۈنى ئىمتىھانغا ئالاقىدار ئىشلارنىڭ تەپسىلاتىنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىنىڭ تور بېتى (http://www.xjrs.gov.cn)، شىنجاڭ كادىرلار ئىمتىھان مەركىزىنىڭ تور بېتى http://www.xjrsks.com.cn شىنجاڭ كوئېنلۇن تور بېتى http://www.xjkunlun.cn دىن كۆرۈۋالسىڭىز بولىدۇ. خوتەن ۋىلايەتلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى خوتەن ۋىلايەتلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى 2012 - يىل 1 - ئاينىڭ 6 - كۈنى